UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«تىلسىملىق قەلئە» ئەپسانىسى

«تىلسىملىق قەلئە» ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە شىنجاڭ داشۆ نەشر قىلغان «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزىرىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. بۇ تىلسىملىق قەلئەنى پەرھات ئىسىملىك دىۋە قۇرغان ئىمىش. پەرھات چىن شاھىنىڭ شېرىن ناملىق قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەلچى قويۇپتۇ. بۇ پادىشاھنى ۋەھىمىگە ساپتۇ. قىزىنى دىۋىگە بېرىشنى خالىمىغان پادىشاھ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشتىن قورقۇپ، جادىگەر كەمپىردىن ياردەم سوراپتۇ. جادىگەر پەرھاتقا بېجىرىپ بولالمايدىغان ۋەزىپىنى _ بىپايان چوڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھەيۋەتلىك تاش قەلئە قۇرۇشنى شەرت قىلىپ قويۇشنى مەسلىھەت بېرىپتۇ. دىۋە پەرھات پادىشاھنىڭ بۇ شەرتىنى قوبۇل كۆرۈپ، يىراق جەنۇپتىكى قاراڭغۇ تاغنىڭ يەلكىسىدە قورام تاشلارنى توشۇپ كېلىپ قەلئەنى قۇرۇشقا باشلاپتۇ. قەلئە پۈتەي دەپ قالغاندا، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ جادىگەر كەمپىرنى يەنە مەسلىھەتكە چاقىرىپتۇ. جادىگەر بۇ قېتىم پادىشاھقا ئۆزى بەلگىلىگەن كۈنى توققۇز مىڭ دانە يېڭى تۇغۇلغان بوتىلاقنى، يەنە شۇنچە تاي، بوزاۋ ۋە قوزىنى بىراق ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەت بېرىپتۇ ۋە قالغان ئىشنى ئۆزى توغرىلايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جادىگەر كەمپىر پەرھات يالغۇز قۇرۇپ بولغان تاش قەلئەگە كەپتۇ. دەل شۇ پەيتتە چىن يۇرتى تەرەپتىن دەھشەتلىك يىغا _ زارە ئاڭلىنىپتۇ. بۇ بالىلىرى سويۇلۇۋاتقان ئەشۇ مىڭلاپ - مىڭلاپ ئاتا ماللارنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى ئىكەن. پەرھات بۇنى چۈشەمەي: «بۇ نېمە يىغا - زارە؟» دەپ سوراپتۇ. شۇندا جادىگەر كەمپىر:«ھەي... ھازىرلا مەلىكە شېرىن قازا تاپقان ئىدى، شۇنىڭغا پۈتۈن چىن ئەھلى ھازا تۇتماقتا» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سۆيگەن ئاشىقىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى بۇ شۇم خەۋەردىن گاڭگىراپ قالغان پەرھات ئۇنىڭسىز ياشاشنى راۋا كۆرمەي، دەرغەزەپكە تولۇپ، تېخى ئورنىغا تاشلاپ پەرھاتنىڭ ئۈستىگە قايتىپ چۈشۈپ، ئۇنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپتۇ ۋە ھايال بولماي تاشلار ئاستىدا جان بېرىپتۇ. پەرھاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان شېرىن دەرھال پاجىئە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەپتۇ ۋە سۆيگەن يارى پەرھاتنىڭ جەسىدى يېنىدا ئۆزىگە پىچاق سانچىپ ھالاك بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار