مارتىن لۇتېر
بەش مىڭ يىل
شۇ كۈنلەردە چېركاۋ ئالدىدىكى سەينا باشقىچە قىزىپ كەتتى. رىم پاپىسى ئۇنداق كاتتا زات ئەۋەتىپتۇ. بۇنداق كاتتا زات ئەۋەتىپتۇ دېگەنلەردىن باشقا يەنە بىرمۇنچە ئاجايىپ - غارايىپ «مۇقەددەس نەرسە» لەرنى ساتىدىكەن دېگەن گەپ - سۆزلەر تارقالدى.
سەيناغا ياغاچتىن ياسالغان «بۇت كىرىست» (كىرىست بەلگىلىك موما) تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا «مۇقەددەس ھەلەم» ئېسىلغان ئىدى، مۇقەددەس ھەلەمنىڭ ئاستى قىرغىقىغا چىقىرىلغان تۆت تال چۇچا شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. بۇت كىرىستنىڭ يېنىغا بىر ئۇزۇنچاق شىرە قويۇلغان ئىدى.
- مانا بۇ «مۇقەددەس سۆڭەك»، كىم مەرھەمەت قىلدۇرسا ئون تىللالىقتىن بىرنى تاشلىسۇن! - بىر پوپ ئاشۇنداق سۈرەن سالغىنىچە قولىدىكى كىچىككىنە بىر تال سۆڭەكنى كۆرسىتىپ، - بۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇقەددەس سۆڭىكى، كىمكى مەرھەمەت قىلدرۇسا ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدۇ، - دېدى.
بىرمۇنچە دېھقان ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى چايقىدى - دە:
- بەكمۇ قىممەت ئىكەن، _دەپ پىچىرلاشتى.
- ياق! - دېدى پوپ شۇ ھامان، - بالىلىرىم، بۇ دېگەن سودا - سېتىق ئەمەس، مۇقەددەس سۆڭەكنى «مەھەمەت قىلدۇرۇش». بۇ مەزھىپىمىزدىكى بىر مۇرىدىمىزنىڭ تەقۋادارلىق ۋىجدانى ئۈستىدىكى سىناق! ھە، راست، بۇ يەردە يەنە ئەۋلىيا ماتتايوست بىلەن ئەۋلىيا پېروسنىڭ مۇقەددەس سۆڭىكىمۇ بار، كىمكى مەرھەمەت قىلدۇرسا، بەش تىللالىقتىن بىرنى تاشلىسۇن! - پوپ يەنە شۇنداق كىچىك سۆڭەكتىن ئىككى تالنى ئېلىپ بازارغا سالدى.
دېھقانلار ئۇلارنى كۆرۈپمۇ يەنە سەل يىراقلاپلا: «بۇ چوقۇم يالغان...» - دەپ غۇدۇراشتى.
- مۇقەددەس نەرسە! مۇقەددەس! _ پوپ يەنە بىر پارچە كونىراپ قالغان بورىنى چىقاردى، - بۇ - ئەۋلىيا ئانا مارىيە، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى تۇققاندا كۆرپە قىلغان بورا، ئەيسا ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇ بورىغا تۇغۇلغان! ئۈچ تىللا تاشلىغانلار مەرھەمەت قىلدۇرالايدۇ. ھەي مۆمىنلەر، تېز كېلىڭلار، تېز!
بىرمۇنچە كان ئىشچىلىرى ئۇنىڭغا قاراپ قويدى - يۇ، لام - جىم دېمىدى.
- يەنە بار، يەنە! مانا بۇ - پەرىشتىنىڭ قانىتى، بىر تىللا تاشلىغانلار مەرھەمەت قىلدۇرالايدۇ! - پوپ سۈرەن سالغىنىچە بىر نەچچە تال پەينى كۆرسەتتى.
كان ئىشچىلىرى بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى ۋە كېتىۋېتىپ پىچىرلىدى:
- تازا پەسلىك - دە، بۇ ئەسكى - تۈسكىلەرنى كۆتىرىپ چىقىپ پۇل تاپماقچى بولغىنىنى قاراڭ!
پوپنىڭ تەرى شۇ ھامان ئۆزگىرىپ، جاۋغايلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى. توساتتىن ئۇ يەنە كۆزىنى يوغان ئېچىپ، تەرىنى ئوڭلاپ، جاۋغايلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، زومۇ - زو ھىجىيىپ، ئىززەت - ئىكرام بىلەن تۇردى.
شۇئان چېركاۋ دەرۋازىسىدىن قىزىل چاپانلىق بىر باش ئېپىسكوپ چىقىپ كەلدى، بىر ئېپىسكوپ ۋە ئىككى راھىپمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ كەلدى. راھىپلار سىلىندىر شەكىللىك بىر سوۋغىنى كۆتۈرۈلۋالغان بولۇپ، سوۋغىنىڭ كىچىككىنە بىر تۆشۈكى بار ئىدى. دېمەك، بۇ غەللە ساندۇقى ئىدى. ئېپىسكوپ قولىغا خەت پۈتۈلگەن بىر تۇتام قېلىن قەغەزنى ئالغان ھالدا، غەللە ساندۇقىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ _ «گۇناھ يۇيۇش تۇمارى» ئىدى.
قىزىل چاپانلىق باش ئېپىسكوپ دەرۋازا ئالدىدىكى پەشتاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى - دە، قۇرۇق يۆتىلىپ قويۇپ، سەينادىكى تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلارغا سۆز قىلىشقا باشلىدى:
- بالىلىرىم! خۇدا مېھرى - شەپقەتلىك. ئۇنىڭ پانىي دۇنيادىكى ۋەكىلى پاپا، مېنى بۇ يەرگە سىلەرگە گۇناھ يۇيۇش تۇمارى سېتىشقا ئەۋەتتى. ھەق راستكى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار چوڭ، دوزاققا كىرىپ ئازاپلىنىشىڭلار تۇرغان گەپ!
تاماشا كۆرگۈچىلەر رىم پاپىسى ئەۋەتكەن بۇ كاتتا زاتنى كۆرۈش ئۈچۈن تەدرىجىي توپلاندى.
_ گۇناھكار بەندىلەر، پۇلۇڭلارنى تېز تاشلاڭلار! - قىزىل چاپانلىق باش ئېپىسكوپ يەنە بىر قۇرۇق يۆتىلىپ قويۇپ سۆزىنى تەكرارلىدى، - بالىلىرىم، خۇدا مېھرى - شەپقەتلىكتۇر. ھەرقانداق كىشى ھەرقانچە چوڭ گۇناھ قىلغان بولسىمۇ، پاپا ئەمىر قىلغان گۇناھ يۇيۇش تۇمارىنى پۇل تۆلەپ سېتىۋالسا، خۇدا ئۇنىڭ بارلىق گۇناھىنى كەچۈرىدۇ!
تاماشا كۆرۈۋاتقانلاردىن بىرى توپ ئارىسىدا تۇرۇپ:
«ئەجەپ گەپقۇ؟ زادى راستمىدۇ؟» دەپ غۇدۇڭشىدى.
قىزىل چاپانلىق باش ئېپىسكوپ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ، غەرەزلىك ھالدا كامىتىنى رۇسلىدى - دە، داۋاملىق توۋلىدى:
- بالىلىرىم، خۇدا ئەڭ مېھرى - شەپقەتلىكتۇر. گۇناھ يۇيۇش تۇمارى سېتىۋالماقچى بولغان پۇللارنى ئۈشبۇ ساندۇققا تاشلاڭلار! پۇل غەللىگە «تاراڭڭىدە» چۈشكەن ھامان، گۇناھكارلارنىڭ روھى دەرھال جەننەتكە كىرىدۇ!
- قىزىق گەپقۇ بۇ، قاتىل، قاراقچى، ئاتا - ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرمۇ گۇناھ تۇمارىنى سېتىۋالسا روھى جەننەتكە كىرەمدىكەن؟ - تاماشا كۆرۈۋاتقانلاردىن بىرى قىزىقسىنىپ سورىدى.
- ھە راست، ھە راست! خۇدا ئەو مېھرى - شەپقەتلىك. قاتىل، قاراقچى، ئاتا - ئانىسىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ھەرقانداق چوڭ گۇناھى بولسىمۇ كەچۈرىدۇ! پاپا ئەمىر قىلىدۇكى، قاتىللار يەتتە تىللا، چېركاۋنى بۇلىغان قاراقچىلار توققۇز تىللا، ئاتا - ئانا ۋە قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر تۆت تىللا تۆلىسە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ يۇيۇش تۇمارى سېتىۋالماقچى بولغان پۇللارنى ئۈشبۇ غەللىگە تاشلاڭلار! پۇلۇڭلار غەللىگە «تاراڭڭىدە» چۈشكەن ھامان روھىڭلار جەننەتكە كىرىدۇ!
- ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈۋاتىدۇ! ئالداپ پۇل تېپىش نەيرىڭىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، - بىرمۇنچە كىشىلەر پەس ئاۋازدا غۇدۇڭشىدى. بىرمۇنچە كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن سەينادىن چىقىپ كەتتى.
بۇ ۋەقە 1517 - يىلى يۈز بەرگەن ئىدى. قىزىل چاپانلىق باش ئېپىسكوپ تېزىل، رىم پاپىسى گېرمانىيىگە ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى رىم پاپىسىنىڭ ئاتالىيىدە سان پېتىر ئىبادەتخانىسىنى ياسىتىشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، گېرمانىيىدە گۇناھ يۇيۇش تۇمارى سېتىش ئىدى.
بۇ - سىنىي جەمئىيەتنىڭ ئاشكارا ئېكىسپىلاتاتسىيىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ گېرمانىيىدىكى ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ئىنتايىن ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن ئىدى.
شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ۋىتتېر بۇرگ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلمىشىنى قاتتىق سۆككەن 95 ماددىلىق تىزىس چاپلاندى. يەرلىك جامائەت توپ - توپ بولۇپ بېرىپ 95 ماددىنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى.
«نېمىدېگەن ياخشى يېزىلغان - ھە!» - دەپ توۋلىدى جامائەت.
_ كىم يازدى بۇنى؟ - پاپىنىڭ ئەلچىسى پەرىشان ھالدا تىزىسقا قارىدى - دە، غەزىپى ئۆرلىگەن ھالدا ھاسىراشقا باشلىدى ۋە ئىنچىكىلەپ قاراپ تىزىسنىڭ ئاخىرىغا ئىسىم يېزىلغانلىقىنى كۆردى - دە، - ئىسمى يېزىقلىق دەڭ تېخى! - مارتىن لۇتېر، خەپ سېنى! پاپىغا مەلۇم قىلىپ، جاجاڭنى بەرگۈزمەيدىغان بولسام توختاپ تۇر!
مارتىن لۇتېر 1483 - يىلى بىر كان ئىگىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئېرفۇرت ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇنچىلىق كەسپىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئىلاھىيەت مەدرىسىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1508 - يىلىدىن باشلاپ، ۋىتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلاھىيەت پروفېسسورى بولغان. ئۇ رىمغا بېرىپ پاپىنڭ چىرىك ۋە ئاچكۆزلۈكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەچكە، فېئولداللىق دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەنئەنىلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، ئادىل - پاك دىنىي جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرى گېرمانىيىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىنىڭ تەلىپىنى، يەنى رىم پاپىسىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنى تەشكىللەشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. مارتىن لۇتېر، بىر دىندار ئىدى، تەبىئىيكى، ئۇ پەقەت دىن ئىسلاھاتى قىلىشنىلا تەلەپ قىلاتتى، دەسلىپىدە تېخى رىم پاپىسىدىن ئادا - جۇدا بولۇپ كېتىشنى ئويلىمىغان ئىدى.
ئەمما، رىم پاپىسى ئۆزىنىڭ ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يۈكسەك نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، مارتىن لۇتېرنىڭ تەنقىدىگە زادىلا چىداپ تۇرالمىدى! پەۋقۇلئاددە ئەلچىدىن خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىنلا، دەرھال لۇتېرغا: يا 95 ماددىلىق تىزىستىن ئاشكارا ۋاز كەچسۇن، يا مەھكىمە شەرئىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسۇن، دەپ ئەڭ ئاخىرقى پەرمان چۈشۈردى.
95 ماددا، ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنى كۆچۈرۈۋېلىپ جاي - جايلارغا چاپلاش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ فېئودال دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدىغان سىياسىي پروگراممىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدى. ئاممىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەنلىكتىن، لۇتېر، پاپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەرمانىنى كەسكىن رەت قىلىپ، شۇ چاغدا گېرمانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ساكسونىيە بەگلىكىنىڭ كىنەزىدىن پاناھ تىلەپ بېرىۋالدى.
1520 - يىلى 12 - ئايدا، پاپا جىددىي يارلىق چۈشۈرۈپ، مارتىن لۇتېرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى «جىرتىىلىق تەلىماتى» دەپ جاكارلىدى.
لۇتېر، پاپىنىڭ يارلىقىنى كۆتەرگەن ھالدا چوڭ يولغا چىقىپ قايناق ھېسسىيات بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى:
«مەن خۇداغا ئىشىنىمەن، ھەقىقەتكە ئىسىنىمەن، ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمەن!»
كىشىلەر تۇتاش ئالقىش ياڭرىتىپ، لۇتېرنىڭ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇشتى.
«رىم پاپىسىدىن ئادا - جۇدا بولايلى! ھەقىقەت ۋە قورال ئارقىلىق قىزىل چاپانلىق ئېپىسكوپلارغا، پاپا ۋە رىم ۋاتىكانىدىكى بارلىق بۇزۇقلارغا ھۇجۇم قىلايلى!»
كىشىلەر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ھاياجانلىرىنى باسالماي، ئارقا - ئارقىدىن ھەرىكەتلەندى، بەزىلەر شاخ - شۇمبا، بەزىلەر يېرىندا، بەزىلەر چاۋارلارنى كۆتىرىپ كېلىپ دۆۋىلىدى. مارتىن لۇتېر، چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ كېلىپ ئوت ياقتى. لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوت يالقۇنى بوشلۇققا كۆتىرىلدى، لۇتېر پاپىنىڭ يارلىقىنى ئوتقا تاشلاپ كۈلگە ئايلاندۇردى.
سورۇندىكىلەر تۇتاش تەنتەنە قىلىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مارتىن لۇتېر، گېرمانىيىدە دىن ئىسلاھىتىنىڭ مەشھۇر داھىيسى بولۇپ قالدى. لۇتېرنى ھېمايە قىلىدىغان مەزھەپ «پىروتېستانت» ئاتىلىپ، رىم پاپىسىنىڭ كاتولىك دىنىدىن پەرقلەندى.
1521 - يىلى 1 - ئايدا، پاپا، مارتىن لۇتېرنى مۇرتەد قىلدى (دىندىن چىقاردى). لۇتېر، ساكسونىيە كىنەزلىكىنىڭ خوجىلىق يېرىدە 13 يىل تۇرۇپ، ئېبراي يېزىقى (يەھۇدىي يېزىقى) ۋە يۇنان يېزىقىدا يېزىلغان «ئىنجىل» نى نېمىسچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، گېرمانىيە خەلقى «ئىنجىل» نى بىۋاسىتە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق دىندارلارنىڭ ئەخمەق قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ، رىم ۋاتىكانى بىلەن ئاشكارا قارشىلىشالايدىغان بولدى.
لۇتېر، ساكسونىيە كۇتۇپخانىسىدا شۈك ئولتۇرۇپ قالغان چاغلاردا، دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى بىرى پەسەيسە، يەنە بىرى ئۆرلىدى، 1518 - يىلىدىن 1523 - يىلىغىچە ھەر يىلى كۆتىرىلىش بولۇپ تۇردى. ئۇلار لۇتېرنىڭ 95 ماددىلىق تىزىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتىرىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلار ۋە دىنىي جەمئىيەت كۈچلىرىگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەشلەرنى قانات يايدۇردى. لۇتېر ئەسلىدە پەقەت دىن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، بەگلەر ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئىمتىيازىنى چەكلىمەكچى بولغاچقا، ئەمدىلىكتە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇش شۇئارىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆزىگە بالا كەلتۈرۈشىدىن قورقۇپ، 1523 - يىلى «دىندىن خالىي دائىرىلەر ۋە كىشىلەرنىڭ دىندىن خالىي دائىرىلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىئال سىياسىي تۈزۈم ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكرار تەكىتلىدى. بۇ ئىلمىي ماقالە، لۇتېرنىڭ خەلق ئىنقىلابىدىن ئايرىلىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلار بىلەن مۇرەسسەلىشىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئەينى يىللاردىكى ئۇنىڭ «رىم پاپىسىنى قورشاپ يوقىتايلى!» دېگەن شۇئارىمۇ بۇ ماقالە بىلەن تەڭلا چىققان يېرىگە كىرىپ كەتتى.
لۇتېر، خەتەرلىك جايغا ھۇجۇم قىلىدىغان باتۇر جەڭچى بولغاندا، خەلق ئۇنىڭغا شۇنچە ئىشىنەتتى. ئەمدى لۇتېر خەلققە ئاسىيلىق قىلدى. خەلقمۇ ئۇنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز داھىيىسىنى ئىزلەشكە باشلىدى.