UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭراست ۋە يالغان چار پادىشاھ

راست ۋە يالغان چار پادىشاھ

بەش مىڭ يىل چار پادىشاھ ئىۋان IV، سىبىرىيە خانلىقىنى ئىستىلا قىلىپ بولالماي، 1584 - يىلى ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىككى ئوغۇل قالغان ئىدى. چوڭىنىڭ ئىسمى فېدۇل بولۇپ بىرىنچى خانىشتىن تۇغۇلغان ئىدى؛ كىچىكىنىڭ ئىسمى دىمتىرى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى خانىشتىن تۇغۇلغان ئىدى. قائىدە بويىچە چوڭ ئوغلى فېدول پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. كىچىك ئوغلى دىمتىرى تېخى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەچكە، ئانىسى ئۆزىنىڭ سۇشيۇرغاللىغىغا ئېلىپ كەتتى. فېدول كېسەل كۆرپىسى ۋە ئۇچىغا چىققان قاپاقباش ئىدى. پادىشاھلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، كۈن بويى ئىبادەتخانىدا دۇئا - تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىبادەتخانىنىڭ قوڭغۇرىقىنى چېلىپ ئويناش بىلەن ياكى ئۆزىگە خوشامەت قىلىدىغان ۋەزىرلەرنىڭ قىزىقچىلىقى ۋە ياقا سىقىشىشلىرىنى تاماشا قىلىش بىلەن بەنت بولدى. بۇنى كۆرگەن جامائەت ئۇنى قاپاقباش دەپ ھەزىلە قىلىشقا باشلىدى. قاپاقباش ئادەم دۆلەتنى قانداقمۇ ئىدارە قىلالايدۇ دەيسىلەر! خانلىق ھوزۇرىنىڭ ھوقۇقى ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ تاغىسى پولىس. گودونوپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. پولىس قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ھوقۇق كۈچىنى ئىشلىتەلەيدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئۆزىگە نارازى بولغان نوپۇزلۇق مەنسەپدار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆز ئائىلىسىنى روسىيىنىڭ ئوردىسىغا ئاياندۇرۇپ، چەتئەللەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىۋەردى. دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا بىردەك ئۆزى ھۆكۈم قىلدى. پولىس ھاكىمىيەت باشقۇرغان مەزگىلدە، روسىيىدە: ھۆكۈمەت، قاچقىنىغا بەش يىل بولمىغان دېھقانلارنى پومىشچىكلارغا ياردەملىشىپ تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق؛ بىر ئەركىن ئادەم پومىشىكنىڭ ئالتە ئايدىن ئارتۇق خىزمىتىنى قىلسا، ئۇنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىدۇ، دېگەن قانۇن جاكارلاندى. بۇنىڭ بىلەن يانچىلىق تۈزۈمى كۈچىيىپ، دېھقانلار ئۈستىدىكى زۇلۇم تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى. 1598 - يىلى كېسەل كۆرپىسى ھەم قاپاقباش فېدول ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى يوق، ئىنىسى دىمىترىمۇ بۇنىڭدىن يەتتە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا، پادىشاھلىق تەختى بوش قالدى. بۇنىڭ بىلەن پولىسقا پۇرسەت تۇغۇلدى. بەگلەرنىڭ سايلىمى ئارقىلىق پولىس چار پادىشاھ بولدى. پولىس تەختكە چىققاندىن باشلاپ ئۇدا ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئۇ تەختكە چىققان يىلى كۆپلەپ يامغۇر يېغىپلا قالماي، كۈزدە ئۈششۈك بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، پىشقۇدەك بولغان زىرائەتلەر بىر تۇتتاش ۋەيران بولدى. كۈزلۈك بۇغدايمۇ 2 - يىلى باھاردا كۆك كۆرسىتەلمىدى. دېھقانلاردا قايتا تېرىغۇدەك ئۇرۇقلۇقمۇ قالمىغاچقا، ياۋا گىياھلار ۋە دەرەخنىڭ قوۋزاقلىرىنى يەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر كەنت - كەنتلەپ ئۆلۈپ كەتتى. ھەتتا موسكۋانىڭ كوچىلىرىدىمۇ ھەر كۈنلۈكى يۈزلەپ ئۆلۈكلەر پەيدا بولدى. پولىس، ئاچارچىلىقتا قالغان خەلقنىڭ ئىسيان كۆتىرىشىدىن قورقۇپ، ئىسكىلاتلاردىكى ئاشلىقنى بۆلۈپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئەمما مەنسەپدارلار بۇ ئوتتۇرىدىن پايدا ئالدى. ئاچارچىلىقتا قالغانلارنىڭ قولىغا تەكككەن ئاشلىق ناھايىتى ئاز بولدى؛ سودىگەرلەر، پومىشچىكلار ۋە ئىبادەتخانىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشلىق بېسىمدارلىقى ئارقىسىدا تازا بېيىدى. دەھشەتلىك ئاچارچىلىق 1601 - يىلىدىن تاكى 1603 - يىلىغىچە داۋام قىلدى. ئاچارچىلىقتا قالغان زور تۈركۈمدىكى خەلق ياشاشقا يول تاپالماي چاكارلار بىلەن سەپ تۈزۈپ، پومىشچىكلار ۋە سودىگەرلەرگە تۇيۇقسىز زەربە بەردى. پولىس قوراللىق باستۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىپ، مىڭلىغان «گۇناھكار» لارنى دەرەخلەرگە ئاستى. كىشىلەرنىڭ پولىس ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى تولۇپ تاشتى. پولىس بۇنىڭدىن ۋەھىمىلىنىپ ئولتۇرالمىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، يەنە بىر ئىش پولىسنى قاتتىق چۆچۈتۈپ، تاماق يېيەلمەس قىلىۋەتتى. بۇ خەلق ئارىسىدا رىۋايەت بولۇپ يۈرگەن مۇنۇ ئىش ئىدى: «ئۇقتۇڭلارمۇ خالايىق! ئىۋاننىڭ كىچىك ئوغلى دىمتىرى ئۆلمەپتىكەن، ئۇ ھازىرمۇ ھايات ئىكەن!» «ۋاي ئۇقمامدىغان، ئۇ لىتۋادا ئىمىش (شۇ چاغدا روسلار پولشانى لىتۋا دەپ ئاتايتتى) پات - يېقىندا قايتىپ كېلىدىكەن! پولىس پادىشاھلىق ئورنىنى ئەمدى ئۇنىڭغا بېرەر!» سۆز - چۆچەكلەر بارغانسېرى ئاۋىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، بەزىلەر: دىمىتىرى، پولشا قوشۇنىنى باشلاپ، موسكۋاغا كېلىپ پادىشاھلىق ئورنىنى ئىگەللەپتۇ، ھەقىقىي قانۇنلۇق چا پادىشاھ دېگەن ئەنە شۇ، دېيىشتى. «بۇ زادى قانداق ۋەقە!» ئەسلىدە دىمتىرى، ئاكىسىغا ئوخشاشلا كېسەل كۆرپىسى ئىدى، 1591 - يىلى توققۇز ياشقا كىرگەندە، ئوردىدا شەمشەر ئويناپ ئولتۇرغاندا، تۇتقاقلىق كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ، پۈتۈن ئەزايى تىترەپ، ئاغزىدىن كۆپۈك بۇژۇلدىغان ھالدا يەرگە يىقىلغان، شۇئان شەمشەر گېلىغا كىرىپ كېتىپ ئۆلاۈپ كەتكەن ئىدى. دىمتىرىنىڭ ئانىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئوغلۇمغا ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان پولى تەرەپدارلىرى زىيانكەشلىك قىلدى دەپ چۇقان كۆتىرىپ، پولىسنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن موسكۋادىن شاھزادە ۋاسىلىۋ شۇئىسكى باشچىلىقىدا بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇئىسكى، دىمتىرىنىڭ ئۆزى ئۆلگەنلىكى، پولىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ۋىزا بەرگەن، نەتىجىدە دىمتىرىنىڭ ئانىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەزىرگە قارا چاپلىغانلىق گۇناھى ئۈچۈن راھىبە بولۇشقا مەجبۇرلىغان. دىمتىرى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، قانداق بولۇپ يەنە بىر دىمتىرى پەيدا بولۇپ قالدى؟ ھازىرقى بۇ دىمتىرى زادى راستمۇ ياكى يالغانمۇ؟ ئۇنىڭ پولشا بىلەن يەنە نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئەسلىدە، بۇ ۋەقەنىڭ پولشا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور ئىدى. ئۇ چاغدا، پولشالىق ئاقسۆڭەكلەر روسىيىنى كاپ ئېتىۋېتىش خىيالىدا ئىدى، ئەمما قورال كۈچى ئىشلىتىشكە بىئەپ بولغاچقا، روسىيە پۇقرالىرىنىڭ پولىسقا بولغان نارازىلىق كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى. ئۇلار: دىمتىرى تېخى ھايات، ئۇ چار پادىشاھنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى، دەپ ئېغۋا تارقىتىش ئارقىلىق پولىسنى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولدى. دەرۋەقە، بىر ياسالما دىمتىرى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن مەيدانغا چىقتى. ئۇ ئەسلىدە بىر قاچقۇن راھىب ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۆزىنى دىمتىرى ئورنىدا نىقابلاپ كۆرسىتىپ: مەن توققۇز يېشىمدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنغاندىن كېيىن پولشادا تۇرغان ئىدىم، ئەمدى سالاھىيىتىمنى ئاشكارىلايدىغان ۋاقىت كەلدى، دېدى. پولشا پادىشاھى خۇشلۇقىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، دەرھال ياسالما دىمتىرىنى قوبۇل قىلدى. ئىككىيلەن ئىنتايىن تېزلىكتە سودىلىشىپ پولشا پادىشاھى، دىمتىرىغا پۇل ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلەر ئارىسىدىن بىر قوشۇن توپلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان؛ ياسالما دىمتىرى روسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن، ئىككى ئۆلكىنى پولشا پادىشاھىغا بۆلۈپ بېرىدىغان بولدى. ئىش ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولدى. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدىن مىڭلىغان تەۋەككۈلچىلەر ياسالما دىمتىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. ۋەيران بولغان بىر شەھەر باشلىقى تېخى ئۆزىنىڭ قىزىنى بۇ كەلگۈسى چار پادىشاھقا ياتلىق قىلدى. 1604 - يىلى كۈزدە، ياسالما دىمتىرى قوشۇن باشلاپ كېلىپ روسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. يانچىلار، دېھقانلار ساددىلىق بىلەن بۇ «چار پادىشاھ» جەزمەن پولىستىن ياخشى بولسا كېرەك دەپ قارىغاچقا، ھەممىسى ئۇنىڭ موسكۋاغا يۈرۈش قىلىشىنى قوللىدى. پولىسنى ئۆچ كۆرىدىغان ئاقسۆڭەكلەرمۇ ياسالما دىمتىرى تەرەپتە تۇردى. ئەڭ كۈلكىلىك بولغىنى شاھزدە شۇئىسكىنىڭ قىلىقى بولدى. ئۇ ئىلگىرى دىمتىرىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرگەن ھەمدە دىمتىرىنىڭ ئۆزى ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈلگەن تۇرۇقلۇق، ھازىر باشقىلار بىلەن تەڭ: شاھزادە تېخى ھايات، ئۇ پايتەختىمىزگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى. پولىس ھەممەيلەننىڭ ئۆزىدىن بىزار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، زەردە گۆش بولدى - دە، ئۇزاققا بارمايلا ئۆلۈپ كەتتى. 1605 - يىلى 6 - ئايدا، ياسالما دىمتىرى ئانچە زور قارشىلىقلارغا ئۇچرىماستىنلا موسكۋاغا كىردى ۋە بىر ئايدىن كېيىن رەسمىي تاج كىيىپ چار پادىشاھ بولدى. بۇ يالغان دىمتىرى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپلا پولشانىڭ غالچىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. قاچقان دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدىكى پومىشچىك خوجايىنلىرىنىڭ زۇلمىغا تۇتۇپ بەردى؛ پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ھەممىلا يەردە بۇيرۇقچىلىق قىلىپ، بولۇشىغا ئەسكىلىك قىلدى؛ زور مىقداردىكى بايلىقلار پولشاغا توشۇلدى. 2 - يىلى باھاردا، ياسالما دىمتىرىنىڭ كەلگۈسى خوتۇنى موسكۋاغا كېلىپ، دىمتىرى بىلەن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاتتا زىياپەتلەر، يەپ - ئىچىپ ئەيش - ئىشرەت قىلىشلار ئەۋج ئالدى. غەرق مەس يۈرىدىغان پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئەسكەرلىرى نۇرغۇنلىغان يولسىز شۇملۇقلارنى قىلدى. موسكۋا پۇقرالىرى بۇ قىلمىشلارغا چىداپ تۇرالماي، ئارقا - ئارقىدىن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشتى، شاھزادە شۇئىسكى بۇ نارازىلىق كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، تازا باش قاتۇرۇپ پۇختا پىلان سوقتى. 17 - ماي سەھەردە، ئالدىن بېكىتىلگەن قوڭغۇراق ئاۋازى جاراڭلىدى، ئارقىدىنلا پۈتۈن شەھەرگە سىگنال بېرىلدى. پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدىن چۇقان كۆتىرىلدى. «لىتۋالىقلانى ئۆلتۈرەيلى!» كىشىلەر ئاشۇنداق چۇقان كۆتۈرگىنىچە كىرىمىل سارىيىغا قاراپ يۈگۈردى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ساراينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا كىشىلەر مىژىلداپ كەتتى. ياسالما دىمتىرى مەيداندىكىلەرنى كۆرۈپ، كەلگەن بالايى - قازانى بىلدى - دە، قاچماقچى بولۇپ دەرىزىدىن يەرگە سەكرىدى. ئەمما ئېغىر يارىدار بولۇپ ئورنىدىن تۇرالمىدى. كىشىلەر ئۇنى شۇ يەردىن تېپىۋېلىپ، نەق مەيداندىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ياسالما دىمتىرىنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلدى. بەزىلەر نەپرەتلىنىپ بۇ يالغان پادىشاھنى يۇرتىغا ھەيدىۋېتىشنى ئېيتقاچقا، ئۇنىڭ جەسەت كۈلىنى توپنىڭ ئوق چىقىدىغان ئېغىزىغا قويۇپ، پولشا تەرەپكە قويۇپ ئېتىۋەتتى. خەلق يالغان پادىشاھنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش بىلەن توختىماستىن، ئۆزلىرىنى بوزەك قىلغان پولشا ئاقسۆڭەكلىرىدىنمۇ ئۆچىنى ئالدى. ئۇلار ئۇ ئەبلەخلەرنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەش - پەش دېگۈچە پولشا ئاقسۆڭەكلىرى ۋە ئەسكەرلىدىن 2000 نى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. پايتەختتىكى يانچىدارلار خەلقنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قېلىشىدن قورقۇپ، شاھزادە شۇئىسكىنى چار پادىشاھلىققا سايلىدى. دەل مۇشۇ شۇئىسكى، بىردەم دىمتىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، بىردەم شاھزادە ھايات دەپ گەپ تارقىتىپ يۈرگەن ئىدى. ھازىر ئۇ يەنە ئەمدىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگىچىنىڭ يالغان چار پادىشاھ ئىكەنلىكىنىمۇ جاكارلىدى ھەمدە ئۆزى جاكارلاۋاتقان بۇ سۆزنىڭ قىل سىغمايدىغان راستلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، راست دىمتىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى موسكۋادىكى چېركاۋغا داغدۇغا بىلەن يۆتكەپ، قايتىلاپ يالغان چار پادىشاھ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇئىسكى چار پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى قىلچىمۇ يەڭگىللەتمىدى، جاي - جايلاردىكى دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەيۋىتى ئەڭ زور بولغىنى _ غەربىي جەنۇب تەرەپتە كۆتىرىلگەن ئىۋان بولوتنىكوۋ رەھبەرلىكىدىكى دېھقانلار، يانچىلار ۋە كازاكلار قوزغىلىڭى بولدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ