UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«تاۋۇز يىگەن دۆڭ» ئەپسانىسى

«تاۋۇز يىگەن دۆڭ» ئەپسانىسى

ئەپسانىلار تاۋۇز يىگەن دۆڭ - لوپنۇر ناھىيىسىدىكى بىر يۇرتنىڭ ئىسىمى. بۇ ئەپسانىنى لوپنۇر ناھىيىسىدىن خەلق قوشاقچىسى ساتتار ئاكا ئېيتىپ بەرگەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئوۋچى دۆڭلۈكلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، يىراقتىن دۈپدۈگىلەك، قارامتۇل بىر نەرسىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە «بۇ قانداق ھايۋاندۇ؟» دەپ ئويلاپ، ئۇنى نىشانلاپ تۇرۇپ ئوق ئېتىپتۇ، ئوق ئۇنىڭغا تەگكەندىن كېيىن ئېھتىيات بىلەن يېنىغا كەلسە، بۇ دۈگىلەك نەرسىنىڭ ئىچىدىن قىپقىزىل قان ئېقىۋاتقۇدەك. ئوۋچى ھەيران بولۇپ بۇ ئاجايىپ «مەخلۇق» نى خەنجىرى بىلەن ئىككىگە بۆلۈۋېتىپتۇ. قىپقىزىل گۆشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەمىنى بىلمەك ئۈچۈن بىر چىشلەم ئۇيۇپ ئاغزىغا ساپتۇ. ئەيھانناس! تېتىپ كۆرگۈدەك بولسا شۇنداق شېرىن تەملىك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن تويغىچە يەپ، يولىغا راۋان بوپتۇ. يىللار ئۆتكەنسېرى بۇ يەر تەبىئى تاۋۇزلۇققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ دۆڭلۈك ئەتراپىغا كىشىلەر كېلىپ ئولۇراقلىشىپتۇ ۋە بۇ جاينىڭ نامىنى «تاۋۇز يىگەن دۆڭ» دەپ ئاتاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
«تاۋۇز يىگەن دۆڭ» ئەپسانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki