UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئۆگىنىش مۇددىئاسى

ئۆگىنىش مۇددىئاسى

بالىلار پسىخولوگىيىسى كىشىلەر دائىم: پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پاراۋوزغا باغلىق، دېيىشىدۇ. پاراۋوزغا ماتور ئورنىتىلغان، ماتور بولمىسا پاراۋوز ئەلۋەتتە قوزغىلالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىمۇ مۇشۇ ماتورغا ئېھتىياجلىق، مانا بۇ بىز ئادەتتە دەيدىغان ئۆگنىش مۇددىئاسى. ھەرقانداق ئۆگىنىش پائالىيىتى ئۆگىنىش مۇددئاسىدىن كېلىدۇ. ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان بىر خىل پسىخىك ئېھتىياجى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۆگىنىش جەريانى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بىر ئوقۇغۇچى كۈچلۈك، توغرا ئۆگىنىش مۇددىئاسىغا ئىگە بولسا، ئۇ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆگىنىشنى بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ بىلىدۇ، «مەن ئۆگىنىشىم كېرەك» دېگەن ئىدىيىنى ھەقىقىي تۇرغۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە ۋە كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۆگىنىش جەريانىدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. توغرا ئۆگىنىش مۇددىئاسى كەمچىل ئوقۇغۇچى ئۆگىنىشنى ھامان ئاتا - ئانىسىغا، ئوقۇتقۇچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش، «باشقىلار ئۆگەن دېگەنلىكى» ئۈچۈن ئۆگىنىش دەپ بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىدە ھامان پاسسىپ ھالەتتە بولغاچقا، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئالدى بىلەن، ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ مەزمۇنى ۋە خاراكتېرىدىن قارىغاندا، توغرا ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە توغرا بولمىغان ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولىدۇ. مەسىلەن، «ۋەتىنىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلەش» تىن ئىبارەت بۇ مۇددىئا توغرا، ئالىيجاناب مۇددىئا، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈنلا ئۆگىنىشتەك مۇددىئا توغرا بولمىغان مۇددىئا بولۇپ، ھامان ئۇزاققا بارالمايدۇ. ئىككىنچىسى،ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، بىۋاسىتە، قىسقا مەزگىللىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى ھەم ۋاسىتىلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولىدۇ. بىۋاسىتە، قىسقامەزگىللىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى ئۆگىنىشكە بولغان بىۋاسىتە قىزىقىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ بىۋاستە ئۈنۈمىگە بولغان ئىنتىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆگىنىشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىشى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئوقۇشى قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى مۇددىئالار بىرقەدەر كونكىرىت بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ رولى قىسقىراق ۋە مۇقىمسىزراق بولىدۇ، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ۋاسىتىلىك، ئۇزاق مەزگىللىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى بىلەن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولماستىن، بەلكى ئۆگىنىش پائالىيىتى نەتىجىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ياكى شەخسنىڭ ئىستىقبالى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، «مەملىكىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆگىنىش» تىن ئىبارەت مۇددىئا بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشى، ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنىڭ بار - يوقلۇقى ۋە دۇنيا قارىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مۇددىئا شەكىللەنگەن ھامان، بىرقەدەر مۇقىملىققا ئىگە بولۇپ ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، مۇھىتتىكى تاسادىپىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاسان ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئۇزاق مەزگىل رول ئوينايدۇ. ئۈچىنچىسى، ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىگە كۆرسىتىدىغان رولىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدىن قارىغاندا، تەشەببۇسكار ئۆگىنىش مۇددىئاسى ۋە قوشۇمچە ئۆگىنىش مۇددىئاسى بولىدۇ. تەشەببۇسكار ئۆگىنىش مۇددىئاسى نۇرغۇن ئۆگىنىش مۇددىئالىرى ئىچىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ۋە تىزگىنلەش رولىنى ئوينىيالايدىغان ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، بېقىندىلىق رول ئوينايدىغان ئۆگىنىش مۇددىئاسى قوشۇمچە ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى كۆرسىتىدۇ. توغرا، ئالىيجاناب، ۋاسىتىلىك، ئۇزاق مەزگىللىك ئۆگىنىش مۇددىئاسى ياخشى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم شەرتى.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى