ئۆگىنىش جەريانى
بالىلار پسىخولوگىيىسى
كىشىلەر كۈندە ئۆگەنسىمۇ، بىراق ئۆگىنىشنىڭ قاندق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئادەتتە پۈتكۈل ئۆگىنىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
بىرىنچى، ھېس قىلىش، يەنى ئوقۇغۇچىلار ئاڭلاش، كۆرۈش، سىلاش قاتارلىق سېزىملىرىغا تايىنىپ، ھېسسىي بىلىشكە ئېرىشىش جەريانى. مەسىلەن، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرىنى ئىگىلەش جەريانىدا، دەرسلىكتىكى ئۇقۇم، قانۇن، تېئورېمىلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھامان بەزى رەسىملەرنى كۆزىتىشكە، ئەمەلىي نەرسىلەرنى سىلاپ كۆرۈشكە ياكى بەزى تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ، تارىخ، جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتە تارىخ، جۇغراپىيىگە ئائىت ئۇقۇملارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دائىم تارىخىي ئاسارئەتىقىلەر، سۈرەت، جۇغراپىيە مودېللىرى، خەرىتە قاتارلىق نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى جەھەتتە، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش، تېكىستنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن ئادەتتە بەزى ئوبرازلىق تىللار بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ياكى مۇناسىۋەتلىك سۈرەت - رەسىملەرنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر قاتار كۆزىتىش، ئاڭلاش، سىلاپ كۆرۈش، مەشغۇلات ئىشلەش ياكى تەسەۋۋۇر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆگەنمەكچى بولغان بىلىم ھەققىدە كونكرېت ھېسسىي بىلىشكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، چۈشىنىش، يەنى بۇنىڭدا ھېسسىي بىلىش ئاساسىدا، تەھلىل قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئابستراكتسىيىلەش، يىغىنچاقلاش قاتارلىق جەريانلار ئارقىلىق، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. «بۇلۇڭ» ئۇقۇمىنى ئۆگىنىش جەريانىنى ئېلىپ ئېيتساق، مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي نەرسىلەر ياكى شەكىللەرنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇلۇڭنىڭ تەكشىلىكتىكى ئوبرازى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھېسسىي بىلىش بولۇپ، يەنە ئۇنىڭ ماھىيەتلىك ۋە ماھىيەتسىز ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ئاساستا، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ئارقىلىق «بۇلۇڭنىڭ بىر نۇقتىدىن چىققان ئىككى تۈز سىزىقتىن ھاسىل بولغان تەكشىلىك» ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، مانا بۇ ماھىيەتلىك چۈشىنىش بولىدۇ.
ئۈچىنچى، مۇستەھكەملەش. بىلىمگە ئېرىشىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنە ئۇنى مۇستەھكەملەش جەريانى بولىدۇ، مانا بۇ ئۆگىنىشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى. بىلىمنى مۇستەھكەملەش جەريانى ئەستە ساقلاش ئارقىلىق بىلىمنى كاللىدا مۇستەھكەم قالدۇرۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، بىلىمنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق تەدرىجىي بىلىم جۇغلاشتىن ئىبارەت.
تۆتىنچى، ئىشلىتىش. بىلىمنى ئىشلىتىش ئۆگىنىش جەريانىنىڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچى، يەنى ھېس قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە ئەستە ساقلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ھەمدە مۇناسىپ ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەرنى ھازىرلاشتىن ئىبارەت. بىلىمنى ئىشلىتىش جەريانى پىششىق بىلمەسلىكتىن پىششىق بىلىشكە ئۆتۈش جەريانىدۇر. خەتنى ئانچە كۆپ بىلىپ كەتمەيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دەسلىپىدە كىتابنى ئىنتايىن ئاستا ئوقۇيدۇ، ھەتتا خەتنى ھەجىلەپ ئوقۇيدۇ. ئوقۇش مەشىقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇش ماھارىتى ئۆسىدۇ، ھەتتا «بىر قارىشىدا نەچچە قۇرنى ئوقۇش» دەرىجىسىگە يېتىدۇ.
ئۆگىنىش جەريانىدىكى تۆت باسقۇچ بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئىشلىتىش ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى، ھالبۇكى، ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچ بولسا، كېيىنكى بىر باسقۇچنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ئۆگىنىش جەريانىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئېلىپ بېرىلىشى ئۆگىنىش مۇددىئاسى، دىققەت - ئېتىبارى ۋە كەيپىيات كەچۈرمىشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.