دېكابىرچىلار قوزغىلىڭى
بەش مىڭ يىل
1825 - يىل 12 - ئايدا، روسىيىدە چوڭ ماجرا تۇغۇلدى.
ئالدىنقى ئايدا، قېرى چار پادىشاھ ئالېكساندىر Ⅰئەجەبلىنەرلىك ھالدا ئۆلدى. ئۇنىڭ يا ئوغلى، يا قىزى بولمىسا، بۇ فېئودال خانلىققا كىم باشلىق بولىدۇ؟ روسىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ۋەزىرلەر بىر ھازا مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئىنىسى كونىستانتىن ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوللىكتىپ قەسەم بېرىپ، كونىستانتىنغا سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، كونىستانتىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشقا زادى قىزىقمىدى. ئۇ دۆلىتىگە قايتىپ كەلمەي ۋارشاۋادا يېتىۋېلىپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاپ، بىر پارچە خەت ئەۋەتتى.
بۇ ھال روسىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ۋەزىرلەرنى دەككە - دۈككىگە سېلىپ قويدى، ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەل مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق بولۇۋاتقاندا، چار پادىشاھنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى نىكۇلاي ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ۋارشاۋادىكى ئاكىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. كونىستانتىن بۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن روسىيە ھۆكۈمىتى يېڭى چار پادىشاھ نىكولايغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يېڭىۋاشتىن قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. پادىشاھ بولۇشنى تەقەززارلىق بىلەن ئويلاپ كېلىۋاتقان نىكولاي يېڭى تون - سەرىپايلارنى تىككۈزۈپ، شۇ كۈننى كۈتۈپ تۇراتتى.
14 - دېكابىر ئاخىر يېتىپ كەلدى، تاڭ يورۇش بىلەنلا، 3000 دىن ئارتۇق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئەسكەرلىرى رەت - رەت تىزىلىپ پېتىربورگ كوچىسىغا چىقتى، ئۇلار تولۇق قوراللانغان، قىلىچلىرىنى ئويناتقان ھالدا توپ - توغرا مۆتىۋەرلەر كېڭىشى مەيدانىغا كېلىپ، پېتىر Ⅰنىڭ مىس ھەيكىلىنى چۆرىدەپ، تۆت چاسا جەڭگىۋار سەپ ھاسىل قىلدى. ئارقىدىنلا:
- قەسەم بېرىشنى رەت قىلايلى!قەسەم بېرىشكە قارشى تۇرايلى!
- ئاساسىي قانۇن تۈزۈلسۇن! دېموكىراتىيە بېرىلسۇن! - دەپ شوئار توۋلىدى.
غەزەپلىك سادا يانار تاغدەك پارتىلىدى، كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچى تەختكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان نىكولايغا بىۋاستە قارىتىلدى.
ئۇلار كىمدۇ؟ ئۇلار دېموكىراتىك ئىدىيىگە ئىگە كوماندىر ۋە زىيالىلار رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىدى، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش، روسىيىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش، يانچىلارنى ئازاد قىلىش، دېموكىراتىيىنى تەلەپ قىلىش بۇ قوزغىلاڭنىڭ مەقسىدى ئىدى.
نىكولاي كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئاتلىق ئەسكەرلەرگە قوزغىلاڭچىلارنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئەمما، ئاتلىق ئەسكەرلەر مەيدانغا يېتىپ كېلىش بىلەنلا، >پاڭ - پۇڭ< مىلتىق ئېتىلىپ، ئاتلارغا ئوق تېگىپ يېقىلدى، ئاتلىق ئەسكەرلەر بىر - بىرلەپ تىك چۈشۈپ ئۆلەمجان بولدى. قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر قاتتىق ئوققا تۇتۇپ، ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈردى. چار پادىشاھ ئارمىيىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئەسكەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەزمۇت تۇرۇۋەردى.
نىكولاي قاتتىق ۋاستە قوللىنىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، يۇمشاق ۋاستە قوللىنىپ تەسلىم بولۇشقا ئۈندىمەكچى بولدى.
پېتىربورگنىڭ باش روھانىسى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلدى، ئۇ ئۇزۇن قارا يەكتەكنى يېپىنۋالغان بولۇپ، ئوڭ قولى بىلەن ھەيدەپ چوقۇناتتى، سول قولىدا >ئىنجىل< نى تۇتقان ھالدا، تىترەك ئاۋاز بىلەن:
- بالىلىرىم، خۇدا رەھىمدىلدۇر، ئۇ تىنچلىقنى خالايدۇ، سىلەر مىلتىقنى تاشلاڭلار! - دېدى.
- ئۆي بار چار پادىشاھنىڭ مالىيى! - دېدى ئەسكەرلەر پەرۋا قىلماي.
- بالىلىرىم، خۇدا...، - دېدى باش روھانى يۈزى قېلىنلىق بىلەن يەنە ۋەز ئېيتىپ.
-يوقال! كۆزىمىزدىن يوقال، دەككەڭنى يەپ قالمىغىن يەنە! - قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر ئۇنى غەزەپلەنگەن ھالدا مەيداندىن قوغلاپ چىقاردى.
بىردەمدىن كېيىن، پېتىربۇرگنىڭ گوبىر ناتۇرى ئالچاڭلاپ مەيدانغا كىرىپ كەلدى، ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشمايتتى، ئۇ ئاقسۆڭەكلەرگە خاس تەكەببۇرلۇق بىلەن، قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرگە ۋەز ئېيتىشقا باشلىدى:
- ئەسكەرلەر! سىلەرنىڭ بۇ ھەركىتىڭلار توپىلاڭ كۆتەرگەنلىك بولىدۇ! توپىلاڭ كۆتەرگەنلەرنىڭ كاللىسى ئېلىندۇ! چارپادىشاھ نىكولاي رەھىمدىل، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدى، سىلەر4 تارقىلىپ كېتىڭلار! تېزدىن تارقىلىپ كېتڭلار...
ئۇنىڭ ۋەزى تۈگىمەيلا، ئارىدىن بىر قوزغىلاڭچى ئېتىلىپ چىقىپ >قارس< قىلىپ بىر كاچات سېلىۋىدى. بۇ گوبىرناتۇرنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ مەيدىسىگە سوقا چۈشكەندەك مۇشت تېگىشكە باشلىدى. گوبىرناتۇر چىدىيالماي >ۋايجان، زايەي<دېگەن پېتى قاچتى.
- ياشىسۇن دېموكىراتىيە! - دەپ توۋلاشتى قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر گوبىرناتۇرنىڭ سەتلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ روھلانغان ھالدا.
ئەسكەرلەرنىڭ قوزغىلىڭى كەڭ خەلق ئاممىسىنىمۇ جەلپ قىلدى. كۈن چۈش بولغاندا، ئىشچىلار، يانچىلار. شەھەر ئاھالىسى مەيدانغا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. چوڭ چېركاۋنى رېمونت قىلىۋاتقان ئىشچىلار قوللىرىغا خىش - تاشلارنى ئېلىپ، چارپادىشاھنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچىلىرىغا غەزەپ بىلەن ئاتاتتى. قوزغىڭچىلار قوشۇنى زورايدى.
نىكولاي جىلە بولۇپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ، دەرھال زەمبىرەكچىلەرنى يۆتكەپ كەلدى ۋە مەيداننى توپقا تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى. >گۈلدۈر< قىلغان چاچما زەمبىرەك ئوقلىرى پارتىلىدى، قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلگەنلىرى ئۆلۈپ، يارىدار بولغانلىرى يارىدار بولۇپ مەيداندىن نائىلاج چېكىنىپ چىقتى. نكولاي مۇز تۇتۇپ كەتكەن نىۋا دەرياسىدا چوڭ كاچكۇل ئېچىپ، مەيلى ئۆلگەن ۋە مەيلى يارىدار بولۇپ مەيداندا ياتقانلىكى قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى كاچكۇلغا تاشلىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. ئاقىدىنلا، پۈتۈن شەھەرنى ئاختۇرۇپ، بىرمۇنچە قوزغىلاڭ يولباشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلدى.
يېرىم ئايدىن كېيىن، يەنى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوكرائىندىمۇ ئەسكەرلەر قوزغىلاڭ كۆتەردى، ئۇلارمۇ باستۇرۇلۇپ، بىرمۇنچە قوزغىلاڭ يولباشچىلىرى قولغا ئېلىندى.
پېتىربۇرگ بىلەن ئوكرائىندا كۆتىرىلگەن قوزغىلاڭلار رۇس كالىندارى بويىچە دەل 12 - ئايدا كۆتىرىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوزغىلاڭنى بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قۇزغىلاڭ كۆتىرىشكە رەھبەرلىك قىلغان كىشىلەر تارىخىي كىتاپلاردا >دېكابىرچىلار< دەپ ئاتالغان.
نىكولاي دېكاربىرچىلارنى باستۇرغاندىن كېيىن، تەختكە چىقىپ پادىشاھ بولدى ۋە نىكولايⅠ دەپ ئاتالدى. ئۇ ئالېكاندىرنىڭ جەندىسىگەۋارىسلىق قىلىپ، كافكاز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇردى، يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئىران بىلەن تۈركىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، روسىيە زىمىنىنى ھەدەپ كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر ئەسكەر چىقىرىپ، پولشا ۋە ۋېنگرىيە خەلق ئىنقىلاۋىنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى >ياۋروپا ژاندارمىسى< دەپ ئاتىدى.$