ئابدۇرىشىتخان ھەققىدىكى رىۋايەت
ئەپسانىلار
ھەپتىدىن بۇيان سېتىپ ئالغان يىپلىرىنى ئاقاق _ ئۆرۈش قىلىپ، پاتلاپ تەييارلىغان ھۈسىيىت بۆزچى سەھەر تۇرۇپ بىرىنچى موكىنى ئاتقاندىن تارتىپ، چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇنغىچە يىگىرمە يەتتە خامنى توقۇپ قاتلاپ، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يول چاۋىرىدا «ئىسرىق» سېلىپ، «شىشە بازىرى» غا ئاپىرىپ تىلىگەنگە ساتىدىكەن. ئاندىن يۈگۈرۈپ يىپ بازىرىغا بېرىپ، ھەپتىلىك تىرىكچىلىك ئۈچۈن لايىق يىپ سېتىۋېلىپ ئاشقان پۇلغا ئارپا ئاش، سەۋزە - چامغۇر، گۆش - ياغ، تۇز _ پۇز ئېلىپ ئۆيىگە قايتىدىكەن دەسلەپ ھۈسىيىن بۆزچى بازارغا كەلگەن ھامان خوتۇنى زۇلەيخان خۇشچىراي ھالدا ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ، ئىززەت _ ھۆرمەت بىلەن ئۆيگە باشلاپ ئاستىغا كۆرپە سالىدىكەن. مۇھەببەت داستىخىنىنى كەڭ ئاچىدىكەن. بۇندا شىۋى قەترى كۈنلەر ئۇزاق داۋاملاشماپتۇ. زۇلەيخان ئاخىرقى تۇغۇتىدىن تارتىپ ھەمىشە جۇدۇنلىشىپ، قاپىقىدىن مۇز، كىرپىكىدىن يامغۇر تۆكىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇنى ئاز دەپ، ھېرىپ _ ئېچىپ كەلگەن ئېرىدىن بىر _ بىرلەپ ئىنچىكە ھېساپ ئالىدىغان بوپتۇ. ناۋادا قىسمەت ئېگىز _ پەسلىك كۆرۈلسە، «بۇ پۇل قېنى؟» دەپ كەچكىچە ئۇرۇشىدىغان بوپتۇ. جىدەل ئۇلغايغاندا مەھەللە ئىمامىغا، مەھكىمە شەرئىگە، قازىخانىلارغا بارغان چاغىلىرىمۇ بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ھۈسىيىن بۆزچى خوتۇنىدىن كۆپ ئازار يەپتۇ. بىر بازار كۈنى ھۈسىيىن بۆزچى ھويلىغا كىرە _ كىرمەي زۇلەيخاننىڭ سورىقىغا قاپتۇ. بۇنى ھار ئالغان ھۈسىيىن بۆزچى قولىدىكى روزىغارلارنى يەرگە تاشلىۋېتىپ، زۇلەيخانغا بىر مۇشت ساپتۇ - دە، ئۇدۇل ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئابدۇرىشىتخان ئۇنىڭ ئەرزى - دادىنى سورىغاندا ئۇ: «خوتۇن بىلەن مېنىڭ ئارىمدا مۇھەببەت قالمىدى. ئۆيىمىزدە جىدەل _ ماجرادىن باشقا ئىش يوق. بىر دەقىقە ئارام ئېلىپ ئولتۇرالمايمىز. خوتۇنۇم قىلغانلا ئىشىدا ماڭا تاپا _ تەنە قىلىدۇ، ھەممىدىن ھېساب ئالىدۇ. مېنىڭ ئەلىك ھوقۇقۇم دەپسەندە بولدى. ئۈزلىشىپ كېتىشكە نىيەت باغلاپ ھوزۇرلىرىغا كەلدىم» دەپتۇ.
ئابدۇرىشىتخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھۈسىيىن بۆزچىنى ئۆزى يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان گىلەم ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى يېقىن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوچۇق چىراي بىلەن مۇنداق دەپتۇ: «خوتۇنلىرىمىز ھەمىشە بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كۆتەرسە، تاپ - تانىلىرىمىزگە چىدىسا، خام كۆتىرىپ كەلسەك پىشۇرۇپ بەرسە، تاتلىقىنى ئالدى بىلەن بىزلەرگە يىگۈزسە، ئۆيىمىزنى ئىسىتىسا، يورۇتسا، مۇھاپىزەت قىلسا، تەشنالىقىمزنى قاندۇرسا، ياقىمىزغا كىر قۇندۇرمىسا، ئارزۇلىرىمىزنى قاندۇرسا، پەرزەنتلىرىمىزنى توققۇز، ئون ئايغىچە بويىدا كۆتەرسە، سۈت ئەمگۈزۈپ بالا چوڭ قىلسا، ئاستىنى قۇرۇغداپ، ئوت _ سۇدىن ساقلاپ ئاخىرغىچە خەۋەر ئېلىپ كۆز قارىچۇغىدەك ئاسرىسا، بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى بېجىرىپ، مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈپ دەردىمىزگە دەرمان، ، رەنجىمىزگە شىپا بولسا... ئۈزلىشىمەن دېگەننى قانداق ئاغزىڭىزدىن چىقاردىڭىز؟ بۇنداق خىزمەتنىڭ قەدىرىنى بىلمىگەن كىشىنى قانداقمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولار؟ خانلىقىمىز تەۋەسىدىكى ئەر زاتلار ئۆز ئائىلىسىنىڭ كىچىككىنە يۈكىنى كۆتىرىپ كېتەلمىسە، كەمىنىنىڭ سەلتەنىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ يۈكىنى كىملەر ئۈستىگە ئالالايدۇ؟ ئۆيۈڭلەردە ئايال كىشى بىر كۈنى يوق بولۇپ قالسا قانداق ئەھۋالغا قالارسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆيۈڭلەردىن بوران ئۇچىدۇ، رەڭگى _ رويىڭلاردىن توپا ئۆرلەيدۇ. شۇڭا تالاق سۆزىنى ئاغزىدىن چىقىرىش مەرتىنىڭ ئىش ئەمەس. گەرچە سىز ئاچچىقىڭىزنى يۇتالماي شۇ قارارغا كەلگەن بولسىڭىزمۇ، سەبى بالىلىرىڭىزنىڭ دادا، ئانا دېگەن پاك، سەمىمىي ساداسى، سالاسى يۈرىكىڭىزنى ئېرىتكەچ، تاشنى يارغۇدەك غەزىۋىڭىز توزغاقتەك توزۇپ كېتىشى مۇمكىن...»
بۇ سۆزلەرنى پەردە ئارقىسىدىكى «ھەرەمخانا» دا تۇرۇپ ئاڭلىغان ئاماننىسا خېنىم مۇنداق قوشۇمچە قىپتۇ: «ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە مۇھەببەت تولۇپ كەتكىنى يوق، ئەلۋەتتە ئەر _ خوتۇن بولغۇچى زاتلار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشلىرى لازىم. شۇ چاغدا ئۆي ئىچىدە راھەت، خانىدا بەرىكەت بولىدى. مەلۇمكى، كېپەن ۋاپات بولغۇچىغا پىچىلغان كىيىم، ھايات كىشىگە كېپەن پىچىلمايدۇ. بىز ئاياللار ھايات كىشىگە پىچىلغان كېپەننى كۆرۈپلا ئەندىكىپ قورقۇپ كېتىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش تالاق سۆزىدىنمۇ يىرگىنىپ قورقىمىز. ئەرلەرنىڭ يوق بىر ئىشلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ يۈرمىگىنى ياخشى.»
خان ۋە خانىش سۆزلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ھۈسىيىن بۆزچى قىلغان _ ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلىپ ئەپۇ سوراپتۇ. خان ھۇرۇرىدىن قايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇلار بىر - بىرىگە يول قويىدىغان، گەپ - سۆزدە تەڭ تۇرۇشمايدىغان بولۇپ، ئىناق ئۆتۈشۈپتۇ.