ئىرسىيەت ۋە مۇھىت
بالىلار پسىخولوگىيىسى
ئىرسىيەت ئادەملەرنىڭ ئالدىنقى ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلغان فىزىئوئانوتومىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، بەدەن قۇرۇلمىسى، ھالىتى، سەزگۈ ئەزالار ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار ئىرسىي ساپا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچىسى، ئىرسىيەت ئىنسانلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىياتىدىكى زۆرۈر ماددىي ئالدىنقى شەرت. مەسىلەن، چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى مۇكەممەل بولمىغان ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ؛ تۇغما ئەمالار رەسسام بولالمايدۇ، گاسلار مۇزىكا ئۆگىنەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، نورمال ئادەملەرنىڭكىدەك ئىرسىي ساپا بولمىسا، نورمال پسىخىكىمۇ بولمايدۇ.
ئىككىنچىسى، ئىرسىي ساپانىڭ ئايرىم پەرقلىرى ئادەملەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئايرىم پەرقلەرنى ئەڭ دەسلەپكى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىرسىي ساپا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، يەنىلا پەرق بولىدۇ. ئىرسىي ساپادىكى بۇنداق پەرقلەر سەۋەبلىك بەزى ئادەملەر تىنچ ئادەمگە ئايلانسا، بەزى ئادەملەر ئاسانلا تېتىك، پائالىيەتچان ئادەمگە ئايلىنىدۇ؛ بەزىلەر بەلكىم مۇزىكانت بولۇشى، يەنە بەزىلىرى مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەردىن بولۇشى مۇمكىن.
ئىرسىي ساپانىڭ ئادەملەرنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىياتىدىكى بۇ ئىككى رولى، كىشىلەرنى تەييار بىلىم، قابىلىيەت، ئىدىيە، خاراكتېر، قىزىقىش ۋە ئەخلاق - پەزىلەت قاتارلىقلار بىلەن ئەمەس، بەلكى پەقەت پسىخىكىلىق تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيىتى بىلەنلا تەمىنلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئىرسىي ساپانىڭ كىشىلەرنى تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكى بىلەن تەمىنلىشى كېيىنكى مۇھىت ۋە تەربىيىگە بېقىنغاندىلا ئاندىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.1920
- يىلى، كىشىلەر ھىندىستاندىكى كالكوتتانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغ ئارىسىدىن بۆرىلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان ئىككى قىزچاقنى تۇتۇۋالغان، ئۇلارنىڭ چوڭى سەككىز ياشتا، كىچىكى ئىككى ياشتا ئىكەن. كىشىلەر ئۇلارنى يېتىملار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن. خاتىرىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بۆرە بالىنىڭ ھەرىكەتلىرى بۆرە كۈچىكىنڭكىگە ئوخشاپ كەتكەن: تۆت پۇتلاپ ماڭغان، يېمەكلىكلەرنى يەردە يېتىپ يالاپ يېگەن، كۈندۈزى تۈگۈلۈپ ئۇخلىسا، كېچىسى يېمەكلىك ئىزدەشكە چىققان، بۆرىدەك ھۇۋلىغان، گەپ قىلالمىغان، ئەقلىي ئىقتىدارى ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ سەۋىيىسىدە توختاپ قالغان. بۇ ھېكايە بىزگە، بىر ئادەمدە ياخشى ئىرسىي ساپا بولغان تەقدىردىمۇ، بىراق ئۇ ئىنسانلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، نورمال ئادەم بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي مۇھىت ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.