UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارقىپچاق ھەققىدىكى ئەپسانە

قىپچاق ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 1980 - يىل نەشرى. ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئېتىل دەرياسىغا كەپتۇ. ئېتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئىكەن. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرۈپ: «ئېتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتۈرمىز؟» دەپتۇ. لەشكەرلەر ئىچىدە ئۇلۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بارئىكەن. ئۇ قابىلىيەتلىك ھەم ئەقىللىق ئادەم ئىكەن. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال _ ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ ئاشۇ ياغاچلارنى كېسىپتۇ. ئۇنى سۈنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئېتىل دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلۈپ : «ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ، قىپچاق ساڭا بولسۇن ئات» دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار