تۇرپاندىكى«يەتتە ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى» ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ئالمۇتا 1983 - يىل نەشىرى.
بىر زامانلاردا دەقىيانۇس پادىشاھىدىن قېچىپ كەلگەن يەتتە ئەۋلىيا تۇرپاندىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇپ، ئۇ جايدا ئۈچ يۈز يىل ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئۆزلىرى دۆلەت قۇرۇپتۇ. بۇ دۆلەتنىڭ نامى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىلىپ، ئالتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. بۇ يەتتە ئەۋلىيا ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئۇزاق ھەم بەختىلىك ئۆمۈر ئاتا قىلىپتۇ. ھەر قانداق غەم- قايغۇ ۋە نامراتچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ. پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى ئوت، سۇ، ئوغرىغا ئوخشاش ھەر خىل بالايى - ئاپەتلەردىن ساقلاپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن «يەتتە ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى» گە جىمىكى كىشى سېغىنىپ، تاۋاپ قىلىدىغان بوپتۇ. ئىككى قات ئاياللار يەتتە ئەۋلىيانىڭ نامى يېزىلغان قەغەزنى سول بىقىنىغا ئېسىۋالسا تۇغۇتى يېنىك ۋە ئوڭۇشلۇق بولىدىكەن. تۇغماس ئاياللار بۇ ئۆڭكۈرگە كىرىپ، قولىغا نېمە چىقسا «بىسمىللا» دەپ يىسە، شىپا بولۇپ تۇغىدىكەن. كىشىلەر بۇ ئۆڭكۈرنى بىلىم ۋە بەختنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ئۇلۇغلايدىكەن.