UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتورونبۇرگ ئۇرۇشى

تورونبۇرگ ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش پىلانى فرانسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈزۈلگەنىدى. پىلاندا: ئەگەر گېرمانىيە ئالدى بىلەن غەربتىن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلسا، روسىيە بىرلا ۋاقىتتا شەرقتىن شەرقىي پرۇسسىيىگە ۋە ئاۋسترىيىنىڭ گالتسىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، گېرمانىيىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى شەرقىي، غەربىي سەپلەرگە بۆلۈپ جەڭ قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ دەپ بەلگىلەندى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى دېگەندەك ئالدى بىلەن شەرقتىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بېلگىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇدۇللاپ فرانسىيىگە يۈرۈش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، فرانسۇزلار روسىيە قوشۇنلىرىنى شەرقىي پرۇسسىيىدە ھۇجۇم قوزغاشقا دەۋەت قىلدى. روسىيە قوشۇنىنىڭ سەنمۇجاڭى گېنېرال گىلىنسكى فرانسىيىگە: ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكى بېرىلگەندىن باشلاپ ئىككى ھەپتىگىچە 800 مىڭ كىشىلىك روسىيە قوشۇنى ئۇرۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرىدۇ، دەپ كاپالەت بەردى. 1914 - يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، دەرۋەقە، 650 مىڭ كىشىلىك روسىيە قوشۇنى تولۇق تەييارلىنىپ بولدى. گىلىنىسكى بۇ ئەسكىرىي كۈچلەرنى ئىككى گۇرۇھ ئارمىيىسى قىلىپ ئايرىدى. بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىگە لېرنىنكوۋ، ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىگە ساسۇنوۋنى قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى ۋە ئۇلارنى دەرھال شەرقىي پرۇسسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى تېخىچە روسىيە تولۇق تەييارلىنىپ بولمىدى، شەرقىي پرۇسسىيىگە دەرھال ھۇجۇم قىلالمايدۇ، دەپ يۈرگەچكە، >شىلېففېن پىلانى< نى ئىجرا قىلىپ، كۆپ ساندىكى ئەسكىرىي كۈچىنى غەربىي سەپكە يىغىۋېلىپ، شەرقىي سەپكە پەقەت بىرلا گۇرۇھ ئارمىيىسى - سەككىزىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى، شۇڭا، روسىيىنىڭ ئىككى گۇرۇھ ئارمىيىسى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە دەماللىققا تاقابىل تۇرالماي غەربىي سەپكە چېكىنىشكە مەجبۇرلاندى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە قوشۇنلىرى خېلىلا ئىلگىرىلىۋالدى، ئەمما، روسىيە قوشۇنلىرىدا ئوزۇق - تۈلۈك، تەمىنات ۋە ترانسىپورت جەھەتلەردە يېتەرسىزلىك بولغاچقا، شەرقىي پرۇسسىيىگە كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاچارچىلىق ۋە چارچاش ئەۋج ئېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جەڭ قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئاجىز بولدى. بولۇپمۇ، بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، بۇلار ئارىسىدا تېزلىكتە 100 كىلومېتىردىن كۆپرەك بوشلۇق جاي ھاسىل بولۇپ قالدى. روسىيە قوشۇنىدىكى بۇ ئاجىزلىقلار ئالدى بىلەن گېرمانىيە سەككىزىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىدىكى گېنېرال مايورخوپمان تەرىپىدىن سېزىۋېلىندى. ئۇ شۇ ھامانلا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، روسىيىنىڭ ساسۇنوۋ قوماندانلىقىدىكى ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ سول تەرىپىدىن دەرھال ھۇجۇم قىلىشقا تەكلىپ بەردى. - لېرنىنكوۋنىڭ بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى ياردەمگە كىلەرمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ قوشۇنى كېلىپ ياردەم بەرسە، ئۇلارنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىگە قانداق تاقابىل تۇرالايمىز؟ - دەپ سورىدى سەنمۇجاڭ ئۇرۇش پىلانىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن شۈبىھلەنگەن ھالدا. - ياق! - دېدى خوپمان جەزملەشتۈرۈپ، - لېرنىنكوۋ ھەرگىزمۇ ساسۇنوۋغا ياردەم بېرەلمەيدۇ؟ - نېمە ئاساسىڭىز بار؟ - بۇ ئىككى گېنېرال ئون يىل بۇرۇنلا ئۆچەكىشىپ بىرى - بىرىگە كۈشەندە بولۇپ قالغان، - دېدى خوپمان مەسخىرە قىلىپ، 1905 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى بولۇۋاتقان چاغلار ئىدى. بىر كۈنى مەن جۇڭگونىڭ شېنياڭ پويىز ئىستانسىسىنىڭ سۇپىسىدا تۇراتتىم. شۇ كۈنى، ساسۇنوۋنىڭ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا لېرنىنكوۋنىڭ ئۆزىگە ياردەم بەرمىگەنلىكىنى ۋايساپ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئىككى گېنېرالنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ بىر - بىرىنى تىللاۋاتقانلىقىنى، ئاخىر بېرىپ ئىككىيلەننىڭ جامائەت ئالدىدا مۇشتلىشىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ قېتىم لېرنىنكوۋنىڭ ساسۇنوۋنىڭ ياردەم ئېلىش تەلىپىنى رەت قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمەن. ئىككىيلەن سۆزلىشىۋاتقاندا كاتىپ تېلېگرامما ئەكىردى ۋە: - مانا بۇ سىگنالچى ئەسكەرلەر باياتىن قولغا چۈشۈرگەن تېلېگرامما. بۇنىڭدا، روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىدىن رەتكە سېلىۋاتقانلىق ئەھۋالى يېزىلىپتۇ. ئەمما، بۇ تېلېگرامما ئاشكارا نومۇر بىلەن بېرىلگەن. - ئاشكارا نومۇر بىلەن؟ - سەنمۇجاڭ ناھايىتى ھەيران بولدى. ئۇ تېلېگراممىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن شۈبھىلەندى - دە: - بۇ روسلارنىڭ ھىيلىسىمۇ يە؟ - دېدى. ئالىي دەرىجىلىك باشقا ئەمەلدارلارمۇ بىردەك گۇمانلاندى. چۈنكى، ئاشكارا نومۇر بىلەن قوشۇنلارنىڭ رەتكە سېلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىدىغان تېلېگرامما ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئاددىي ساۋاتقا خاتالىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى روشەن ئىپادىلەيتتى. رۇسلار نېمە بولۇپ مۇنچىۋالا بىپەرۋالىق قىلىدۇ؟ - مېنىڭچە، بۇ ئۇلارنىڭ سۈيىقەستى ئەمەس، - دەپ رەت قىلدى خوپمان، - ھەتتا ئۇلارنىڭ بىپەرۋالىقىمۇ ئەمەس، ئۇلار بۇ ئىشنى راست قىلغان. مېنىڭ بىلىشىمچە، روسىيە دالا ئارمىيىسى مەخپىي نومۇر ئىشلەتمەيدۇ. ئۇلاردا مەخپىي نومۇر خادىملىرىمۇ يوق، ئۇلار تېخى مۇنداق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش لازىملىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. خوپمان باش شتابتا روسىيە مەسىلىلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئۇ، رۇسچىنى سۇدەك ئوقۇيتتى ۋە سۆزلەيتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان روسىيىگە ئائىت مول بىلىملەرنى توپلىغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەھلىلى ۋە تونۇشتۇرۇشى بويىچە كۆپچىلىك قولغا چۈشۈرگەن تېلېگراممىغا ئاساسەن زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك، دەپ قارىدى. گېرمانىيىنىڭ سەككىزىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى بىر دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن لېرنىنكوۋنىڭ بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىدىكى 24 دىۋىزىيىسىنى بەند قىلدى. كۆپ ئەسكىرىي كۈچنى تېزلىكتە روسىيىنىڭ ساسۇنۇۋ قوماندانلىقىدىكى ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ ئىككى قانتىدا ھەرىكەتكە كەلتۈردى. ئارقىدىنلا كىچىك قىسىملار ئارقىلىق ساسۇنوۋ قوشۇنلىرىنىڭ قوغلىشىنى قولغا كەلتۈردى. گېرمانىيىنىڭ كىچىك قوشۇنلىرى ئىنتايىن تېزلىكتە روسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ساسۇنوۋ بۇ ئەھۋالنى گېرمانىيىنىڭ سەككىزىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولۇپ چېكىنىشى دەپ چۈشىنىپ، سەنمۇجاڭ گىلىنكسكىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە، قسىملارنىڭ چارچاپ كېتىشىگە قارىماستىن قوغلاشقا بۇيرۇق بەردى. قوغلا - قوغلا گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ پىستىرما چەمبرىكىگە كىرىشكە باشلىغاندا، ساسۇنوۋ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ئىككى تەرىپىمىزدە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ پوزىتسىيىلىرى پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا روسىيە قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، دېگەن رازۋېتكا دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ساسۇنوۋ قاتتىق چۆچۈدى - دە، شۇ ھامانلا گېنېرال گىلىنىسكىگە تېلېگرامما يوللاپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىككى ياندىن ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قوغلاشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى. گىلىنىسكى ئالدىنقى سەپتىن 300 - 400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوماندانلىق شتابىدا بەخىرامان تۇرغاچقا، قىسىملارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى زادىلا چۈشەنمەيتتى. ئۇ كۆڭلىدە گېرمانىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق چېكىنىۋاتىدۇ، دەپ جەزملەشتۈردى - دە، ساسۇنوۋنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى قورقۇنچاقلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ قىسىملىرىغا داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق قىلدى. 26 - ئاۋغۇست كەچلىكى، گېرمانىيە قوشۇنلىرى توختىماي غەربكە قاراپ كېتىۋاتقان روسىيىنىڭ ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىگە ھۇجۇم باشلىدى. چارچاش ۋە ئاچلىقتىن ماجالى قالمىغان روسىيە قوشۇنلىرى ئوپۇر - توپۇر چېكىندى. بىر - نەچچە توپ ئەسكەرلەر ھەتتا كۆلگە چۈشۈپ غەرق بولۇپ كەتتى. 27 - ئاۋغۇست سۈبھى تاڭدا، گېرمانىيە قوشۇنلىرى تورونبۇرگ ئەتراپىدا شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. ساسۇنوۋ گىلىنسكى ۋە روسىيىنىڭ گېنېرال لېرنىنكوۋ باشچىلىقىدىكى بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىگە چاپسان ياردەمگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ تەكرار تېلېگرامما ئۇردى. ئىش خوپماننىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقمىدى. گىلىنسكى ئۇنىڭ تەلىپىنى پىسەنتكە ئالمايلا قالماستىن، شەرقىي پرۇسسىيىدە تۇرۇۋاتقان لېرنىنكوۋمۇ دەرھال ياردەمگە كەلمىدى. ھالبۇكى، بۇ مەخپىي تېلېگراممىلار يەنىلا گېرمانىيە قوشۇنلىرىدىكى سىگنالچى ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋەردى. گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا، ئاچلىق ۋە چارچاش دەستىدىن جەڭ كەيپىياتى چۈشۈپ كەتكەن روسىيە قوشۇنلىرى تېزلىكتە ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كەتتى. ئازغان ئەسكەرلەر گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن خۇددى قوي پادىسىدەك قاپسىۋېلىندى، نەتىجىدە 90 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەسىرگە چۈشتى. 30 مىڭ ئەسكەر ئۆلدى ياكى غايىپ بولدى. 500 دانە توپ پارچىلاندى ۋە ئولجخغا چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى ھەش - پەش دېگۈچە پارچىلىنىپ كەتتى. ساسۇنوۋ ئۆزى يالغۇز ئورمانلىققا قېچىپ كىرىپ ئۆزىنى ئېتىۋالدى. ئەمدىلىكتە گىلىنسكى ساسۇنوۋنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى ۋە لېرنىنكوۋنى تۈگىشىپ كەتكەن ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئىزدەشكە بۇيرۇدى. لېرنىنكوۋ بۇيرۇقنى ئېلىپ تۇرۇشىغا گېرمانىيىنىڭ سەككىزىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى ئۇنىڭغا ئېتىلدى.لېرنىنكوۋ شۇ ھامان قاچتى، شۇنداقتىمۇ، ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە يولۇقتى. ئۇنىڭ بېسىملىرىدىن 145 مىڭ كىشى يارىلاندى ۋە ئۆلدى. ھالبۇكى، گېرمانىيە قوشۇنلىرىدىن پەقەت 10 مىك كىشى يارىلاندى ۋە ئۆلدى دېمەك گېرمانىيە قوشۇنلىرى شەرقىي پرۇسسىيە تەۋەلىكىدىكى روسىيە قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. لېرنىنكوۋ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنى تاشلاپ تېزلىكتە روسىيىگە قايتتى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسىغا ئۇچرىدى. مايور خوپمان خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى بىلەن گېنېرال مايورلۇققا ئۆستۈرۈلدى ۋە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي سەپ سەنمۇجاڭى بولدى. بۇ قېتىمقى جەڭ تورونبۇرگدا ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكتىن، ئۇنى تورونبۇرگ ئۇرۇشى دەپ ئاتاشنى تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە، روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي سەپتە ئېلىپ بارغان بۇ ئۇرۇشى ئۇرۇش تارىخىدا >تورونبۇرگ ئۇرۇشى< دەپ ئاتالدى. روسىيە قوشۇنلىرى شەرقىي سەپنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولغان تورونبۇرگ گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان بولسىمۇ، شەرقى سەپنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولغان گالىتسىيە ئۇرۇشىدا ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدى. ئاۋسترىيە قوشۇنلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمى بىردەك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 1914 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە شەرقىي ۋە غەربىي سەپلەردە ئوخشاشلا ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ