بېھىنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈيى يوق؟
ئەپسانىلار
يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش.
بۇرۇن خۇدايىتائاللا بېھىشتىكى مېۋىلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچى بولۇپ سەيلىگە چىقىپتۇ. بارلىق مېۋېلەر خۇدايىتائاللاغا باش ئېگىپ، ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىپتۇ. لېكىن بېھى ھىچقانداق ھۆرمەت بىلدۈرمەي غادىيىپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەن خۇدا بىھىنى چاڭگىلىغا ئېلىپ قاتتىق سىققانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۈيى چىقىپ كېتىپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەت بېھىنىڭ سۈيى يوقىمىش، بېھىنىڭ پوستىدىكى بوش بەش بارماقنىڭ ئىزى مانا شۇنىڭدىن قالغانىكەن.