UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكەنجى چارپادىشاھ

كەنجى چارپادىشاھ

بەش مىڭ يىل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، روسىيە ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تەرەپتە تۇردى. ئۇ چاغدا، روسىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چارپادىشاھ نىكولاي Ⅱ دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ - قارا نىيىتى غاقىلداپ تۇرىدىغان، ۋەھشىيلىك تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن پادىشاھ ئىدى. 1905 - يىلى، ئۇ پېتېربۇرگدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىشچىلارنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان؛ ئارقىدىنلا رومانى تارقىتىۋېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى تېررورلۇق ئىچىگە تىقىپ قويغان، ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ لۇشۈن، دالىيەن قاتارلىق جايلىرىنى مۇشتۇمزورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان ۋە سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى قاتارىدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشقا قاتناشقان ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلىۋالغان، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى >قانخور نىكولاي< دەپ ئاتىغان. ئەمدى، 60 ياشلارغا كىرىپ قالغان نىكولاي Ⅱ يەنە روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. چارپادىشاھنىڭ روسىيىنى بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىشىدە، ئۆزىنىڭ مۆلچىرى بار ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ۋە تۈركىيلەرنىڭ كۈچلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ بالقان رايونىدىكى ئورنىنى ھەقىقىي تۈردە تۇرغۇزۇشنى ھەمدە ئىستانبول ۋە قارا دېڭىزدىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغىچە سوزۇلغان بوغۇزلارنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فلوتىنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا ئەركىن كىرىپ چىقالايدىغان قىلىشنى ئويلايتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ، ئۇرۇش ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدىكى خەلق كۈرەشلىرىنىڭ دىققەت نەزەرىنى بۇراپ ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلايتتى. ئەمما، ئىش چارپادىشاھنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى، ئۇرۇش ئوتى زېمىننى كېڭەيتىش، ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، روسىيىنىڭ خەلق ئىگىىكىنى ناھايىتى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى ھاكىمىيەت لىڭشىپ قالدى. چارپادىشاھ ياراملىق 14 مىليون كىشىنى جەڭگە سېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئەكىتىپ، يېزا - قىشلاقلارنى ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېرىمىدىن مەھرۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن زور كۆلەمدىكى ئېتىزلار تېرىقسىز قالدى. ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمىدى، ئاشلىق باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كەتتى. ئۇدا بىر نەچچە يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش يەنە قاتناش - ترانسىپورتنى ئىنتايىن قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. توننا - توننىلاپ ئاشلىق ۋوگزاللاردىن يۆتكەپ كېتىلمەي سېسىپ كەتتى، شەھەر ئاھالىسى بولسا نورمىلىق ئاشلىققىمۇ ئىگە بولالمىدى، ھەتتا ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرمۇ ئاچ قالدى. تۈركۈم - تۈركۈملەپ قورال - ياراغ، ئوق - دورىلار ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ بېرىلمىغانلىقتىن، بەزى قىسىملاردا ئۈچ ئەسكەر بىر مىلتىق بىلەن جەڭ قىلدى، بەزى ئەسكەرلەر نەيزىنى كالتەكنىڭ ئۇچىغا چىگىپلا ئاتاكىغا ئۆتتى، ھەتتا قۇرۇق قولى بىلەن بېرىپ دۈشمەنلەرنىڭ تىكەنلىك سىم تورلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 1916 - يىلى قىش پەسلىگە كەلگەندە، قاچقان ئەسكەرلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، روسىيە قوشۇنلىرى تەكرار مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، بالتىق دېڭىزى قىرغاقلىرى ۋە بىلۇروسىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتتى. زور تۈركۈمدىكى ئاھالە ئانا يۇرتلىرىدىن مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىپ، چىدىغۇسىز كۈلپەت ئىچىدە ياشىدى، كەڭ خەلق ئاممىسى ئەمدى چارپادىشاھنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋېرىشنى خالىماي، رېئال ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىشچىلار ئىش تاشلاش دولقۇنى قوزغاپ، ئۈزلۈكسىز نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار غەزەپ بىلەن: >يوقالسۇن ئۇرۇش!<، >يوقالسۇن چارپادىشاھ< دەپ توۋلىدى. دېھقانلارمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر ئىجارىسىنى تاپشۇرۇشقا قارشى چىقتى، قورۇلارغا ئوت قويدى، پومېشچىكلارنى قوغلىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب بورىنىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئالدىن نامايان قىلدى. دەسلەپتە، كاجلىق بىلەن ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرىدىغان چارپادىشاھ، پادىشاھلىقنىڭ گۇم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئالامەتلەرگە پىسەنت قىلمىدى. پارلامېنت باشلىقى ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، >ئىسيان< پۈتكۈل روسىيىنى قاپلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتسا، ئۇ ئالدىنقى سەپتىن خانىشقا خەت يېزىپ: >بۇ سامان قورساق پارلامېنت باشلىقى يەنە ماڭا خەت يېزىپ بىلجىرلاپتۇ،< مېنىڭ ھەتتا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگۈممۇ كەلمىدى!< - دېدى. ئەمما، مەملىكەت ئىچىدە كۈنسايىن دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىنقىلابىي ۋەزىيەت ۋە ئالدىنقى سەپتىكى مەغلۇبىيەتلەر ئارقىسىدا، چارپادىشاھ ئەمدى ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى، كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك؟ چارپادىشاھ ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنى قايرىپ قويۇپ، گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ تۈزۈش ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قارارىغا كەلدى. بۇنداق قىلغاندا، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئەسكىرىي كۈچ ئاجراتقىلى بولاتتى. خانىش ھەربىي ئىشلار ۋەزىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھەربىي ئاخباراتلارنى ساتتى. ئۇنىڭ نېمىسلار بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بولغاچقا، چارپادىشاھنى گېرمانىيە بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە دەممۇ دەم ئالدىراتتى. بۇ ئىش ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلدى، ئەلۋەتتە. ئىشلار ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما شەپىسى يەنىلا سىرتقا چىقىپ قالدى. پارلامېنتتىكى بۇرژۇئازىيە ۋەكىللىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يىغىلدى - دە، تاقابىل تۇرۇش ھىيلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى. - جانابلار، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ تۈزۈش ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش قارارىغا كەلگەنلىكى بىز ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە! بىز ھەممىمىز ھەربىي ماللارنى زاكاز قىلىشقا تايىنىپ جان باقىدىغانلار، ئۇرۇش توختاپ كەتسە زىياننى كم تۆلەيدۇ؟ يەنە كېلىپ، گېرمانىيە بىلەن سۈلھ بىلەنلا، مەملىكەت ئىچىنىڭ تىپتىنچ بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن. - توغرا! ئۇرۇشساقمۇ، تىنچ تۇرساقمۇ، ئىشچىلار بەرىبىر پاراكەندىچىلىك سېلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاخىرغىچە ئۇرۇشۇپ، مەنپەئىتىمىزگە تەسىر يېتىشتىن ساقلانمايمىزمۇ؟ - ئەنگلىيە، فرانسىيىلەرنىڭ دىپلوماتلىرىمۇ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ قارارىدىن خەۋەر تېپىپتۇ، ئۇلار ئەگەر پادىشاھ ئالىيلىرى ئاشۇنداق قىلىشقا نىيەت قىلغان بولسا، روسىيىگە زۆرۈر بولغان جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بىزدىن بارلىق چەكلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇزاق كېڭەشكەندىن كېيىن بىر ۋەكىل تەكلىپ بەردى: - مېنىڭچە، پادىشاھ ئالىيلىرىنى نېمىسلار بىلەن سۈلھ تۈزۈشتىن چەكلەش ئۈچۈن، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنى ئىستېپا بەرگۈزۈشتىن باشقا چارە يوق. - سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش كېرەك دېمەكچىمۇسىز؟ - دەپ سورىدى ۋەكىللەر چوڭقۇر چۈشەنگەن ھالدا. - ھەئە، بىر قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى قىلىش ئارقىلىق پادىشاھنى بىزنىڭ ۋە ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلىشالايدىغان كىشىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىغا ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇرلاش كېرەك. بۇ تەكلىپكە ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بىردەك قوشۇلدى. كۆپچىلىك چارپادىشاھنى ئالماشتۇرغاندا، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ، ھەم ئۇرۇشنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشقا كېپىللىك قىلغىلى، ھەم خەلقنى ئالداپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىنقىلاب قىلمايدىغان قىلغىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلىشتى. مەخپىي پىلانلاش ئارقىسىدا، كۆپچىلىك چارپادىشاھ سىرتقا كۆزىتىشكە چىققاندا، ئۇ ئولتۇرغان مەخسۇس پويىزنى يولدا تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى پادىشاھلىق ئورنىنى بوشىتىپ، يېڭىدىن چارپادىشاھ تىكلەشكە يارلىق چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاشنى قارار قىلدى. بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش پىلانى ئەنگلىيە، فرانسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەمما، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەخپىي پىلانى رېئاللىشىشتىن ئاۋۋال، بولشېۋىكلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى چارپادىشاھنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشقا قوزغىلىپ كەتتى. 1917 - يىل 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى )رۇس كالېندارى بويىچە 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى( خەلقئارا ئاياللار بايرىمى بولدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى پېتروگراد )پېتېربۇرگ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پېتروگرادقا ئۆزگەرتىلگەن( كومىتېتى ئاياللارنى شەھەر بويىچە نامايىش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاچارچىلىققا، ئۇرۇشقا، چارپادىشاھ تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ئەتىسى 200 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى بۇ ئىش تاشلاشنى ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا ئايلاندۇرۇش ھەمدە سىياسىي ئىش تاشلاشتىن قوزغىلاڭغا ئۆتۈشنى قارار قىلدى. 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قوزغىلاڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ھەر قايسى كوچىلاردىن چىقىۋاتقان قوشۇنلار زىمىستان سوغۇققا قارىماي بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. كىشىلەر نېۋا دەرياسىغا توڭلىغان قېلىن مۇزنىڭ تۆپىسىدىن ئۆتۈپ مەيدانغا كىردى. قوشۇنلار رەتلىنىۋاتاتتى، ياندىكى بىر ئېگىز بىنادىن تات - تات - تاتلىغان پىلىموت ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇئان بىر مۇنچە كىشىلەر ئاق قار ئۈستىگە يىقىلدى، دېمەك، چارپادىشاھ ئىككى كۈن بۇرۇن پايتەخت ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانىغا: >كەلگۈسى كۈنلەردە پايتەختتە توپىلاڭ بولغان ھامان دەرھال چەكلەنسۇن< دەپ جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە ئالدىنقى سەپتىن زور تۈركۈمدىكى قوشۇنلارنى يۆتكەپ كېلىپ، 1905 - يىلدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقنى تەكرارلاشقا ئۇرۇنغانىكەن. چارپادىشاھ قوشۇنلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى، ئەكسىچە، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلەتتى. قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى ھەربىي ساقچىلارنى تېزلىكتە قورالسىزلاندۇرۇپ، قىشلىق سارايغان، تۈرمىلەرگە، ھەربىي گازارمىلارغا ۋە ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراپ ئېتىلدى، شۇ كۈنى، بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ختابنامە ئېلان قىلىپ، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈرەشنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى. 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، قوزغىلاڭ پۈتۈن شەھەرنى قاپلىدى. ئىشچىلار قورال - ياراغ ئىسكىلاتىنى تارتىۋالدى. چارپادىشاھنىڭ ۋەزىر ۋە سەركىلىرىنى قاماققا ئالدى. كەچ كىرگەندە، ئادەم سانى 60 مىڭدىن كۆپرەك مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. قىشلىق سارايغا مۆكۈۋالغان خانىش ئالاقزادىلىك بىلەن زىبۇ - زىننەت ۋە ئېسىل كىيىم - كېچەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ جىددىي قاچتى، قېچىش ۋاقتىدا، تاپانداقلىرىغا ئالدىنقى سەپتىكى چارپادىشاھقا مۇنۇ جىددىي تېلېگراممىنى بېرىۋېتىشنى بۇيرۇدى: >شەھەردە بىر مەيدان لۈكچەكلەر ھەرىكىتى قوزغالدى، ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممەيلەن پاتىراقشىپ يۈرمەكتە. سۆز چۇقان كۆتۈرمەكتە. ئاددىي بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، رىغبەت ئىزدەشمەكتە، پايتەختكە تېزلىكتە كىشى ئەۋەتىپ ئىسياننى تىنچىتقايلا...< چارپادىشاھ پايتەختتىكى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ھەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، بىر گېنېرالنى دەرھال پېتروگرادقا قوشۇن باشلاپ بېرىپ، ئەھۋالغا قاراپ يول تۇتۇشقا ئەۋەتتى. ئەمما، بۇ قوشۇندىكىلەر پايتەختنىڭ شەھەر ئەتراپىدا يەرلىك ئەسكەرلەر بىلەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئاچتى، سەركە قورقۇپ كېتىپ دەرھال قېچىپ كەتتى. چارپادىشاھ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى مۆلچەرلەپ، ئەھۋالغا قاراپ يول تۇتىدىغان قوشۇننى ئەۋەتكەندىن كېيىنلا، يەنە ئۆزىمۇ مەخسوس پويىزدا ئولتۇرۇپ پېتروگرادقا ئاتلاندى. ئەمما، يول ئۈستىدە تۆمۈر يول ئىشچىلىرى رېلىسنى ئەتەي باشقا ياققا قايرىۋېتىپ، پويىزنى ئاخىرى ئۈزۈك زاپاس يولغا باشلاپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن چارپادىشاھ ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. پىتروگرادتىكى قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە خەۋىرى ھەش - پەش دېگۈچە ئالدىنقى سەپ ۋە باشقا شەھەرلەرگە يېتىپ باردى، جاي - جايلاردىكى ئىشچىلار ۋە كەڭ ئەسكەرلەر قوزغىلاڭغا تېزلىكتە ئاۋاز قوشتى. رومانوۋ سۇلالىسىنىڭ روسىيە خەلقى ئۈستىدە 300 يىل داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقى شۇنىڭ بىلەن تۈگەشتى؛ نىكولاي Ⅱ روسىيە تارىخىدا كەنجى پادىشاھ بولۇپ قالدى. كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ كەنجى پادىشاھ، بولشېۋىكلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلاندى. چارپادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بۇ قېتىمقى ئېنىقلاب، رۇس كالىندارى بويىچە 2 - ئايدا پارتلىغاچقا، تارىختا >فېۋرال ئىنقىلابى< دەپ ئاتالدى. ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان كۈنى پايتەختتە ئىشچى - دېھقانلار ۋەكىلى سوۋېتى قۇرۇلدى. بۇ - ئىشچى - دېھقانلار دىكتاتۇرلىقىدىكى ئورگان ئىدى. كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان بەزى كىشىلەر. بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئۇقتۇرماي بۇرژۇئازىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىۋالدى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چارپادىشاھ يوقالدى. ئەمما رۇس خەلقى يېڭى ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى مۈشكۈل كۈرەش ۋەزىپىلىرىگە دۇچ كەلدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى لېنىن، چارپادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ گېرمانىيە، فرانسىيە، پولشا ۋە شۋېتسارىيىلەردە قېچىپ يۈرگىلى 15 يىل بولغانىدى. بۇ ئۇزاق يىللاردا، ئۇ نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ باردى ھەمدە ھەر خىل مەخپىي يوللار بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ روسىيە ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ شۋېتسارىيىدە فېۋرال ئىنقىلابىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىشنىڭ مىڭبىر چارىلىرىنى ئويلىدى. 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچقۇرۇندا، لېنىن ئاخىر پېتروگرادقا قايتىپ كەلدى، ئەتىسى لېنىن بولشېۋىكلار يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، نۆۋەتتىكى ئىنقىلابنىڭ ۋەزىپىسى ھاكىمىيەتنى بۇرژۇئازىيىنىڭ قولىدىن پرولېتارىيات ۋە نامرات دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ يەنىلا بۇلاڭچىلىق خاراكتېرىدىكى جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇرۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە بولشېۋىكلار يېڭى كۈرەشلەرنى باشلىۋەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ