پىگمالۋېن ئۈنۈمى
بالىلار پسىخولوگىيىسى
يىراق قەدىمكى دەۋردە، سىپىرۇس شاھزادىسى پىگمالۋېن ھەيكەلتىراشلىقنى بەك ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بىر ساھىبجامالنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپتۇ ھەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، قولىدىن چۈشۈرمەي، چوڭقۇر ئىشتىياقى بىلەن ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇپتۇ، ئاخىر، ساھىبجامال تىرىلىپتۇ. بۇ بىر خىل ئەپسانە بولسىمۇ، بىراق پسىخولوگلار ئۇنىڭدىن غايەت زور ئىلھامغا ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مۇھەببىتى، غەمخورلۇقى ۋە ئارزۇسىنىڭ تەربىيە ئۈنۈمىدە ھاسىل قىلغان ياخشى رولىنى «پىگمالۋېن ئۈنۈمى» دەپ ئاتىغان.1968
- يىلى، ئامېرىكىلىق پسىخولوگ روسېنتار بىلەن ياكوپسىن بىر باشلانغۇچ ماكتەپكە كېلىپ،1 - يىللىقتىن6 - يىللىققىچە بولغان، ھەر قايسى يىللىقلاردىن ئۈچتىن جەمئىي18 سىنىپنى تاللاپ، بۇ18 سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدە بالىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىماللىقى بويىچە «تەرەققىيات تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بارغان ھەمدە ياخشى تەرەققىيات ئىمكانىيىتى بار، دەپ قارالغان بالىلارنىڭ تىزىملىكىنى قايىللىق پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن. تىزىملىكتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئوقۇغۇچىلار بولسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى سەۋىيىسى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ئىدى. پسىخولوگلار ئوقۇتقۇچىلارغا: «دىققەت قىلىڭ، بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇۋاتىمىز» دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بۇ تىزىملىكنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلغان. روسېنتار ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ تىزىملىكنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى، ئۇنى ئۆزىنىڭلا بىلىشىنى، ئۇنداق بولمىغاندا تەجرىبىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى تاپىلىغان. سەككىز ئايدىن كېيىن، بۇ ئىككىسى ھېلىقى18 سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىدە روشەن ئىلگىرىلەش بولغان، ھېسسىيات، خاراكتېرى جانلانغان، بىلىم ئىستىكى ئاشقان، پىكىر بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولغان، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئالاھىدە قويۇقلاشقان.
تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «پىگمالۋېن» نىڭ رولىنى ئوبدان ئالغانلىقىدىن بولغان، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى خالىغانچە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ۋە ئەقىل سەۋىيىسى قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغان. ئوقۇتقۇچى تىزىملىكنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىلار تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە دەپ قاراپ، ئۇلارغا ناھايىتى چوڭ ئۈمىد باغلىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن يېقىنلاشقان، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ غەمخورلۇق قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتكەن، غۇرۇرى، ئىشەنچى ئېشىپ، ئۆز ‐ ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزئۆزىنى كۈچەيتىش ئېڭى كۈچىيىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق زور ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر سۆز- ھەرىكىتى، كىچىككىنە كۈلۈمسىرەشلىرىنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان غايەت زور پسىخىك كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.