UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭشىلېففېن پىلانى

شىلېففېن پىلانى

بەش مىڭ يىل گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش پىلانى 1905 - يىلىلا بېكىتىلگەنىدى. بۇ پىلاننى شۇ چاغدىكى باش شتاب باشلىقى شىلېففېن تۈزگەچكە >شىلېففېن پىلانى< دەپ ئاتالدى. شىلېففېننىڭ ۋارىسى مارچ ئەنە ئاشۇ پىلان نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. >شىلېففېن پىلانى< گېرمانىيىنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنىنى غەربتە دەپ تەسەۋۋۇر قىلغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسى غەربىي ياۋروپادا بولۇپ، ئالدى بىلەن غەربىي سەپتە ئالدىن قول سېلىپ قاتتىق زەربە بېرىش ۋاستىسىنى قوللىنىش، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، تۆت - ئالتە ھەپتە ئىچىدە بېلگىيە ئارقىلىق فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، فرانسىيىنى تېزلىكتە بەربات قىلىش، بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش؛ ئاندىن پۈتۈن كۈچنى شەرقىي سەپكە يۆتكەپ روسىيىگە ھۇجۇم قىلىش، ئۈچ - تۆت ئاي ئىچىدە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىدى. گېرمانىيە نېمىشقا بېلگىيە ئارقىلىق فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، فرانسىيە، فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سىزىقىغا خېلى بۇرۇنلا بىر يۈرۈش مۇستەھكەم قەلئەلەرنى ياسىۋالغان بولغاچقا، بۇ تەرەپتىن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، ئۇ زىيان تارتمايتتى؛ بېلگىيە بىتەرەپ دۆلەت بولغاچقا، چېگرىلىرىنىڭ مۇداپىئە كۈچى ئاجىزراق ئىدى، يەنە كېلىپ، بېلگىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىلارغا ساقلاۋچى تۇرغۇزالمايتتى. شۇڭا ھۇجۇمنى مۇشۇ تەرەپتىن باشلىغاندا، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە ئاسانلا ئۈنۈم قازانغىلى بولاتتى. 1914 - يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندە، گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ ئالدىن يۈرۈش قىسىملىرى ئېمىخ گېنېرالنىڭ باشلامچىلىقىدا فرانسىيىگە ئۆتىدىغان يولنى ئېچىش ئۈچۈن، بېلگىيىنىڭ دۆلەت چېگرىسىغا ئۆتۈپ، لېژ قورغىنىغا قاراپ سەپەر قىلدى. بېلگىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ۇرۇش قىلمىغان بولۇپ، 1913 - يىلىغا كەلگەندىلا ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللانغانىدى. پادىشاھنىڭ قولىدا بار - يوقى 160 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 40 مىڭ كىشى لېژ قورغىنىنى ساقلايتتى. لېژ قورغىنىنىڭ ئەتراپى مۇستەھكەم ياسالغان 12 پوتەي بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ پوتەيلەر برونېۋىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان پولات چىۋىق ۋە بىتونلاردىن ياسالغانىدى. ھەر بىر پوتەيدە پىلىموتتىن تارتىپ ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى سەككىز ديۇيم كېلىدىغان ئېغىر توپلارغىچە 400 دانە قورال - ياراغ بار ئىدى. ھەر بىر پوتەينىڭ ئەتراپىغا 30 پۇت چوڭقۇرلۇقتىكى خەندەك كولانغان ھەمدە ھەممىسىگە كۆزىتىش چىرىغى بېكىتىلگەنىدى. بارلىق چىراغلار ۋە ئېغىر توپلارنى بىردەك يەرگە ئېلىپ چۈشكىلى بولاتتى. قوماندان لېمان گېنېرال بۇيرۇققا بىنائەن قورغاننى قەتئىي قوغداپ، فرانسىيە ھەمدەمچى قوشۇنلىرىنىڭ يېنىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. گېنېرال ئېمىخ بېلگىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولىدۇ، دەپ، بىر ئەلچىدىن ئاق بايراق ئەۋەتىپ، گېنېرال لېمانغا تەسلىم بولۇشقا ئۈندىدى: - ئەگەر قوشۇنىڭلار بويىچە قورال تاشلاپ، قوشۇنىمىزنى قورۇلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى قويساڭلار، قوشۇنىمىز سىلەرنىڭ ھەربىيلىك شان - شۆھرىتىڭلارنى ساقلايدۇ، - دېدى ئەلچى تەكەببۇرلۇق بىلەن. - بېلگىيە بىتەرەپ دۆلەت، سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار خەلقئارا ئورتاق قانۇنغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئەمەسمۇ! - دېدى گېنېرال لېماننىڭ ۋەكىلى. - ئەگەر سىلەر بويسۇنمىساڭلار قوشۇنىمىز شەھىرىڭلارنى توپقا تۇتۇشقا ۋە ھاۋادىن بومباردىمان قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ! جانابىي پادىشاھىمىزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە قورغاننى قەتئىي قوغدايمىز! گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ يولسىز تەلەپلىرى رەت قىلىنغاندىن كېيىنلا، دەرھال ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن پوتەيلەرنى ۋە شەھەرنى ئوققا تۇتتى. ئەتىسى يەنە ھاۋا كېمىسى ئارقىلىق ئون نەچچە بومبا تاشلاپلا ئارقىدىن گويا دولقۇندەك ئارقا - ئارقىدىن پوتەيلەرگە ئاتاكا قىلدى. ئەمما ھەممىسىدە بېلگىيىنىڭ ئېغىر توپلىرى ۋە پىلىموتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئوت كۈچى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ جەسەتلىرى شەرقتىكى ئىككى پوتەينىڭ ئالدىغا دۆۋىلىنىپ كەتتى، ئەمما، لېژ قورغىنىدىكى پوتەيلەردىن بىرىنىمۇ ئالالمىدى. ئىككىنچى كۈنى كېچىسى، گېرمانىيە ئىككىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى گېنېرال رۇدىنىداۋ بىر پىيادە ئەسكەرلەر بىرىگادىسىغا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، سۇقۇنۇپ كىرىش تاكتىكىسى ئارقىلىق شەرق تەرەپتىكى ئىككى پوتەي ئارىلىقىدىكى بوشلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە 7 - كۈنى لېژ بازىرىنى ئىگىلىدى. ئەمما، لېژ ئەتراپىدىكى پوتەيدىكى جەڭچىلەر يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ تۇردى. پەقەت 10 - ئاۋغۇستقا بارغاندىلا ئاندىن ئىككى پوتەينى پاچاقلىدى. لېژ قورۇلىدىن تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن، گېرمانىيە ئارمىيىسى سېپىل پارتلىتىدىغان چوڭ تىپتىكى توپ بىلەن ئېسەن قالغان ئون پوتەينى پاچاقلىماقچى بولدى. بۇ چاغدا، ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن توپلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىدە ئىشلىتىدىغان ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 13 يېرىم دىيۇيم كېلىدىغان توپلار ئىدى. بىراق، گېرمانىيە لايىھىلەپ چىققان توپلارنىڭ ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 16 يېرىم دىيۇيم بولۇپ، بىر توننا ئېغىرلىقتىكى ئوقلارنى توققۇز ئىنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى جايلارغا ئاتالايتتى. بۇ توپلاردىن ئېتىلىدىغان برونېۋىك تېشەر ئوقلارغا ۋاقىتلىق كاپسۇل بېكىتىلگەن بولۇپ، نىشانلانغان نۇقتىنى تېشىپ ئۆتكەندىن كېيىن، دېگەن مۇدەتتە پارتلىغاچقا، تولىمۇ قۇدرەتلىك ئىدى. >گۇمبۇ گۇمباڭ! گۇمبۇ گۇمباڭ!< دەھشەتلىك پارتلاش سادالىرى بىلەن تەڭ بېلگىيىنىڭ پوتەيلىرى بىر - بىرلەپ تاش - كېسەكلەر دۆۋىسىگە ئايلاندى. 16 - ئاۋغۇستقا بارغاندا، لېژ قورۇلىنىڭ قوماندانلىق شتابى تۇرۇشلۇق ئەڭ ئاخىرقى پوتەيمۇ برونېۋىك تېشەر ئوقلارغا جان بەردى. گېنېرال لېمان ھوشىدىن كېتىپ ئەسىرگە چۈشتى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى لېژ قورۇلىنى ئىگىلەپ بولۇپلا غەربكە قاراپ ئېتىلدى ۋە تۆت كۈندىن كېيىنلا بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلنى ئىشغال قىلدى؛ مانا ئەمدى >شىلېففېن پىلانى< بويىچە بەش يولغا بۆلۈنۈپ فرانسىيىنىڭ شىمالىغا قاراپ ئېتىلدى. فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال شافېر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا چاۋاك چالغان ھالدا جاكار قىلدى: >ياخشى، نېمىسلار بىزگە شىمالدىن ھۇجۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇلارغا شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ، نېمە قىلارنى بىلەلمەس قىلىۋېتەيلى! مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالساس، رولىن رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالايلى!< ئالساس، رولىنلار فرانسۇزلار پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا يېڭىلىپ قالغاندا، گېرمانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن رايونلار بولۇپ، نېمىسلارنىڭ داۋاملىق تاجاۋۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە فرانسۇزلار ئۇ يەرگە بىر يۈرۈش قەلئەلەرنى سالغانىدى. >شىلېففېن پىلانى< بويىچە گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بېلگىيىدىن ئۆتۈپ فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان بولغاچقا، گېرمانىيە قوشۇنلىرىدىن بۇ يەردە ئىككى گۇرۇھ ئارمىيىلا قالدۇرۇلغانىدى. دەسلىپىدە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ يۈرۈشى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئالساس، رولىن رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. ئۇلار 40 نەچچە يىل بۇرۇن قولدىن بېرىپ قويغان بۇ رايونلارنى يېڭىباشتىن ئىگىلىگەندە، ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى، ئەمما ئۇلار گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ پىلانلىق چېكىنىش ئارقىلىق رەقىبىنى مۇۋاپىق جايغا ئالداپ ئاپىرىپ، شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، فرانسىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قايتۇرما فرانسىيە قوشۇنلىرى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىندى. مەغلۇبىيەت خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن گېنېرال شافېرغا يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. >گېرمانىيىنىڭ بىرىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى مونسقا ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە يىراققا يۈرۈش ئارمىيىسىگە ھۇجۇم باشلىدى، بىر كېچە - كۈندۈزلۈك جىددىي جەڭ ئارقىسىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى كۆپ دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرالماي چېكىندى<. >ئۈچىنچى، تۆتىنچى گۇرۇھ ئارمىيىمىز ئادىن ئورمانلىقىدا گېرمانىيىنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى گۇرۇھ ئارمىيىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈن قانلىق جەڭ قىلدى، ھازىر بەرداشلىق بېرەلمەي جەنۇبقا قاراپ چېكىندى!< >جىددىي دوكلات: گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى ھازىر پارىژنىڭ شەرقىي - شىمالىغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا قىستاپ كەلدى<. گېرمانىيە قوشۇنلىرى بېلگىيە بىلەن فرانسىيە چېگرىسىدىن بېسىپ كىرگەن ئون كۈن ئىچىدە گېرمانىيە، فرانسىيە ئىككى تەرەپتىن 3 مىليون 500 مىڭ كىشى جەڭگە چۈشۈپ قىرغىن قىلىشتى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئەسكەرلەر شىددەتلىك جەڭنىڭ قۇربانى بولدى. گېرمانىيىنىڭ فرانسىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن بەش گۇرۇھ ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىغا ئۇدۇللاپ ماڭدى. پارىژغا جىددىي خەۋپلىك ۋەزىيەت شەكىللەندى. 3 - سېنتەبردە فرانسىيە ھۆكۈمىتى بوردوغا كۆچۈپ كەتتى. گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ باش شتاب باشلىقى مالىت ھەددىدىن زىيادە كۆرەڭلەپ كەتتى - دە، >شىلېففېن پىلانى< ھايالسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى پۈتۈن سەپ بويىچە بىتچىت قىلىشقا نەپسى تاقىلدىغان ھالدا قوشۇنلىرىغا بىر نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى؛ يەنە ئىككى سەپ ئارمىيىسىنى روسىيىلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي سەپكە يۆتكىدى. بۇنىڭ بىلەن >شىلېففېن پىلانى< ئۆزگىرىپ كەتتى - دە، گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئوڭ قاناتتىكى ھۇجۇم كۈچى ئەسلىدىكى 16 سەپكە 11 سەپكە چۈشۈپ قېلىپ سان جەھەتتە فرانسىيە قوشۇنلىرىدىن ئازلاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە، فرانسىيە قوشۇنلىرى گەرچە ۋاقىتلىق مەغلۇبىيەتتە تۇرسىمۇ، ئەمما، ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قالدى. گېنېرال شىلېففېن گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تارقاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى سېزىۋالدى - دە، شۇ ھامان ئەسكىرىي كۈچىنى يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى سول قاناتقا يۆتكىدى، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە قوشۇنلىرى فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قايچىسىمان ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىدە يېتىپ قالدى. 5 - سېنتەبردىن 9 - سېنتەبرگىچە گېرمانىيە - فرانسىيە قوشۇنلىرى پارىژنىڭ شەرقىدىكى مويىن دەرياسىدا شىددەتلىك جەڭ قىلدى. 200 كىلومېتىر كېلىدىغان فرونتتا ئىس - تۈتەكلەر ئاسماننى قاپلاپ، ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداپ ياندى. بۇ قىرغىنچىلىققا بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆلدى. نەتىجىدە، گېرمانىيە قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولۇپ، شىمالغا قاراپ چېكىندى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. مارنا دەرياسىدا بولغان چوڭ جەڭ گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تېز غەلىبە قىلىش ئۇرۇشى دېگەن نېمىسىنى تارمار قىلىپ، شىلېففېن - مالىتلارنىڭ ستراتېگىيىلىك پىلانىنى بەربات قىلدى. جەڭ ئاياغلاشقان ھامانلا مالىت گېرمانىيىنىڭ پادىشاھىغا >پادىشاھى ئالەم، بىز ئۇرۇشتا ئۇتتۇرۇپ قويدۇق!< - دەپ مەلۇم قىلدى. 14 - سېنتەبردە مالىت گېرمانىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ