UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئەقىل پەرقى

ئەقىل پەرقى

بالىلار پسىخولوگىيىسى بىرىنچى، ئەقىل تىپىدىكى پەرق. ئەقىل دېگىنىمىز كۆزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقىل تىپىدىكى پەرق ئادەمنىڭ كۆزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىپ پەرقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەستە ساقلاش جەھەتتە بەزىلەر سەزگۈ ئەزاسى ئارقىلىق ئەستە ساقلاشقا ماھىر كەلسە، بەزىلەر كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئەستە ساقلاشقا ماھىر كېلىدۇ، يەنە بەزىلەر ھەرىكەت ئارقىلىق ئەستە ساقلاشقا ماھىر كېلىدۇ. ئىككىنچى، ئەقىل تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى پەرق. بەزىلەر كىچىكىدىنلا ئالاھىدە ئۆتكۈر كېلىدۇ، بەزىلەر20 نەچچە يېشىدىمۇ ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، مانا بۇلار ئەقىلنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىدىكى پەرق. ئۈچىنچى، ئەقىل پەرقى بەزىلەرنىڭ بالدۇر، بەزىلەرنىڭ كېيىن يېتىلىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر بەي جۈييى ئالتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشنى ئۆگەنگەن، توققۇز يېشىدا شېئىرنىڭ قاپىيىلىرىنى بىلگەن،10 يېشىدا «ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيدۈرسىمۇ گەر، باھار شامىلىدا بىخلىنىپ ئۆسەر» دېگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرگە باي مىسرالارنى يازغان. ئەنگلىيىلىك پويىز كەشپىياتچىسى ستىۋېنىس17 يېشىغىچە ئەما بولۇپ،18 يېشىدىن باشلاپ ئوقۇغان،44 ياشقا كەلگەندە دۇنيا بويىچە تۇنجى پويىزنى كەشىپ قىلغان. تۆتىنچى، جىنس پەرقى تۈپەيلىدىنمۇ ئەقىل ئانچە ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق ئۇنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك پەرقى بولمايدۇ. بەزىلەر ئوغۇللار قىزلاردىن ئەقىللىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەرەپلىمىلىك قاراش. پسىخولوگلارنىڭ نۇرغۇن تەتقىقاتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى ۋە ناچار دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، قىزلاردا بولسا، ئوتتۇراھال نەتىجە كۆپرەك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئوغۇل، قىزلارنىڭ نەتىجىسىدە روشەن پەرق بولمايدۇ. قىزلارنىڭ پۇراش سېزىمى سەزگۈر، ئاۋاز ئورنىنى بەلگىلەش، رەڭلەرنى پەرقلەندۈرۈش جەھەتلەردە ئوغۇللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئوغۇللار كۆرۈش سەزگۈسى، ئورۇن پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى جەھەتلەردە قىزلاردىن كۈچلۈكرەك. قىزلار ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلغاندا ھېسسىياتلىق سۆزلەيدۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇرگە ماھىرراق كېلىدۇ، ئەدەبىيات، سەنئەت، تىل، تېبىي ئىلىم، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەرگە قىزىقىدۇ؛ ئوغۇللار تەپەككۇرى كەڭ، جانلىق، ئىجادىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئابستراكت تەپەككۇرگە ماھىر كېلىدۇ، ماتېماتىكا، فىزىكا، پەلسەپە، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرگە قىزىقىدۇ. ئەقىل پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. تۇغما ئىرسىي ساپا، كېيىنكى مۇھىت، تەربىيە شارائىتى ۋە شەخسنىڭ سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللار بولۇپ، ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ ئامىللارنىڭ گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى