تېلېۋىزورنىڭ دۇنياغا كېلىشى
بەش مىڭ يىل
سىز ئاخشامدا تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىزىقارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا، تېلېۋىزىيىنىڭ قانداق كەشپ قىلىنغانلىقىنى، دۇنيادا تۇنجى تېلېۋىزورنىڭ قاچان ياسالغانلىقىنى ئويلامدىغانسىز؟
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا سىمسىز تېلېگراف تېخنىكىسى ئالاقە ۋە رادىئو ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىختراچىلار، جۈملىدىن ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملار بىلەن ئىنژېنېر تېخنىكلار ھەر خىل چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، [ئەمەلىي ئەھۋال» نى تارقىتالايدىغان تېلېۋىزور كەشپ قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەممائ ۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.
1906 - يىلى، 18 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيىلىك ياش بائىرد ئەنگلىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھېستنمىستا ئاددىي تەجرىبىخانا قۇرۇپ تېلېۋىزور ياساشقا ئىردە باغلىدى. ئەمما ئۇ، تېلىۋىزىيە قائىدىسىنى ناھايىتى خىرە چۈشىنەتتى. ئۇنىڭچە، تارقىتىلىدىغان مەنزىرىنى نۇرغۇنلىغان ئىنىق ياكى تۇتۇق چېكىتلەرگە بۆلگەندىن كېيىن، ئېلېكتىر بەلگىلىرى شەكلىدە تارقىتىش، ئەڭ ئاخىرىدا قوبۇل قىلغۇچى تەرەپتە ئۇنى يېڭىباشتىن ئەكس ئەتتۈرۈش لازىم ئىدى. ئۇ مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، سىناقنى باشلىۋەتتى.
تەجرىبە خىراجىتى يوق، بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئولتۇرغان ئۆيدىكى يۈز يۇيىدىغان داس جفزىسى ئۇنىڭ تەجرىبە ئەسلىھەسىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولۇپ قالدى؛ ئۇنى ئەسكى - تۈسكىلەر ئارىسىدىن تېپىپ كەلگەن چاي يەشىكىگە تۇتاشتۇرۇپ، يەشىك ئۈستىگە ئېلېكتر سايمانلار ماگىزىنىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەسكى - تۈسكىلەر ئارىسىدىن تېپىۋېلىنغان ماتورنى قويدى، بۇ ئارقىلىق تۆت بۇرجىكىدىن ئۇششاق تۆشۈكلەر ئېچىلغان كاردون قەغەزدىن ياسالغان «باسما تەخسە» نى ئايلاندۇردى. ئېنىق ۋە تۇتۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغان نۇرغۇن چېكىتلەرگە بۆلۈنگەن مەنزىرە مۇشۇ ئۇششاق تۆشۈكلەر ئارقىلىق تارقىتىلاتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئاددىيلا ياسىلىپ كونا پېچىنە يەشىكىگە سېلىنغان كۆلەڭگە چۈشۈرۈش لامپىسى، ۋېلىسىپىت دۇكىنىدىن سېتىۋالغان بىر نەچچە پارچە لىنزى ئەينەك ھەمدە كېرەكتىن چىققان ھەربىي تېلېگراف ئاپپاراتىدىن چۇۋۇۋېلىنغان زاپچاس قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. بۇ قالايمىقان نەرسىلەر يىلىم، يىپ ۋە ئىرماش - چىرماش ئېلېكتەر سىملىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر يۈرۈش تەجرىبە ئۈسكۈنىسىگە ئايلندۇرۇلدى.
بائېرد تەجرىبىخانىدا يىللاپ، ئايلاپ پايپېتەك بولدى. ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ھېلىقى چۇۋۇپ، ھېلى قۇراشتۇراتتى. ئۇ ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىسىدا، ئاخىر 1924 - يىل باھاردا بىردەستە كرېست گۈەلنى سىملىق تېلېگراف ئارقىلىق تارقاتتى. تارقىتىلغان ئارىلىق ئاران ئۈچ مېتىر بولۇپ، سۈرەت بىردەم كۆرۈنسە، بىردەم كۆرۈنمەي، پەقەت ئومۇمىي دائىرىلا كۆرۈنەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئەمەلىيەتتە، دۇنياىدكى تۇنجى تېلېۋىزىيە تارقىتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى بولۇپ قالدى.
سۈرەت ئېنىق چىقمايۋاتىدۇ، تارقىتىش ئارىلىقى يىراق ئەمەس، بۇ توك بېسىمىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى بائېرد. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بىر نەچچە يۈز باتارېيىنى چېتىپ، ئىككى ۋولتلۇق توك بېسىمى ھاسىل قىلدى. ئۇ توك يولىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇشىغا، ئېھتىياتسىزلىقتىن سول قولى بىر تال يالىڭاچ سىمغا تېگىپ كېتىپ، توك ئۇنى يەرگە يىقىتىۋەتتى. ئۇ تۈگۈلۈپ قېلىپ، شۇئان ھوشىدىن كەتتى.
«ئىختىراچىنى توك سوقۇۋېتىپتۇ!» ئەتىسى ئەتىگەندە، لوندوندا چىقىدىغان «كۈنلۈك گېزىت» بائېردنى توك سوقۇۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى چوڭ خەتلىك ماۋۇزۇ بىلەن باستى. بائېرد بىردەمدىلا ئەنگلىيىدكى گېزىتلەرنىڭ ئاخبارات ئەربابى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا خەيرىخاھلىق قىلغۇچىلارمۇ، ئۇنى زاڭلىق قىلغۇچىلارمۇ ياكى قىزىقىپ ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىنى كۆرگىلى كەلگەنلەرمۇ بولدى.
بائېرد خىراجەتكە ھاجەتمەن بولۇپ تۇراتتى، ئۇ گېزىتنىڭ تەشۋىقاتىدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئۇ بىر ئامال قىلىپ مۇخبىرلارغا بىر قېتىم نەق ئەھۋالنى كۆرسەتتى. بىر كىچىك گېزىت بۇ قېتىمقى نەق ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى. لوندوندىكى سىمسىز تېلېگراف سايمانلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا، بائېردنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەممە ئىختىرا دارامىتىنىڭ يېرىمىغا شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بائېرد بۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇنداق ىلىپ ئۇنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ھېستىنھىستىكى ئۆيدىن پايتەخت لوندونغا كۆچۈرۈلدى.
بىراق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىراجەت تۈگىدى، سىناقتا چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىدى. 1925 - يىلىنىڭ بىر كۈنى، لونداوندىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ خوقايىنى ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنداق بىرتوختام تۈزدى: ئۇنىڭغا ھەر ھەپتىدە 25 فوندستېرلىك بېرىدىغان، زۆرۈر ماتېرىياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان، بائېرد ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى كەشپىياتىنى مۇشۇ ماگىزىننىڭ ئېلېكتر سايمانلىرى بۆلۈمىدە ھەركۈنى ئۈچ قېتىم ئاشكارا مەشغۇلات قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولدى. ئىختىرا تېخى پۈتۈنلەي ۋۇجۇدقا چىقماي تۇرغاندا، ئۇنى ئاشكارا كۆرسىتىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بائېرد ئېنىق بىلسىمۇ، ئەمما خىراجەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ ئىشلەشكە مەجۆبۇر بولدى.
تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدا خېرىدارلار مىغىلدايتتى، ماگىزىندىكى تارقىتىش ئاپپاراتى بىلەن قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان يانداقش ئىككى ئۆيگە تۈركۈم - تۈكۈم كىشىلەر تىقىلىپ كەتتى. ئەمما، تاماشىبىنلار خۇشال كىرىپ، مەيۇس قايتاتتى. كىشىلەر يەنىلا تۇتۇق كۆلەڭگە بىلەن چىمىلداپ تۇرغان ئومۇمىي دائىرىنىلا كۆرەتتى.
- سىز نېمە ئۈچۈن بىزگە ئادەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتمەيسىز؟ _ دەپ سورايتتى كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن.
_ بۇنداق قىلىش ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدۇ، - دەپ جاۋاب بېرەتتى بائېرد تۈزۈت بىلەن. چۈنكى، ئادەمنىڭ يۈزىنى ئېنىق چىقىرىش ئۈچۈن، ئېنىق ۋە تۇتۇق قەۋەتلەر روشەن بولغاندىلا، ئاندىن ئېنىق چىقارغىلى بولاتتى.
بائېرد نەق مەيداندا كۆرسىتىش ئىشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدىن ئالغان پۇلمۇ ھايت - ھۇيت دېگۈچە تۈەىدى، ئاخىردا قورسىقىنى بېقىشمۇ تەس بولۇپ قالدى، كىيىم - كېچەكلىرى يىرتىلدى، ئايغى تېشىلىپ كەتتى، بۇلارنى ياماتقۇدەك پۇل يوق ئىدى، ئۆزىمۇ كۈندىن - كۈنگە ياداپ كەتتى، ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن، ئۆي خوجايىنى قوغلاپ چىقارماقچى بولدى. ئۇ ئۈسكۈنىدىكى زاپچاسلارنى چۇۋۇپ سېتىپ، بىر نەچچە كۈن قورساق بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
بائېردنىڭ تازا بېشى قېتىپ تۇرغان پەيتتە، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ئىككى بىر نەۋرە ئاكىسى مۇشۇ سىناققا قوشۇلغان پاي مەبلىغى سۈپىتىدە 500 فوندستېرلىڭ ئەۋەتتى. بائېرد خۇددى غەرق بولۇپ كېتىۋاتقان پاراخوتتىن قۇتۇلۇپ قالغاندەك، ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ دەرھال پۈتۈن كۈچى بىلەن سىناققا ئاتلاندى. بۇ چاغدا ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئۆزى يالغۇز ئىشلەيتتى، ئۇنىڭغا پەقەت تارقىتىش ئوبيېكتى قىلىنغان ياغاچ قورچاقلا ھەمرا بولدى، ئۇ بۇ قورچاقنى «بېل» دەپ ئاتايتتى.
«بېلنىڭ يۈزىنى قاچانمۇ ئېنىق تارقىتارمەن؟» _ دەيتتى ئۇ ھەمىشە ئىشلەۋېتىپ ئۆز - ئۆزىگە.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۈنلەر ئاخرى يېتىپ كەلدى. 1925 - يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بائېرد تەجرىبىخانىسىدا نۇرنى ئېلېكتر بەلگىلىرىگە ئايلاندۇرىدىغان يېڭى ئۈسكۈنىنى قۇراشتۇردى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بائېرد ئېلېكتر كۇنۇپكىسىنى بېسىش بىلەن تەڭلا، قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىدا بېلنىڭ بېشى ۋە دىدارىدىك ئالاھىدىلىكلەر ئېنىق نامايان بولدى. بەلكى شۇ قەدەر ئەينەنە چىقتىكى، ئۇنىڭ كۆزى، ئېغىزى، ھەتتا قاش - كىرپىكلىرى بىلەن چېچىمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرۈندى.
_ بەللى، زەپ ياخى بولدى! _ دەيتتى ئۇ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ - تېزدىن تىرىك بېلدىن بىرنى ئەكىلىڭلار!
بۇ بىنادىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ، ماگىزىندا ئىشلەيدىغان 15 ياشلىق بىر بالىنى كۆرۈپلا، ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالدى. بۇ بالا يالىڭاياق، چاچلىرى چۇۋۇق بۇ «ساراڭ» نى كۆرۈپ، قورققىنىدىن غال - غال تىترەپ كەتتى. بائېرد ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ - سۆز قىلمايلا، ئۇن ىئىتتىرىپ ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ، بېلنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، بائېردنىڭ «ئالۋاستى ئەينىكى» دە ئادەم يۈزى تۇنجى قېتىم نامايان بولدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ بائېردنىڭ نامى پۇركەتتى. ئۆزلۈكىدىن ياردەم بېرىشنى خالايدىغان كاپىتالىستلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. چوڭ كارخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كۈرەش مېۋىسىنى يۇتۇۋېلىش كويىدا بولىدى. بائېرد ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىناقنى باشلىۋەتتى. 1928 - يىلى، ئۇ لوندون ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە ئادەم سۈرىتىنى تارقىتىپ، نيۇ - يوركتىكى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىغا چۈشۈردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، لوندوندىكى بىر قىزنىڭ سۈرىتىنى ئوكيان پاراخوتىدا كېتىۋاتقان سۆيگىنىگە كۆرسەتتى.
بائېرد ئېلىپ بارغان سىناق پۈتۈن دۇنيا زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئۇ ئەنگلىيىدە تېلېۋزىيە - رادىئو ئىشلىرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئىلتىماس بەرگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى قوشۇلمىدى. مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە رادىئوسىنى تەلەپ قىلغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، پارلامېنتتا ئۇزاققا سوزۇلغان بەس - مۇنازىرېە قىزىپ كەتتى. پارلامېنت ئاخىرىدا تېلېۋىزىيە رادىئوسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارارق ىلدى.
1936 - يىل 12 - ئايدا، گېرمانىيە فاشىستلىرى چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، بائېرد تارقاتقان بىرىنچى تۈركۈم مۇكەممەل رەڭلىك سۈرەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، گىتلېرنىڭ: V ئۇچار بومبىسى بائېردنىڭ تەجرىبىىانىسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتتى.
بىراق، بائېرد قىلچە رايىدىن قايتماي، تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇردى. 1946 - يىل 6 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئەنگلاىيە رادىئو شىركىتى تۇنجى قېتىم «غەلىبە نامايىشى» دېگەن رەڭلىك تېلېۋىزىيە نومۇرىنى بەردى. ئەمما شۇ كۈنى بائېرد تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرەلمىدى، ئۇ ئۇزاق يىللار ئىشلەپ چاچىغانلىقتىن، ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ئالتە كۈندىن كېيىن، بائېرد ئەلەمدىن ئۆتتى، شۇ يىلى ئۇ 58 ياشقا كىرگەنىدى.
بائېرد ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياسىغان تۇنجى تېلېۋىزور ھازىرغىچە ئەنگلىيىنىڭ كىڭىستون مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئېغىزىنى ئېچىپ كۈلۈپ تۇرغان ياغاچ قورچاق ھېلىمۇ تېلېۋىزورنىڭ قېشىغا قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەرگە لەززەت بەرمەكتە.