«توققۇز ھۇجرا» ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە خەلق ئارىسىدىن توپلانغان.
زامانى ئاۋالدىن ئىلگىرى بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا قىزى بولۇپ، گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ھۆر _ پەرىكەن. پادىشاھ قىزىغا ناھايىتى ئامراقىكەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆز ئوردىسىدا ساقلاشقا رايى بارماي، يۇرتىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئېگىز تاغ قاپتىلىغا كۆركەم، نەقىشلىك ھۇجرا قازدۇرۇپ، ئۈستىگە گۈزەل باغلارنى بىنا قىلىپ، قىزىنى شۇ ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ ھۇجرىغا قىرىق ۋاخىنىلىق شوتا بىلەن چىققىلى بولىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى بەشكېرەم دېگەن يۇرتتىن بىر ئۈزۈمچى ئۈزۈم ئېلىپ، ھۇجرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن مەلىكە ئۈزۈمدىن بىر ساپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئۈزۈمچى بىر ساپ ئۈزۈمنى سۇنۇپ بېرىپتۇ. ئۈزۈمنىڭ ئارىسىدىن بىر دۆ «ئۆمۈچۈك» چىقىپ، بۇ گۈزەل قىنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، كۆپ يىغلاپ كۆزى كۆرمەس، قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ، ھەسرەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. قىزنىڭ نامىغا بۇ جاي «توققۇز ھوجرا» دەپ ئاتىلىپ، مۇقەددەس مىڭ ئۆيلەر قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ.