بۆرە توتېم ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 1980 - يىل نەشرى.
ئورۇم _ جاي ئىسمى، بەزى تارىخىي مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە ھازىرقى ئۈرۈمچى ئەتراپلىرىنىڭ ئۇمۇمى نامى ئورۇمتاي بولۇپ، ئورۇم ئەنە شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشپتۇ. ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىرىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقىپتۇ. بۇ بۆرە ئوغۇزخاقانىغا مۇنداق دەپتۇ: «ھوي ئوغۇز، سەن ئورۇمغا ئەسكەرچىقاساڭ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن.»
شۇندىن كېيىن خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلىنىپتۇ. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىق چوڭ بىر ئەركەك. بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپتۇ.