UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئۆگىنىش نىشانى ۋە ئىرادە سەۋىيىسى

ئۆگىنىش نىشانى ۋە ئىرادە سەۋىيىسى

بالىلار پسىخولوگىيىسى ئۆگىنىش نىشانى بىلەن ئىرادە سەۋىيىسى بىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى. ئۆگىنىش نىشانى ئۆگىنىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئۆلچىمى، ئىرادە سەۋىيىسى بولسا ئۆگىنىشتىكى سۇبيېكتىپ ئىرادە. نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خۇددى ئېگىزگە سەكرەيدىغان تەنھەرىكەتچىنىڭ ئالىبالداق تاياق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئوخشايدۇ. ئالىبالداق تاياقنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك دەرىجىسى نىشاننىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىشاننىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىمۇ نىشاننى بەلگىلىگۈچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، يۇقىرى نىشان بېكىتكەن ئادەم تېخىمۇ چوڭراق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆگىنىشتە، ئۆگىنىش نىشانى بىلەن ئىرادە سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەخسنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن نىشانى قانچە يۇقىرى بولسا، ئارزۇسى شۇنچە يۇقىرى، غايىسى شۇنچە چوڭ، نەتىجىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىرقى ئەھۋالغا قانائەتلىنىپ، شۈكۈر قىلىپ ئولتۇرۇۋەرسە، ئالغا ئىلگىرىيەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى قائىدە ناھايىتى ئاددىي، نىشان، ئىرادە ياكى ئارزۇ - ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، يېڭى بىلىم ۋە تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىدۇ، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىدىن بەھرىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە يېڭى ئارزۇلار تۇغۇلىدۇ. نىشان، ئىرادە ياكى ئارزۇ قانچە تۆۋەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش خۇشاللىقى، «چەكسىز گۈزەل مەنزىرە تىك چوققىدا» دىن ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتى ئاز بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نىشانى ۋە ئىرادە سەۋىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەكتەپكە بولغان تەلىپى. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياكى پەرزەنتلىرىگە قويىدىغان تەلىپى قانچە يۇقىرى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئارزۇسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ھامان ئوقۇغۇچىلار ياكى پەرزەنتلىرىنى يېڭى شەيئىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا، رىقابەت مەيدانىدا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇلاردىن مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئىگىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەن تەلەپ قويىدىغان ئاتا ‐ ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز يېنىدىن يىراق كەتمەسلىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ ھەتتا ئۇنى قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئىككىنچىسى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تەسىرى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ ئىرادە سەۋىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولسا، خۇشاللىنىپ، ئاسانلا يۇقىرىراق ئىرادە تىكلىيەلەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولسا، ئاسانلا بەل قويۇۋېتىدۇ. ئۈچىنچىسى، باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسى. ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ سىنىپتىكى باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلسە، باشقا ساۋاقداشلارغا قارىغاندا يۇقىرىراق ئىرادە تىكلەيدۇ؛ ئەكسىچە، نەتىجىسى باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئوقۇغۇچى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ، ئۆگىنىشتە ئۈمىدۋار بولمايدۇ. ئوخشىمىغان سەۋىيىدىكى ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىرادە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياكى تۆۋەنلىتىش باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش تۇيغۇسى دېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى