UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ100 پولك ئۇرۇشى

100 پولك ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل بىر كۈنى، شىياڭگاڭدىكى ياپونىيىلىك سودىگەر دۇڭفېينىڭ سودا دۇكىنىدىكى مېھمان قوبۇل قىلىش ئۆيىگە كاستوم كىيگەن جۇڭگولۇق ئۈچ «سودىگەر» كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا، يان ئۆينىڭ ئىشىكى «غىچ» قىلىپ ئېىچلىپ، ياپونىيىلىك ئۈچ «سودىگەر» كىردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرنى ئاستىغا كىچىككىنە بۇرۇت قويۇۋالغانىدى. _ قارشى ئالىمىز! - دېدى ياپنىيىلىكلەر تىك تۇرۇپ، ئاندىن ئېگىلىپ تازىم قىلىشتى. جۇڭگولۇق ئۈچ «سودىگەر» مۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ: _ قىممەتلىك ۋەكىللەر يىراقلاردىن كەلدى، بىز قارشى ئالالمىدۇق، كەچۈرگەيلا! _ دېدى ئىككى مۇشتىنى جۈپلەپ تازىم قىلىپ. _ خوش، گۇۋاھنامىمىزنى چىقىرايلى! _ دېدى ياپونىيلىكلەر گەپ ئارىسىدا سومكىسىدىن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى يەنجۈنليۇنىڭ تامغىسى بېسىلغان بىر پارچە ھۈججەتنى چىقىرىپ، ھۆججەتكە: ياپونىيە بۈيۈك ئارمىيە لاگېرى شتابىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جيۇجىن، جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن ئارمىيە (يەنى تاجاۋۇزچى ئارمىيە) باش قوماندانلىق شتابىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جىنجىن، مەسلىھەتچى لىنمۇ دەپ ئېنىق يېزىلغانىدى. ئۇلار «سودىگەر» لەر ئەمەس، بەلكى ھەربىيلەر ئىدى. جۇڭگولۇق ئۈچ «قسودىگەر» مۇ دەرھال سومكىسىدىن بىر پارچە ھۆججەتنى چىقاردى، ئۇنىڭغا ئالىي دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى باش كاتىپىنىڭ تامغىسى بېسىلغانىدى. ھۆجقەتكە: چۇڭچىڭ بارىگاھىنىڭ مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن فۇچۇجاڭ، ئالىي دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ مۇدىرى كاتىپىس جاڭ جۈرىن دەپ يېزىلغان ۋە سۇڭ فامىلىك ھەربىي ئۇنۋانى يوق بىرىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. ئەسلىدە بۇلارمۇ «سودىگەر» ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە مەخپىي ۋەزىپە بىلەن كەلگەن كىشىلەر ئىدى. _ مەرھەمەت قىلىپ ئولتۇرۇشسىلا! _ دېدى ياپونىيىلىك كۈلۈمسىرەپ، - ئەمدى سۆھبەتنى باشلايلى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتەيلەن دۈگىلەك ئۈستەلنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ سۆھبەتنى باشلىدى ..... ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگو خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىاتسا، چۇڭچىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ؟ ئەسلىدە، 1938 - يىلى ئۆكتەبردە ۋۇخەن قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئاساسىي كۈھتىنى 8 -ئارمىيە ۋە يېڭى 4 -ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ، گومىنداڭغا بولسا، ئالداپ تەسلىم قىلدۇرۇش چارىسىنى قوللاندى. دەرۋەقە، خائىن ۋاڭ جىڭۋېي چھۇڭچىڭدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى باشلاپ كېلىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنڭ قانىتى ئاستىدا، قولدىن كەتكەن رايونلاردا قورچاق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلدى. ئارقىدىنلا، ياپون قاراقچىلىرى يەنىمۇ ئىلگخرىلىگەن ھلادا بېسىم ئىشلەتتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل بىلەن تىل بىركتۈرۈپ، بېرما - يۈننەن تاشيولىنى قامال قىلىپ، گومىنداڭنىڭ سىرتتىن ياردەم ئالىدىغان يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چۇڭچىڭنى غالجىرلارچە بومباردىمان قىلىپ، نۇرغۇن ئەسكەر چىقىرىپ راڭياڭ، يىچاڭلارنى بېسىۋېلىپ، چۇڭچىڭغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىىدغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. جياڭ جيېشى ياپون قاراقچىلىرىنىڭ ئالداپ تەسلىم قىلدۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا «تىنچلىق» نى تىڭ تىڭلاپ بېقىش (ئەمەلىيەتتە تەسلىم بولۇشنى تىڭ تىڭلاپ بېقىش) ئۈچۈن، بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەۋەتكەنىدى. بۇ ئىشلار 1940- يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يۈز بەرگەن. تۆت كۈن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يەنە ئۈچ ئايدىن كېيىن «دۈگىلەك ئۈستەل سۆھبىتى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئىيۇن كۈنلىرىنىڭ بىر ئاخشىمى ئۈچ ياپونىيىلىك بىر گومىنداڭچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن، ئاۋمېندىكى ئادەمزات يوق بىر كوچىدا تىمىسقىلاپ كېتىپ باراتتى. ئۇلار نۇرغۇن دوقمۇشلارنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا كۈن چۈشمەيدىغان بىر يەر ئاستى ئۆيگە شۇڭغۇپ كىردى، غۇۋا شام يېقىلغان بۇ يەر ئاستى ئۆيدە گومىنداڭنىڭ ئۈچ ئەربابى ئۇلارنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۆتكەن نۆۋەت تونۇشقانلىقى ئۈچۈن، بىر كۆرۈشۈپلا گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ دەرىجىسى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن يۇقىرىراق بولۇپ، توكيو تەرەپتىكىلەرنىڭ گۇۋاھنامىسىگە ياپونىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى شيەنگۇڭيۈەننىڭ تامغىسى، چۇڭچىڭ تەرەپنىڭكىگە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جياڭ جيېشىنىڭ تامغىسى بېسىلغانىدى. ئۇلار كۈن چۈشمەيدىغان مۇشۇ يەر ئاستى ئۆيدىكى شام يورۇقى ئاستىدا ئۇدا ئۈچ كېچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا، شۇ يىل كۈزدە جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېي ۋە بەنيۈەن (ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى) مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولدى. تەسلىم بولۇش سۇيىقەستى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى ...... ئەمما، كۈز كۈنلىرى يېتىپ كەلگەندە، جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېي ۋە ياپونىيىنىڭ مەخپىي سۆھبەتتىكى كۇسۇلداشلىرى ئەمەس، بەلكى 8 - ئارمىيىنىڭ ھەيۋەتلىك زەمبىرەك ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ يىل 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 8 - ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى قۇ دې، مۇئاۋىن باش قوماندانى پېڭ دېخۇەي، مۇۋئاۋىن باش شتاب باشلىقى زو چۇەنلەر بىرلىكتە 8 - ئارمىيىنىڭ 129-دىۋىزىيىسى (ليۇبوچېڭ، دېڭ شياۋپىك قوماندانلىقىدىكى)، 120 - دىۋىزىيىسى (خې لۇڭ، گۇەن شياڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى) ۋە سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى )نيې رۇڭجېن قوماندانلىقىدىكى) دىن جەمئىي 115 پولكنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياپون تاقاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ لىنىيىلىرى بىلەن ئىقتىسادىي تومۇرىنى ۋەيران قىلىپ، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ ئالداپ تەسلىم قىلدۇرۇشدتەك شەرمەندە سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. بۇ كاتتا جەڭ 1940 - يىل 20 - ئاۋغۇست كۈنى خەتەرلىك جاي نياڭزىگۇەنگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن باشلاندى. نياڭزىگۇەن سەنشى بىلەن خېبېينىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانىدى. بۇ يەردە ئېگىز تاغلار كۆپ، يوللار ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش تەس، مۇداپىئە قىلىشقا ئەپلىك ئىدى. بۇ يەر 1937 - يىلى قولدىن كەتكەندىن بۇيان، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ شىجياجۇاڭ - بەييۈەن تۆمۈر يولىدىكى مۇھىم تايانچ پونكىتى بولۇپ قالغانىدى. دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى نياڭزىگۇەننىڭ غەربىدىكى چوڭ ئىبادەتخانىغا جايلااشقانىدى. نياڭزىگۇەننىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىز تاغ ئۈستىدە، دۈشمەنلەر خەتەرلىك قىياغا تىرەپ تۆت چوڭ قوختا سالغانىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كەنتتە يەنە بىر قىسىم قورچاق ئەسكەرلەر بولۇپ، قوختا بىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان ۋە زىچ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئوت كۈچى تورى ھاسىل قىلغانىدى. شۇ كۈنى تۈن پەردىسى پۈتۈن كەنتنى قاپلىغاندىن كېيىن، 8 - ئارمىيىنىڭ ئىككى ليەن جەڭچىلىرى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن كەنتتىكى قورچاق ئەسكەرلەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇيقۇدا ياتقان دۈشمەنلەرنى مىلتىق ئاۋازى، زەمبىرەك ۋە قول بومبىسىنىڭ پارتىلىغان ئاۋازى چۆچۈتۈپ ئويغىتىۋەتتى، ئۇلار ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، بىر قىسمى ئۆلۈپ ، بىر قىسمى يارىدار بولۇپ، پۈتۈنلەي تارمار قىلىندى. قوختىدىكى دۈشمەنلەر تۇيۇپ قېلىپ، 8 - ئارمىيىنى دەھشەتلىك تۈردە ئوققا تۇتتى، 8 - ئارمىيە كەنتنى تايانچ نۇقتا قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېتىۋاتقان زەمبىرەكلىرىگەپەرۋا قىلماي تىك تاغ چوققىسىنى بويلاپ دۈشمەنگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى. يارىدار بولغان جەڭچىلەر تىك تاغدىن جىلغىغا دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتسىمۇ، ئەمما بىرسى يىقىلسا، ئارقىدىكىلىرى قەھىرمانلارچە ئاتاكىغا ئۆتتى. نياڭزىگۇەن ئىسسىق قانلار بىلەن بويالدى. ئۈچ سائەت كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، نياڭزىگۇەن ئاخىر ئىشغال قىلىنىپ، دۈشمەنلەر پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. تاڭ يورۇغاندا، قىپقىزىل جەڭ بايرىقى شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن شانلىق قۇياش نۇرىدا، ئىسسىق قانلار بىلەن بويالغان نياڭزىگۇەن ئاسمىنىدا گويا باھار قارلىغىچىدەك لەپىلىدىدى. _ ئۈچ يىل بوپتۇ! نياڭزىگۇەن سېپىلىگە ۋەتەن بايرىقى ئاخىر يەنە قادالدى! - دېيىشتى جەڭچىلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا كۆز تاشلاپ ۋە قىپقىزىل جەڭ بايرىقىغا تىكىلىپ، ھاياجان ئىچىدە يىغلاپ تۇرۇپ. نياڭزىگۇەن ئېلىنغان كۈنى، 8 - ئارمىيىنىڭ بىر پولكى خېبېي ئۆلكىسىدىكى جىنشىڭ كۆمۈر كېنىدىمۇ شىددەتلىك جەڭ باشلىۋەتتى. جىنشىڭ كۆمۈر كېنى دۈشمەنلەر شىمالىي جۇڭگودا ئاچقان مۇھىم ھەربىي لازىمەتلىك بايلىقىدىن بىرى ئىدى. بۇ يەردىن چىققان كۆمۈرب ىلەن شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتىن تاشقىرى، كۆپ قىسمى ياپونىيىگە توشۇلۇپ، كىرسىن چىقىرىلاتتى. دۈشمەنلەر كۆمۈر كېنىنى ناھايىتى پۇختا مۇداپىئە قىلاتتى. ئىككى كان قۇدۇقىنىڭ ئەتراپىغا بىر غۇلاچ ئېگىزلىكتە كالتە سېپىل سوققان، ئۈستىگە توك سىمى تارتقانىدى، توك سىمىنىڭ سىرتىدا تىكەنلىك سىم ۋە ئاكوپلار بار ئىدى. تو سىمى چۆرىسىدە رەت - رەت پوتەيلەر بولۇپ، ناھايىتى كۆپ پوستلار قويۇلغانىدى. بۇلاردىن باشقا، كان قۇدۇقىدىن سەككىز چاقىرىم كېلىدىغان تاغ ئۈستىدە تاشقى مۇداپىئە سۈپىتىدە، يەنە ئۈچ ئىستىھكام ياسىغانىدى. بۇلار ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ نەزەرىدە، قوراللىرى ناچار 8 - ئارمىيىگە نىسبەتەن پولات ئىستىھكام ھېسابلىناتتى. 8 - ئارمىيە ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئاخشىمى مۇنەۋۋەر كان ئىشچىلىرى يول باشلاپ ماڭدى. ئۇلار ئېگىز بىر تاغدىن سىيرىلىپ چۈشتى. بۇ چاغدا، كان رايونىدىكى ئېلېكەر چىراقلار يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى، پويىز ئۈشقىرتىپ، تۇرىۇنىدىن قويۇق ئىس چىقىرىپ تۇراتتى. ياپون قاراقچىلىرى زادى تۇيماي قالدى. تۈن يېرىمىدا، 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرى تاشقى ئاكوپلاردىن ئاۋايلاپ ئۆتۈپ، تىكەنلىك سىملارنى كېسىپ، ئىشچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە توك سىملىرىنىمۇ ۋەيران قىلدى. 1 - قول بومبىسى دۈشمەن پوتىيىگە «گۈم» قىلىپ تاشلاندى، ئارقىدىنلا زەمبىرەك ۋە پىلىموتلار تەڭلا سايرىدى. 8- ئارمىيىنىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى ئارقىسىدا، جەڭچىلەر شوتىلارنى قوۇپ، كالتە سېپىلغا ياماشتى. دۈشمەن كالتە سېپىلىغا بىر چوڭ بومبا تاشلىدى، ئۇ پارتلاپ بولغىچە قەھرىمان 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرى بىر تېپىپلا چۈشۈرۈۋەتتى، بومبا دەل دۈشمەنلەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا پارتلاپ، نۇرغۇن ئالۋاستىلار ئۆلدى. دۈشمەنلەر قاچتى، 8- ئارمىيە كان رايونىدىكى ئىستىھكاملارنى ئىشغال قىلدى، قالدۇق دۈشمەنلەر ئايرىم بىر بىناغا چېكىنىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. ئىككى سائەت جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاك _ پاكىز يوقىتىلدى. ئىشچىلارنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، كاندىكى 14 ماشىنا، ئون ئۆرە مەش، ئۈچ شامالدۇرغۇچ، بىر گېنېراتور ئۆيى، بىر پويىز ئىستانسىسى، بەش تۆمۈر كۆۋرۈك ۋە كاندىكى بارلىق ئىمارەتلەرنى 8 - ئارمىيە پۈتۈنلەي پارتلىتىۋەتتى. بۇ قېتىمقى جەڭدە، دۈشمەن ناھايىتى زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراپ، بىر - ئىككى يىلغىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. 100 پولك ئۇرۇشى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بالشىنىپ 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاياغلاشقىچە ئۈچ يېرىم ئاي داۋام قىلدى. بۇ جرايندا، 1824 قېتىم چوڭ - كىچىك جەڭ قىلىنىپ، ياپونىيە ئەسكەرلىرى ۋە قورچاق ئەسكەرلەردىن 46 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يوقىتىلدى، دۈشمەننىڭ 2900 دىن ئارتۇق تايانچ پونكىتى ئېلىندى، نۇرغۇن قورال - ياراغ، زەمبىرەك، تانكا ۋە بروۋىنكلار غەنىمەت ئېلىندى. بۇ، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن بۇيانقى ئۇلۇغ ۋە جاپالىق ئۇرۇش بولدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىنتايىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، ئىچكى جەھەتتە تەسلىمچىلىك مۇرەسسەچىلىك ۋە كومپارتىيىگە قارشى تەتۈر ئېقىم كۆتۈرۈلگەن ۋەزىيەت ئاستىدا ، «100 پولك ئۇرۇشى» نىڭ غەلىبە قىلىشى ئالداپ تەسلىم قىلىش، نەسىھەت بىلەن تەسلىم قىلىش يولىدىكى بارلىق سۇيىقەستلەر ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە بولدى، بارلىق مۇرەسسەچىلەر، تەسلىمچىلەرنىڭ كومپارتىيىگە، 8 - ئارمىيىگە قارشى تۇرۇش يولىدىكى رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كەڭ ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ غەلىبە قازىنىشقا بولغان ئىشەنچىسىگە زور دەرىجىدە ئىلھام بەردى. كىشىلەر 8 - ئارمىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قازانغان ئۇلۇغ غەلبىسىگە قىزغىن تەنتەنە قىلدى. يەنئەندە چىقىدىغان «8 - ئارمىيە ھەربىي - سىياسىي ژۇرنىلى» غا خەلقنىڭ قەلبىنى ئىپادىلەيدىغان مۇنداق بىر كۇپلىت مەدھىيە بېسىلدى: كۆتە تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئۈستىدە چاقماق چېقىپ، پىتىراپ قارا تۇمانلار كەتتى ھەر يان تارىلىپ. يۈز ئېچىپ ئەلدە تىنچلىق، تىنجىدى ياۋ خەۋپى، شۇ چىۋەر جۇ، پېڭ قوماندان تەدبىر غالىب كېلىپ. 100 پولك ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى جۇڭگودا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ جەڭگىۋار ئىرادىسىگە غايەت زور ئىلھام بەردى، ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ئالداپ تەسلىم قىلىش سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. جياڭ جيېشىمۇ ۋاڭ جىڭۋېي بىلەن بىرلىكتە ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ