جېڭ خېنىڭ غەربىي ئوكياندا سەپەر قىلىشى
بەش مىڭ يىل
مىلادى 1405 - يىلى كەچكۈزنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان زەنپوپورا دۆلىتى )بۈگۈنكى ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسىمى( پايتەختىدە ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، ھەممە ياق خوشال - خوراملىققا چۆمگەن. پۇقرالار توپ - توپ بولۇپ شەھەردىن چىقىپ، دېڭىز بويىغا يېتىپ كەلدى. ئەر - ئاياللار چېچىنى يېڭى گۈللۈك رەخت بىلەن بوغۇپ ئارقىسىغا چۈشۈرۈپ، خۇددى بايرامدىكىدەك يېڭى كۆينەكلەرنى كىيىپ، بەللىرىنى رەڭلىك بەلۋاغلار بىلەن باغلىۋالغان ئىدى، چالغۇچىلار ياڭراق، يېقىملىق داقا - دۇمباقلارنى، نەيلەرنى چالاتتى. قىز - يىگىتلەر خوشال - خۇراملىق بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى. زەنپوپورانىڭ پادىشاھىمۇ ئوردىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ كۆندۈرۈلگەن چوڭ پىل مىنگەن، ئۈچ تاغ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن تاجىسىنى كىيىپ، گۈل كەشتىلەنگەن گۈللۈك ياغلىقنى ئۇچىسىغا ئارتقان، پۇت - قوللىرىغا ئالتۇن بىلەيزۈك سالغان، چىرايلىق ئۆتۈك كىيگەن، سەككىز ياقۇت كۆز چېكىلگەن چاسا بەلۋېغىنى بېلىگە باغلىغان بولۇپ، ئاجايىپ سەلتەنەت ۋە ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمەلدارلار ئارغىماقلىرىنى مىنىپ، پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەن، 500 لەشكەر ئالدى - كەينى قوغداپ ماڭغان ئىدى. ئۇلار بىر قولىدا ۋالىلداپ تۇرغان قىلىچ تۇتقان، يەنە بىر قولىدا تېرىدىن ياسالغان قالقان تۇتقان بولۇپ، دۈمبىسىگە ساداق - ياچاقلارنى يۈدۈۋالغان ھالدا كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن كېلىۋاتاتتى. قارىماققا زەنپۇ پورا دۆلىتى بۈگۈن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغاندەك ئىدى.
دەرۋەقە، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئوردا مۇپەتتىشى جېڭ خې باشچىلىقىدىكى دوست ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، كېمىلەر بۈگۈن زەنپوپوراغا يېتىپ كېلەتتى.
زەنپوپورا - قەدىمىي دۆلەت. تارىخىي خاترىلەرگە قارىغاندا، مىلادى 2 - ئەسىردە، يەنە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي خەن دەۋرىدە دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئورنى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرىپىدىكى دېڭىز بويلىرىغا جايلاشقان ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسىمىدا دېڭىزغا يانداش بولغان ئىككى دۆلەت بار ئىدى. ئۇنىڭ بىرسى شىمالىي ۋېيتنام دۆلىتى، ئۇنىڭ پايتەختى شېڭلۇڭ )بۈگۈنكى خېبېي( ئىدى؛ جەنۇبىي قىسىمى زەنپوپورا بولۇپ، پايتەختىمۇ زەنپوپورا دەپ ئاتىلاتتى.
- كەلدى!كەلدى! نەچچە ئون كېمىكەن! - زەنپوپورا شەھىرىنىڭ پۇقرالىرى تەقەززارلىق بىەلن ۋارقىراشتى.
كېمىلەر بارغانسېرى يېقىنلاشتى. بۇ كېمىلەر ئەترىتى ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ، ئالدى - كەينىدە جەمئىي 62 چوڭ كېمە بار ئىدى. كېمىلەرنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 44 غۇلاچ )100 مېتىردىن ئارتۇق(، كەڭلىكى 18 غۇلاچ بولۇپ، 1000 كىشى سىغاتتى. ئوتتۇرىھال كېمىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 غۇلاچ، كەڭلىكى 15 غۇلاچ كېلەتتى. ھەر كېمىدە 12 يەلكەن تىكلەكلىك ئىدى. پۈتۈن كېمە ئەترىتىدە جەمئىي 27 مىڭ ئادەم بولۇپ، ماتروسلاردىن باشقا، يەنە تۇڭچى )تەرجىمان(، تېخنىك، دوختۇر، ئاشپەز ۋە كېمە قوغدىغۇچى ئەسكەر قاتارلىقلار بار ئىدى. كېمە ئەترىتى دەبدەبە بىلەن قىرغاققا يېتىپ كەلدى، ماتروسلار لەڭگەرنى تاشلاپ بولۇپ، كۆۋرۈك تاختىيىنى قويدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى ھەمراھلىرى بىلەن قىرغاققا چىقتى. ئۇلار تېز مېڭىپ، زەنپوپورا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇردى:
- بۈيۈك مىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئەلچىسى جېڭ خې، شاھ جانابىڭىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى!
زەنپوپورا پادىشاھى شەخسەن پىلدىن چۈشۈپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە خوشال ھالدا ئۇلارنى سالامىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلاردىن مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىغا سالام يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى. جېڭ خې بىلەن ۋاڭ جىڭخۇڭ، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىغا ۋاكالىتەن زەنپوپورا پادىشاھىغا سوۋغا تەقدىم قىلدى. زەنپوپورا پادىشاھى ھەمراھلىرىنىڭ نۇرغۇن پىل چىشى، بۇغا مۈڭگۈزى ھەم چىنەن ئەترىسىنى جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئىنئام قىلدى. پۇقرالار خوشال ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
زەنپوپورا پادىشاھى مېھمانلارنى شەھەرگە تەكلىپ قىلدى. جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شەھەر سېپىلىنىڭ، تاشقى ئايلانما سېپىل ھەم ئىچكى سېپىل دەپ ئىككىگە ئايرىپ ئېگىز ھەم مۇستەھكەم سېلىنغانلىقىنى كۆردى. شەھەرگە كىرىپ، ئوردا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى. ساراي ھەم ئوردىلار خىش - كاھىش بىلەن سېلىنغان ئىدى ھەمدە تۈرلۈك ياغاچ ئويما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن ئىدى، بەزىلىرىگە ئۇچار قۇش، بەزىلىرىگە يىرتقۇچ ھايۋان ئويۇلغان بولۇپ، ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەم كۆرۈنەتتى. پادىشاھ، مېھمانلارنى چوڭ سارايدا ھاراققا تەكلىپ قىلدى. زەنپوپورا پادىشاھلىقىدا ھاراق ئىچىش ئادىتى ئالاھىدە بولۇپ، ھەر بەش - ئون كىشى چۆرىدەپ ئولتۇراتتى، ئوتتۇرىدا چوڭ جام قويۇلۇپ، تۆت - بەش چى ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە قومۇشنى جامغا تىقىپ، قومۇش ئارقىلىق سورۇندىكى كىشىلەر نۆۋەت بىلەن ھاراقنى سۈمۈرەتتى. ھاراق تەملىك بولسىمۇ، دۇغ بولغاچقا غەلىتە تېتىيتتى. مېھمانلار بىلەن ساھىپخانلار دوستلۇقنى ئورتاق ئىزھار قىلىشىپ، تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرۇپ خوشال تارقاشتى. ئەسلىدە زەنپوپورانىڭ ئادىتىدە چۈشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېرىم كېچىدە ئاندىن ئۇخلايتتى؛ تولۇن ئاي چىققاندا بىر قېتىم شاراپ ئىچىپ بەزمە قىلاتتى. بۇ بەلكىم ئىسسىق بەلۋاغدا ياشىغانلىقنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى زەنپوپورا شەھىرىدە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاندىن يولغا چىقتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى زەنپوپورا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئالاھىدە مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىغا بىر پارچە خەت يېزىپ، جېڭ خېنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تاپىلىدى. جېڭ خې قارىسا زەنپوپورا شەھىرىنىڭ قەغىزى بىلەن جۇڭگونىڭ قەغىزى ئوتتۇرىسىدا خېلى چوڭ پەرق بار ئىكەن. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قەغىزى قوي تېرىسىدىن ياسىلىدىكەن، ئۇلار قوي تېرىسىنى قىرىپ ئىسلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىنچىكە قومۇشنى ئۇشلاپ قەلەم قىلىپ، ئاق كۈلنى سىيا قىلىپ خەت يازىدىكەن. جېڭ خې، زەنپوپورا پادىشاھىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مەكتۇپنى ئېلىپ خوشلاشتى.
كېمە ئەترىتى ئوكياندا يەنە 20 كېچە - كۈندۈز مېڭىپ، ياۋا دۆلىتى )بۈگۈنكى ھىندونېزىيە(گە يېتىپ باردى. ياۋا دۆلىتى چوڭ دۆلەت بولۇپ، يېرى كەڭ، ئادىمى زىچ، قوشۇنلىرىنىڭ قوغدىنىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. شەھەردە قاتار - قاتار دۇكانلار سېلىنغان بولۇپ، سودا ئىشلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى. ياۋا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. قىزغىن قارشى ئېلىش مەنزىرىسى كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرەتتى، جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، ئۇ يەردە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، چاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىن ئۇ يەرگە كۆچۈپ بارغان كىشىلەر ئىدى. بۇ كىشىلەر ياۋاغا بېرىپ، يەرلىك پۇقرالار بىلەن ئىناق تۇراتتى، نۇرغۇنلىرى ياۋانىڭ پۇقراسى بولغان ئىدى، شۇ جايلاردا تارقالغان ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئىدى. جېڭ خېمۇ ئىسلام دىنىغا سادىق مۇسۇلمان بولغاچقا، ياۋا ئۇنىڭغا تېخىمۇ سەمىمىي بىلىندى.
جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ياۋادا بىر قاتار دوستانە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. يەرلىك كىشىلەر جۇڭگونىڭ پار - پۇر بۇيۇملىرى ھەم يىپەكلىرىنى ياخشى كۆرەتتى. ئىككى تەرەپ سودىدا ئادىل بولۇپ، ئوخشاش مەنپەئەت ئالدى.
كېمە ئەترىتى ياۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يەنە مالاككوغا )ھازىرقى مالاككا(، سىيام )ھازىرقى تايلاند( قا، سەيلون )ھازىرقى سىرىلانكا( ھەم بۈگۈنكى ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا باردى. قايتىش ۋاقتىدا، كېمىلەردىكى ئەسلىدە جۇڭگودىن ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل، پار - پۇر بۇيۇم، مىس، تۆمۈر بۇيۇملىرى يىپەك قاتارلىق نەرسىلەر قارىمۇچ، دورا ماتىرىياللىرى قاتارلىقلارغا ئالماشتۇرۇلغان ئىدى. جېڭ خې ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 3 - يىلى ئەتىيازدا ئاندىن جۇڭگوغا قايتىپ كەلدى.
كېيىن جېڭ خې يەنە ئالتە قېتىم دېڭىز ئارقىلىق چەتكە باردى. ئەڭ ماڭغاندا ھازىرقى ئىران، شەرقىي ئافرىقىدىكى سومالى، كىنىيە قاتارلىق جايلارغا باردى. 7 - قېتىم سەپەرگە چىققاندا، يەنە، ئالاھىدە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ مېھرى - مۇھەببىتى ھەم مول ماددى بايلىقلىرىنى ئاسىيا - ئافرىقا ئەللىرىدىكى كەڭ خەلققە يەتكۈزۈپ، ئاسىيا - ئافرىقا خەلقىنىڭ مېھرى - مۇھەببىتىنى ھەم تۈرلۈك ماددى مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلدى. ئۆز ئارا ئالاقە ھەم دوستلۇقنى كۈچەيتتى. ئاسىيا - ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت خەلقلىرى ئوردا مۇپەتتىشى جېڭ خېنى ئەسلەيدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلاردا ئۇنىڭغا ئائىت خاتىرىلەر ساقلانماقتا. ياۋا )ھىندونېزىيە(دا سانباۋ ئىبادەتخانىسى، سىيام )تايلاند( دىمۇ سانباۋ ئىبادەتخانىسى ۋە سانباۋ مۇنارىسى بار. سەيلون )سىرىلانكا( پايتەختى كولۇمبو مۇزېيىدا جېڭ خې ئۇ يەرگە تىكلەپ قويغان تاش ئابىدە ساقلانماقتا.
ئۇ چاغلاردا، جۇڭگولۇقلار جەنۇبىي دېڭىزنى چېگرا قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىنى شەرقىي ئوكيان، ئۇنىڭ غەربىنى غەربىي ئوكيان دەپ ئايرىيتتى. جېڭ خې بارغان جايلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ غەربى بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ ماڭغان دېڭىز يولىنى، >جېڭ خېنىڭ ئەسلى فامىلىسى<دەپ ئاتىدى. جېڭ خېنىڭ ئەسلى فامىلىسى >ما< بولۇپ، خۇيزۇ مىللىتىدىن ئىدى، ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ 3 - بالىسى بولغاچقا، كىشلەر تەرىىدىن >سانباۋ< دەپ ئاتالغان. ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خان سارىيىدا ئەمەلدار بولغاچقا، >جېڭ خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلىشى< تارىختا >سانباۋ مۇپەتتىشىنىڭ غەربىي ئوكيانغا سەپەر قىلىشى< دەپ ئاتالغان.
جۇڭگودىن مالاككو بوغىزى ئارقىلىق ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئافرىقىغا بارىدىغان يولنى جېڭ خې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەممىدىن بۇرۇن ئاچقان بولۇپ، بۇ ۋەقە پورتۇگالىيە ساياھەتچىسى د. گامانىڭ ياۋرۇپادىن ئافرىقىنىڭ ئۈمىد تۇمشۇقى ئارقىلىق ھىندىستانغا بارىدىغان يولنى تاپقان ۋاقتىدىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بۇرۇن ئىدى ھەمدە گامانىڭ كېمە ئەترىتى ناھايىتى كىچىك بولۇپلا قالماستىن، كېمىلىرىمۇ بىر قەدەر كىچىك ئىدى، جېڭ خې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەمدە يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىشى، دۇنيانىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى چوڭ ئىجادىيەت، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان چوڭ تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.