UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئۆگىنىش ئۇسۇلى

ئۆگىنىش ئۇسۇلى

بالىلار پسىخولوگىيىسى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلمىي ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىدىن مۇنداق ئۈچ خىلى بار: نوقۇل مەشىقلىق ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە سىناپ ئەسلەش ئۇسۇلى. «كىتابنى ئوقۇۋەرسەڭ، مەنىسى ئۆزىدىن ئايان بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. بىرەر يېڭى مەزمۇننى ئۆگىنىش، تەكرار قايتىلاش، ئۇزاققىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق يادقا ئوقۇش دەرىجىسىگە يەتكىلى بولىدۇ، مەنىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولىدۇ، بۇ، نوقۇل مەشىقلىق ئوقۇش ئۇسۇلى، دېيىلىدۇ. بىر - ئىككى قېتىم ئوقۇغاندىن كېيىن، سىناپ يادقا ئوقۇش، سىناپ مەنە يېشىش، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تاكى يادقا ئوقۇپ بېرەلەيدىغان، مەنىسىنى پۈتۈنلەي دەپ بېرەلەيدىغان ھالەتكە كەلگىچە قايتىلاپ ئوقۇش سىناپ ئەسلەش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. سىناپ ئەسلەش ئۇسۇلىدا مەقسەت ئېنىق، ئۆگىنىش تەشەببۇسكار بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرغىلى، مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئۈنۈمى روشەن بولۇپ، نوقۇل مەشىقلىق ئۇسۇلىغا قارىغاندا ياخشى نەتىجە بېرىدۇ. ئومۇميۈزلۈك مەشىق ئۇسۇلى ۋە ئايرىم مەشىق ئۇسۇلى. ئۆگىنىش مەزمۇنىنىڭ ھەممىسىنى بىر يولىلا ئۆگىنىپ پىششىق ئىگىلەش ئومۇميۈزلۈك مەشىق ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بىرقانچە بۆلەككە ياكى باسقۇچلارغا بۆلۈپ، بىر قىسمىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى قىسمىنى ئۆگىنىش، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ھەممە مەزمۇننى ئۆگىنىپ تۈگىتىش تارقاق مەشىق ئۇسۇلى دېيىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك مەشىق ئۇسۇلى بىلەن تارقاق مەشىق ئۇسۇلىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئومۇميۈزلۈك مەشىق ئۇسۇلى يېشى چوڭ، ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرىراق، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ئاكتىپ كىشىلەرگە باب كېلىدۇ. تارقاق مەشىق ئۇسۇلى يېشى كىچىك، ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەنرەك، قورقۇش كەيپىياتى بار كىشىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۆگىنىدىغان مەزمۇننىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، مەنىسى ئىزچىل، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولمىغان بولسا ئومۇميۈزلۈك مەشىق ئۇسۇلىنى، ئەكسىچە بولسا تارقاق مەشىق ئۇسۇلىنى قوللىنىش مۇۋاپىق. ئەڭ ياخشىسى ئىككىسىنى كىرىشتۈرۈپ پايدىلىنىش كېرەك. مەركەزلىك ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تارقاق ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ئۆگىنىش ۋاقتىنى تەقسىملەشتە ، ئۆگىنىشنى ئارىلىقتا توختىتىپ قويماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ تۈگىتىش مەركەزلىك ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولىدۇ؛ ئەگەر ئارىلىقىغا دەم ئېلىش قىستۇرۇلسا، تارقاق ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولىدۇ. پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، تارقاق ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. تارقاق ئۆگىنىشتە مېڭە ئارام ئالىدۇ، چارچاشتىن پەيدا بولىدىغان تورمۇزلىنىش ئازىيىدۇ، قىزىقىش كۈچىيىپ، ئۆگىنىشتىكى ئىلگىرىلەش تېزلىشىدۇ. گەرچە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش مۇھىم بولسىمۇ، بىراق قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئادەم ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، جانلىق قوللانغاندىلا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى