UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارھېيتكار توغرىسىدا رىۋايەت

ھېيتكار توغرىسىدا رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «شىنجاڭ گېزىتى» 1980 - 20 - ئاۋغۇست سانىدىن ئېلىندى. قەشقەردە گۈلى رەنا ئىسملىك بىر ئۇيغۇر ئايال پاكىستانغا كېتىۋېتىپ، يولدا ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن مال _ دۇنياسى بار ئىكەن. بۇ ئايالنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى بويىچە قالغان مال _ دۇنياسى بەدىلىگە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر جامە سالدۇرۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭغا «ھېيتىكار» دەپ نام بېرىپتۇ. كېيىنرەك زۇلپىيەخان ئاتلىق بىر باي خوتۇن ھەج قىلىش ئۈمىدىدە نۇرغۇن پۇل توپلاپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. بىراق، بۇ چاغدا ئىران خانلىقىدا ئۇرۇش قوزغىلىپ مەككىنىڭ يولى ئېتىلىپ قالغاچقا، يېرىم يولدىن قايتىپ قەشقەرگە يېنىپ كەپتۇ. شۇندىن كېيىن قولىدىكى بارلىق مال - دۇنياسىنى ھېيتىكارنى كېڭەيتىپ ياساشقا تەدىم قىپتۇ. نەتىجىدە ھېيتىكار جامەسى قايتىدىن كېڭەيتىلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرىپتۇ. ئۇ ئايال يەنە قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى پاختەكلى يېزىسىدىن نۇرغۇن يەر سېتىۋېلىپ، ھېيتىكار جامەسىگە ۋەخپە قىلىپ بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
ھېيتكار توغرىسىدا رىۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki