قاراخان ۋە ئوغۇزخان ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «ئۇيغۇر قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
قەدىمكى زاماندا تۈركلەرنىڭ ئوغۇزخان ئىسمىلىك بىر خاقانى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى قاراقاغان (قاراخان) دەپ ئاتىلىدىكەن. قارا قاغان كاپىر ئىكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان مۇسۇلمان ئىكەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ سۆزىگە زادى قۇلاق سالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتا _ بالا ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭگى - جېدەل باشلىنىپتۇ. قاراخان كاپىرلانى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپتۇ. ئاتا _ بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جەڭدە ئوغۇزخان غەلىبە قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن غەلىبىنى تەبرىكلەپ چوڭ بىر كېڭەش چاقىرىپتۇ. ئۆزىگە يادەم بەرگەن ئۇرۇق _ قەبىلىلەرگە «ئۇيغۇر» دەپ نام بېرىپتۇ. «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ مەنىسى «ئۇيۇشتى»، «ئىتتىپاقلارشتى»، «كۆمەكلەشتى» دېگەنلىك بولىدىكەن.