جەنۇپ بىلەن شىمال ئۇرۇشى
بەش مىڭ يىل
1861 - يىل 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى لىنكولن قەسەم بېرىپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولدى.
بۇ چاغدا كىشى ھەيران قالىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى! ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى 11 شىتات بىرلىشىپ، «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ھۆكۈمىتى» نى قۇردى، ئۇنىڭغا دېۋىس ئىسىملىك بىر كىشىنى «زۇڭتۇڭ» قىلىپ سايلىدى، ئامېرىكا تۇرۇپلا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جەنۇپ ئارمىيىسى چارلىزتون پورتىنىڭ سىرتىدىكى سامورتا قورغىنىنى توپقا تۇتۇپ، ئوچۇقتىن - ئوچۇقلا ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى.
ئۇلار لىنكولن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق غالجىرلىق بىلەن قارشى تۇرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، لىنكولن نېگىرلارغا بولغان قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى ئاكتىپ قۇۋۋەتلىگۈچىلەردىن ئىدى، شۇ كەملەردە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىايتى تەكشى ئەمەس ئىدى، شىمال تەرەپتە سانائەت ئاساس قىلىنغان بولۇپ، كاپىتالىزىم تەرەققىي قىلغان؛ جەنۇپ تەرەپتە يېزى ئىگىلىكى ئاساس قىلىنىپ، ئىكىنزارلىقتىكى ئەمگەك كۈچى پۈتۈنلەي ئافرىقىدىن بۇلاپ كېلىنگەن نېگىرلار بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىدى. لىنكولن تەختكە چىقىش بىلەنلا، جەنۇبتىكى ئېكىنزارلارنىڭ قۇلدارلىرى چۆچۈپ گاڭگىراپ قېلىپ، دەرھال ئۆكتەملىك بىلەن توپىلاڭ بايرىقىنى كۆتىرىپ چىقتى.
لىنكولن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، پىدائىي قوشۇن تەشكىللەپ، جەنۇپتىكى توپىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئەسكەر ئېلىش پەرمانى چىقاردى. كەڭ ئامېرىكا خەلقى قىزغىن ئاۋاز قوشتى. لىنكولن ئەسلىدە 75 مىڭ ئەسكەر ئالماقچى بولغان ئىدى، ئەمما تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار ئون ھەسسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ قىسىمنىڭ روھىي كۆتىرەڭگۈ بولۇپ، قەھرىمانلارچە جەڭ قىلسىمۇ، ئەمما ياراملىق كوماندىر بولمىغانلىقتىن، بىرىنچى جەڭدىلا جەنۇپ ئارمىيىسى ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ، بىراقلا ۋاشىڭگتون شەھىرى ئەتراپىغىچە چېكىندى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بىر مەھەل ئوپۇر - توپۇر بولۇشتى.
- نېگىرلار قۇللارنى سۆزسىز ئازاد قىلىش كېرەك! لىنكولن ناچار ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، 1863 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى «ئازادلىق پەرمانى» چىقاردى. پەرماندا، ئامېرىكىدىكى بارلىق قۇللار بۈگۈندىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدۇ، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر خىل خىزمەتلەرگە، جۈملىدىن ئارمىيىگە باراۋەرلىك ئاساسىدا قاتنىشىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. لىنكولن بۇ پەرمانغا ئىمزا قويغاندا، ھاياجانلىنىپ قوللىرى تىترەپ، خەتنى يازالمىغىلى تاس قالدى. ئۇ ئىمزا قويۇپ بولغاندا، پۈتۈن سورۇندىكىلەر تەنتەنە قىلىشتى، بەس - بەستە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، شۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ قولى تېخىچە تىترەيتتى!
ئازادلىق پەرمانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نېگىرلار قىزغىنلىق بىلەن ئارمىيىگە قاتنىشىپ، 400 - 500 مىڭغا يەتتى. ئۇلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن بىرلىكتە قەھرىمانلارچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جەنۇپ ئارمىيىسى بىلەن گېدسبۇرگتا ئۈچ كىچە - كۈندۈز جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق كوماندىر - ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، جەنۇپ بىلەن شىمال ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى چوڭ غەلىبىگە ئېرىشتى. ئامېرىكا خەلقى قالتىس خوشال بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن تەبرىك يىغىنلىرى ئاچتى.
ئەتىسى لىنكولننىڭ ئوغلى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، دادىسىنىڭ ئىش ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- دادا، نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى ئوغلى ناھايىتى ھەيران بولۇپ.
- بۇ قېتىمقى جەڭ ناھايىتى ئوسال بولدى! - دېدى لىنكولىن جاۋاب بېرىپ.
_ ئۇرۇشتا چوڭ غەلىبە قازىنىپتۇغۇ؟ پۈتۈن مەملىكەت تەبرىكلەۋاتىدۇ!
- ياق، ئالدىنقى سەپتىكى قوماندان بۇيرۇقۇمغا قولاق سالماي، جەنۇپنىڭ ئەسكەرلىرىنى قاچۇرۇپ قويدى. ئۇلار يەنە بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانچىلىك ياشلاپ ئۆلىدۇ، دەيسەن!
لىنكولن گەرچە ھەربى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇرۇشنىڭ قائىدىلىرىنى بىلەتتى. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتا، گەپ بىرەر شەھەر، بىرەر جاينى ئېلىشتا ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ نۇرغۇن جانلىق كۈچىنى يوقىتىشتا ئىدى. شۇڭا، لىنكولن ياش كوماندىر گرانېتنى بىر يۆنۈلۈش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى قىلىپ، ئۇنى توپ - توغرا مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزغا ئەۋەتىپ، جەنۇپنىڭ سۇ قاتنىشىنى قامال قىلدى. لىنكولن پەقەت گرانتېلا ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلالايدۇ، دەپ قارايتتى.
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى لىنكولىن گرانېتنىڭ ئالدىنقى سەپتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، كۈتكەندەك ئىش بولدى، جەنۇپنىڭ مىسسىسپى دەرياسىنىڭ تۈگۈنى بولغان ۋىكسىتوندىكى 40 مىڭ ئەسكىرى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى. لىنكولن قالتىس خوشال بولۇپ، دەرھال تېلېگرام بېرىپ، گرانتېنى ئاق سارايغا چاقىرتتى ھەمدە ئۇنىڭغا شەخسەن ئۆزى جۇڭجياڭلىق ئۇنۋانىنى بەردى. شۇ چاغدا، ئامېرىكىدا شاۋجياڭ ئەڭ ئالى ئۇنۋان ھېسابلىناتتى. گرانتې ئامېرىكىدا جۇڭجاڭلىق ئۇنۋانىنى ئالغان بىرىنچى كىشى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى پۈتۈن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى.
جەنۇپ ئارمىيىسىنى يوقىتىشنىڭ ئاخىرقى پەيتى يېتىپ كەلدى! گرانتې ئەسكەرلەرنى تۆت يىلغا بۆلدى: دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرىنى شەرق تەرەپتىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىنى قامال قىلىشقا ئەۋەتتى؛ شېلماننى 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ، 1000 چاقىرىم يەرنى ئايلىنىپ بېرىپ، جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سېپىگە كىرىشكە ئەۋەتتى؛ شېلدىڭنى ئاتلىق ئەسكەرلەرنى باشلاپ بېرىپ، جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ غەربىي يولىنى توساپ ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى؛ ئۆزى چوڭ قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، شىمالىي سەپتە جەنۇپقا ھۇجۇم قىلدى. جەنۇپ ئارمىيىسىنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ، بىر ھۇجۇم بىلەنلا سۈپۈرۈپ تاشلىدى.
شېلماننىڭ ۋەزىپىسى ھەممىدىن مۇشەققەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ قىسىملىرى دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە بېرىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يول بېسىشقا توغرا كېلەتتى، ئوق - دورا ۋە ئاشلىقنى كىم يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؟ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن يولغا چىققىلى ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق دېرىكى بولمىدى. لىنكولن ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماي، كېچە - كۈندۈز خەۋەر كۈتتى. 1864 - يىللىق روژدىستىۋا بايرىمى (12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى) يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇش خەۋەرمۇ يېتىپ كەلدى. شېلمان جۇرجىيە شىتاتىنىڭ مەركىزى ئاتلانتانى ئالدى، دېڭىز بويىدىكى شەھەر ساۋاننانىمۇ ئېلىپ، دېڭىزدىكى پاراخوت ئەترىتى بىلەنمۇ ئالاقە باغلاپ، جەنۇپ ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي قورشىۋالدى!
شېلمان يىراق يوللارنى بېسىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىگە قانداق يېتىپ باردى؟ نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش ئۇنىڭ ئەڭگۈشتىرى ئىدى. ئۇلار ھەر بىر جايغا يېتىپ بارغاندا، ئازاد قىلىنغان نېگىر قۇللار كەينى - كەينىدىن قوزغىلىپ، ئىكىنزارلىق ئىگىسى بولغان قۇلدارلارنىڭ ئاشلىق ۋە قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، شىمال ئارمىيىسىگە ياردەم بەردى. خەلق ياردەم بېرىۋاتقان يەردە، ئارمىيە غەلىبە قىلماي قالاتتىمۇ؟
جەنۇپ ئارمىيىسى مالىماتاڭ بولۇپ كەتتى. «زۇڭتۇڭ» دېڭىز ئارقىلىق قاچتى؛ «باش قوماندان» ئالدىراپ - تېنەپ غەربتە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقتى. ئەمما ئۇلار 160 كىلومېتىردىن كۆپرەك يول باسقان چاغدا، شېلدىڭنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسىدى. جەنۇپ ئارمىيىسى ھېچ ئامال قىلالماي، 1865 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پۈتۈنلەي تەسلىم بولدى. توپ - توغرا تۆت يىل داۋام قىلغان جەنۇپ بىلەن شىمال ئۇرۇشى جەنۇپ ئارمىيىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيىتى بىلەن غەلبىلىك تاماملاندى.
بەش كۈندىن كېيىن، يەنى 1865 - يىل 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، لىنكولن خوشال - خورام ھالدا، خانىمى بىلەن بىللە فورت تىياتىرخانىسىغا بېرىپ ئوپېرا كۆردى. ئۇلار لۆژىگە كىرىپ كەلگەندە، تىياتىرخانىدىكى تاماشىبىنلار دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ تەنتەنە قىلدى، پۈتۈن زالدا ياڭرىغان ئالقىش ساداسى توختىماي، تاكى ئوپېرا باشلانغۇچە داۋاملاشتى. دەل شۇ چاغدا، لۆژىگە بىر قارا كۆلەڭگە كىرىپ كېلىپ «پاڭ!» قىلىپ ئوق چىقاردى - دە، لىنكولن ئورۇندۇققا يىقىلدى. بۇ قارا كۆلەڭگە بىر سەكرەپ سەھنىگە چىقىپ، «مەن جەنۇپتىكىلەر ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدىم!» دەپ توۋلاپلا، دەرىزىدىن قېچىپ كەتتى، دەرىزە سىرتىدا بۇرۇنلا تەييار قىلىپ قويۇلغان ئات تۇراتتى، ئۇ ئاتقا مىندى - دە، كۆزدىن غايىپ بولدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قاتىل تۇتۇلدى، ئۇنىڭ ئىسىمى جون پۇس بولۇپ، تىياتىرخانىنىڭ ئارتىسى ئىدى. ئۇ جەنۇپتىن كەلگەن جاسۇس ئىكەن. بىراق ئۇ قولغا ئېلىنىش ۋاقتىدا قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن، شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلاندى، ئۇنى كىم ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم بولماي، پەردە ئارقىسىدىكى قاتىل قۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ۋەقە جەنۇبتىكى قۇلدارلارنىڭ قەبىھ ۋە جاھىللىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقتىمۇ، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش تارىخىي ئېقىم بولۇپ، ئۇنى ھېچكىممۇ توسىۋالالمىدى، قۇللۇق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى ئارقىسىدا، ئامېرىكىدا كاپىتالىزىم زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى.
لىنكولن نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش يولىدا قۇربان بولدى، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى خەلق مەدھىيلىدى. 100 يىلدىن كېيىن، يەنى 1982 - يىلى، ئامېرىكىدا خەلق ئىرادىسىنى سىناش ئېلىپ بېرىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى 40 نەپەر زۇڭتۇڭ ئىچىدىن بىر نەپەر «ئەڭ ياخشى زۇڭتۇڭ»تاللاش تەلەپ قىلىنغاندا، لىنكولىن بىرىنچى بولدى.