UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئەسما پەرى ھەققىدە

ئەسما پەرى ھەققىدە

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. ئاسمان مالائىكىلىرىنىڭ پادىشاھى ھەممە پەرىشتىلەردىن چىرايلىق بولۇپ، يەتتىنچى ئاسماندا تۇرارمىش. تەبىئەتتىكى بارلىق ھادىسىلەر شۇ پەرىشتىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن كېلىپ چىققانمىش، يەنى پەرىشتە كۆزىنى ئاچسا قۇياش چىقىپ پۈتۈن كائىنات يورۇيدىكەن، ئۇ ئۇخلىسا جاھاننى زۇلمەت باسىدىكەن، يىغلىسا يامغۇر ياغىدىكەن، كۈلسە قار ياغىدىكەن، ئاغىزىنى ئاچسا بوران چىقىدىكەن، نەپەس ئالسا شامال چىقىدىكەن، قاپىقىنى تۈرسە ھاۋا بۇزۇلىدىكەن، غەزەپلەنسە يەر تەۋرەيدىكەن، قېشىنى ئاتسا ھەسەن _ ھۈسەن پەيدا بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەسما پەرى دەپ ئاتايدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار