UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى

ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى

بالىلار پسىخولوگىيىسى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئۆگىنىشكە ئەڭ سەزگۈر، ئەڭ ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى سەزگۈر مەزگىل دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئالدى بىلەن ھايۋانلاردا بايقالغان. مەسىلەن، چۈجىنىڭ مېكىيانغا ئەگىشىش قابىلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت كۈن ئەتراپىدا ئىكەن. ئەگەر بۇ مەزگىلدە چۈجىلەر مېكىياندىن ئايرىۋېتىلسە، بۇ چۈجىلەر مېكىيانغا مەڭگۈ قايتا ئەگەشمەيدىكەن. ئاسلاننىڭ نەرسىلەرنىڭ شەكلى ۋە رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۆت - بەش كۈن ئىكەن، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئاسلاننىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ھېچنېمىنى كۆرمەيدىغان قىلىپ تىكىۋېتىپ، كېيىن يەنە ئوپېراتسىيە قىلىپ كۆزىنى ئېچىۋەتكەندىمۇ، يەنىلا قارىغۇ ئاسلانغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. ئادەمنىڭ ئەقىل تەرەققىياتىدىمۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولىدۇ، ئادەتتە، ئادەم ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى دەپ قارىلىدۇ. «بۆرە بالا» بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. بۆرە بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئىنسانلار جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، بۆرىلەر ئارىسىدا ياشىغان، ئۇلار ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر شەرتىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەقلى نورمال تەرەققىي قىلالمىغان، ئىنسانلار جەمئىيىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گەرچە ئۇلار كۈچەپ تەربىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەچكە، ھېچقانچە ئۈنۈم كۆرۈلمىگەن، ئەقلى نورمال ئادەملەرنىڭ سەۋىيىسىگە يەتمىگەن. خېڭ جىنجۇاڭ ئىسىملىك ياپونىيىلىك كىشى2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان چاغدا، ياۋا ئارىلىدىكى ئورمانلىققا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، ئىنسانلار جەمئىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ28 يىل ياۋايى تۇرمۇش كەچۈرگەن.1972 - يىلى بايقىلىپ، ياپونىيىگە ئاپىرىلغاندا، ئۇ ئاللىقاچان گەپ قىلالمايدىغان، باشقا ئىپادىلىرىمۇ ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغان. بىراق،82 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەقىل پائالىيىتى نورمال ھالەتكە كەلگەن. ئۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەقىل پائالىيىتى ئەسلىگە كېلىپ، نورمال ئادەم ھالىتىگە كەلگەن. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەنە مۇنۇلار بايقالغان:2 ~3 ياش مەزگىلى بالىلارنىڭ ئاغزاكى تىل تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى؛3 ~4 ياش مەزگىلى بىلىم ئېلىش ئىستىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى كۈچىيىدىغان مەزگىل؛4 ~5 ياش مەزگىلى يازما تىل تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولىدىغان مەزگىل؛5 ~6 ياش مەزگىلى بالىلارنىڭ ئابستراكت يىغىنچاقلاش قابىلىيىتى تەرەققىياتىنىڭ سەزگۈر مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تەربىيە بەرگەندە، ئۈنۈمى تېز، ئەستە ساقلىشى مۇستەھكەم بولىدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆگەنسە، بالىلار يۈك ھېس قىلمايدۇ. ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆگىنىشى قىيىنغا چۈشىدۇ، نۇرغۇنلىغان چوڭلارنىڭ چەت ئەل تىلىنى تەستە ئۆگىنەلىشى مۇشۇ قائىدىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاچقۇچلۇق مەزگىل گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭغا ماس قابىلىيەتنىڭ شەكىللىنىشى مۇتلەق، ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. بەزى قابىلىيەتلەرنى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۇئەييەن قايتا ئۆگىنىش ئارقىلىق يەنىلا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، «ياشانغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى
ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى | UyghurWiki | UyghurWiki