UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارچولپان

چولپان

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. بۇرۇن بىر كەمبەغەلنىڭ چولپان ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىكەنكى، ئاسماندىكى كۈن ئايلارنىڭمۇ بۇنىڭغا ھەسەت قىلغۇسى كېلىدىكەن. قىز شۇنداق چېچەن، شۇنداق زېرەك چوڭ بوپتۇ. قىز راسا ۋايىغا يەتكەن مەزگىلدە شۇ شەھەر پادىشاھىنىڭ كۆزى قىزىرىپ، قىزنى ئوردىغا ئېلىپ كېتىپتۇ ۋە ھارامغا زورلاپتۇ. بۇ نارىسىدە قىز «ئاھزار» ئۇرۇپ، خۇداغا نالە قىپتۇ. خۇدا پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ، بۇ گۈزەل قىزنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنداق باشلاپ كۆكتە «چولپان» ئاتلىق يۇلتۇز پەيدا بوپتۇ
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار