UyghurWiki
UyghurWikiبالىلار پسىخولوگىيىسىئەقىل ماھارىتى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى

ئەقىل ماھارىتى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى

بالىلار پسىخولوگىيىسى ماھارەت بىر خىل پائالىيەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. توپ ئويناش، ناخشا ئېيتىش، خەت يېزىش، ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇش قاتارلىقلارنڭ ھەممىسى ماھارەتكە كىرىدۇ. ماھارەت بەزى ھەرىكەتلەردىن تەركىب تاپىدۇ، بەزىدە بۇ ھەرىكەتلەر شەكىلسىز بولۇپ، كاللىدىلا ئورۇندىلىدۇ، بەزىدە بۇ ھەرىكەتلەر تاشقى كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، تاشقى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ماھارەتنىڭ مەزمۇنى بەزىدە ئۇقۇم خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇقۇم، قانۇن، تېئورېما قاتارلىقلار؛ بەزىدە ماددا خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ، مەسىلەن، ھەر خىل قوراللار ياكى ھەرىكەتلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار. مۇشۇ سەۋەبتىن ماھارەتنى ئەقىل ماھارىتى ۋە مەشغۇلات ماھارىتى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئەقىل ماھارىتى ئۆگىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئەقىل پائالىيىتى شەكلى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئادەمنىڭ كاللىسىدا جىمجىت ھەل بولىدۇ. مەشغۇلات ماھارىتى ھەرىكەت ماھارىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىر قاتار تاشقى ھەرىكەتلەردىن ھاسىل بولۇپ، مەشىق جەريانىدا شەكىللىنىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەقىل ماھارىتىگە كۆزىتىش، ئەستە ساقلاش، لايىھىلەش، تەسەۋۋۇر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ھېسابلاش ئېلىپ بېرىش، ئوقۇش، مەسىلە يېشىش، مۇھاكىمە قىلىش، باھالاش قاتارلىق ماھارەتلەر كىرىدۇ. مەشغۇلات ماھارىتىنى مەلۇم ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدىغان ماھارەت (مەسىلەن، يېزىش، سىزىش، توپ ئويناش، ماشىنا مەشغۇلاتى، رويال چېلىش قاتارلىقلار) ۋە ئەسۋاب ئىشلىتىلمەيدىغان ماھارەت (مەسىلەن، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، گاچا دراما، گىمناستىكا قاتارلىقلار) دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. بىراق بارلىق ماھارەتلەر ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەك، بىلەك، مۇسكۇلنىڭ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئەقىل ماھارىتى بىلەن مەشغۇلات ماھارىتىنىڭ پەرقى بولىدۇ. ئەقىل پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى ئاڭ، مەسىلەن، ئۇقۇم، پرىنسىپ، ئىدىيە؛ مەشغۇلات ماھارىتىنىڭ ئوبيېكتى مۇئەييەن ماددىدىن شەكىللەنگەن ئوبيېكىت، مەسىلەن، ئەمەلىي نەرسىلەر، مودېل ياكى رەسىم قاتارلىقلار. ئەقىل ماھارىتى كاللىدا تاماملىنىدۇ، شەكىلسىز بولىدۇ؛ مەشغۇلات ماھارىتى كاللىنىڭ تېشىدا تاماملىنىدۇ، شەكىللىك بولىدۇ. مەشغۇلات ماھارىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئىخچاملاشقا، ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدا يۇقىرى مەلىكىلىك دەرىجىسىگە يېتىش كېرەك؛ ئەقىل پائالىيىتىنىڭ جەريانىنى ئىخچاملاشقا، ئاددىيلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، بەزى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى يەشكەندە، تەھلىل قىلىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتمەي بىر قاراپلا ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەقىل ماھارىتى بىلەن مەشغۇلات ماھارىتى كىشىلەر ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ئىككى خىل ئوخشىمىغان ماھارەت، بىراق ئۇلار بىر ‐ بىرىگە باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكا مەسىلىسىنى يېشىش ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇش، مۇلاھىزە قىلىش، ھېسابلاش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنى يېزىش ياكى ئاغزاكى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئورۇندىغىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ماھارىتى تۇغۇلۇشىدىنلا بولغان ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ئىزچىل تەربىيە ۋە مەشىق جەريانىدا شەكىللەنگەن. خەتتاتلىقتا كامالەتكە يېتىش، كىشىنى مەپتون قىلىدىغان ئۇسسۇل، ئۆزگىچە ئىجادىيەت، مەلىكىلىك مەشغۇلات قاتارلىقلار جاپالىق ئەجىردىن كەلگەن. «ئىلىم ئىجتىھاتتىن كېلىدۇ»، «نادانلىق بىغەملىكتىن» دېگەن گەپ بار، تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. ھۈنەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، جاپا تارتىشتىن قورقمىغاندىلا، ئاندىن ھەر خىل ماھارەتلەرگە ئېرىشكىلى ھەمدە ئۇنى كامالەتكە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بالىلار پسىخولوگىيىسى