باتۇر تەڭرىقۇت ھەققىدە رىۋايەت
ئەپسانىلار
بۇ رىۋايەت تارىخچى سىماچيەننىڭ «تارىخنامە» دېگەن كىتابدىن ئېلىندى.
گۆرەگە ئەۋەتىلگەن بالىلارنىڭ ھاياتى كۆپىنچە خەتەرلىك تەقدىرگە ئۇچرايتتى. چۈنكى تولا چاغلاردا ئەھدىنامىلەر بۇزۇلغان ھامان گۆرەگە قويۇلغان بالىلار ئۆلتۈرۈلەتتى. باتۇر مۇنداق ئەھۋالنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋالنى تىڭ تىڭلاپ، ئەھدىنامىنىڭ بۇزۇلۇپ ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىدىغان پەيتنى ئالدىدىن بايقاپ تۇرۇشقا، ئەگەر شۇنداق ۋەزىيەت تۇغۇلغان ھامان ياۋچىلاردىن قېچىشقا تەييارلىنىپ تۇراتتى.
دېگەندەك ھونلار بىلەن ياۋچىلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ، ئۇرۇش پارتىلاش ئالدىدا باتۇر ياۋچىلار خېنىنىڭ ئۆزى مىنىدىغان ئاجايىپ يۈگۈرك ئاتنى مىنىپ، ياۋچىلار ئېلىدىن قاچىدۇ. ياۋچىلار ئۆز ۋاقتىدا بۇنى سېزىپ قېلىپ، كەينىدىن قوغلىغان بولسىمۇ، باتۇرنى قوغلاپ يەتمەك بۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ مىنگەن ئېتىنىڭ تۇۋىغىدىن چىققان چاڭنى يىراقتىن كۆرگەندىن باشلاپ، باتۇرنىڭ غۇۋا كۆلەڭگىسىنىمۇ كۆرەلمەي، ئۈمىدسىزلىنىپ ئارقىسىغا قايتىشىدۇ.
باتۇر ھازىرقى كەڭسۇنىڭ جاڭپى ئەتراپدىن قېچىپ، نىڭشيادىكى تەڭرى قۇملۇقى ئارقىلىق شەرققە يۈرۈپ، ھونلار پايتەختىگە (ھازىرقى كوكخوت ئەتراپىغا) يېتىپ كېلىدۇ. ئۆز ئوغلى باتۇرنىڭ ھەقىقەتەن ھۇشيار، باتۇر، قەيسەرلىكىنى كۆرگەن تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ، ئۇنى ھونلارنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تەربىيىلەشكە قويىدۇ. بۇ ئاجايىپ ئىمكانىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن باتۇر دەرھال ئاۋازلىق ئوقيا ياسايدۇ ئۇ تەربىيىلىنىۋاتقان ھون ئاتلىقلىرىغا شۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيانى نېمىگە قارىتىپ ئاتسام، سىلەر شەرتسىز شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئېتىڭلار. ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلدىغان بولساڭلار، ھەممىڭلارنىڭ بېشىنى ئالىمەن.» بۇنىڭغا ھون ئاتلىقلىرى ماقۇل بولۇشىدۇ.
بىر كۈنى باتۇر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان ئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ. ھون ئاتلىقلىرى باتۇرنىڭ ياخشى ئېتىنى ئېتىشقا كۆزى قىيمايدۇ. لېكىن باتۇر ھېچبىر ئىككىلەنمەي بۇيرۇقىنى ئورۇنلىمىغان ھون ئاتلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ ۋە: «ئەگەر بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئاۋازلىق ئوقيايىم قانداق نەرسىنى نىشانغا ئالىدىكەن. مېنىڭ جەڭچىلىرىم شۇ نەرسىنى نىشانغا ئېلىپ ئاتمايدىكەن، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھېلى بېشى كېسىلگەنلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ» دەپ باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي باتۇر ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنى ئاتىدۇ. بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ جەڭچىلىرى بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا جۈرئەت قىلمايدۇ ۋە بېشى كېسىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق پاجىئەدىن ساۋاق ئالغان باتۇرنىڭ ھايات قالغان جەڭچىلىرى، باتۇرنىڭ قەتئى ۋە غەزەپ بىلەن قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ھەركەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون تەڭرىقۇتى تۈمەنخان ئوردا بەگلىرى ۋە كىچىك خوتۇنىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ. باتۇر مۇشۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاۋال ئۆگەي ئانىسىنى، ئۆگەي ئۇكىسىنى، ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئوردا بەگلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نېمىگە نىشانلاپ ئېتىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سادىق بولغان بىر توپ ھون ئاتلىقلىرى ئوقيالىرىنى شۇنىڭغا قارىتىپ ئاتىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى سىناقتا باتۇر تۇلۇق مەقسىدىگە يېتىپ، ھونلار تەختىگە ئولتۇرىدۇ، ئۆزىنى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدۇ.