كەيخىسراۋ رىۋايىتى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە تاشكەنتتە نەشر قىلىغان «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
كەيكاۋۇس ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە كەيخىسراۋ بىن سىياۋۇش ئولتۇردى. ئۇ شاھلىق تاجىنى كىيىپلا ئادەملەرنى يىغدى ۋە ئەپراسياپ ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ئاتىسىنىڭ ئەنتىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لەشكەرلەر ئارىسىدىن يۈز مىڭ كىشىنى ئاجرىتىۋالدى ۋە تۈسى ناۋ دەرگە تاپشۇردى. ئۇلار تورانغا يول ئالدى.
ئەپراسياپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ ھەم لەشكەر تارتتى. فېراننى قوشۇنغا باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇرۇشتا توران ئەسكەرلىرى يېڭىپ چىقتى، فېرى بارز باشچىلىقىدىكى ئىران قوشۇنى يېڭىلىپ بايراقنى ئارقىسىغا ئۆرۈپ قېچىشقا باشلىدى. كېيىن كەيخىسراۋ يەنە پۈتۈن ئىران لەشكەرلىرىنى يىغىپ ئەپراسياپتىن ئۆچ ئېلىشتىن باشقا چارە يوق، دەپ ئېلان قىلدى. سىپاھلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا جەم بولۇشتى. ئەپراسياپ ھەم بارلىق تۈرك قوشۇنىنى جگم قىلغانىدى. كەيخىسراۋ ئىران بىلەن توران ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قوشۇنىنى تۆت قىسىمغا بۆلۈپ، تورانغا كىرىش ۋە قارشى تەرەپ لەشكەرلىرىنى ئورىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. گۆدەرزگە ئاختارى گاۋىيان دەپ ئاتالغان چوڭ بايراقنى تاپشۇردى. ئۇنىڭغا قوشۇپ فېرى بارزنى ھەم ئەۋەتتى. يەنە بىر قوشۇنى گىرگىن مىلود ناملىق باشلىقىنىڭ قول ئاستىدا باشقا تەرەپكە ئەۋەتتى. قالغان لەشكەرلەرنى رۇستەمگە بەردى. يەنە گوشتەھى ناملىق لەشكەر بېشىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتى. ئۆزى ئۆز مەنزىلىگاھىدا قارار تاپتى. ئەگەر بىرەر لەشكەر يېڭىلىسە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، يەڭگسە ئۇنىڭ گارشىيۈز ناملىق بىر بۇرادىرى بار ئىدى. سىياۋۇشنى ئۆلتۈرگەن دەل شۇ ئىدى. ئەپراسىياپ ئەنە شۇ بۇرادەرگە سان _ ساناقسىز لەشكەر بېرىپ جەڭگە ئەۋەتتى، «كەيخىسراۋ تورانغا لەشكەر تارتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلانىڭ ئەڭ كۆپ گۆدەرزنىڭ قول ئاستىدىكى قوشۇن، گاۋىيان بايرىقى ھەم شۇنىڭ قولىدا، سەن شۇ تەرەپكە يول ئال» دەپ ئەپراسياپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇق بەردى، كەيخىسراۋ توران قوشۇنىنىڭ يېقىنلاشقىنىنى، ئۇنىڭ باشلىقى فېران ئۆزىنىڭ تەربىيىچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى خالىمىدى. كەيخىسراۋ ۋەكىللەر ئەۋەتىپ فېرانغا مۇنداق خەۋەر قىلدى: سېنىڭ مەندە ھەققىڭ بار، سەن مېنى ئاتام ۋە ئاتام ئورنىدا تەربىيلىدىڭ، ماڭا كۆپ ياخشىلىقلار قىلدىڭ، تاكى غەلىبە قازانسام سېنىڭ ھەققىڭنى ئاقلايمەن.
فېران ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ۋە نامىسىنى ساقلىدى. ئەپراسىياپ فېراننى ئۆز بۇرادەرلىرى ھەم پەرزەنتلىرىدىنمۇ ئارتۇق قەدىرلەيتتى، ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن باشلىقى قىلىشقا مۆلچەر قىلغان ئىدى. فېران ئۆز لەشكەرلىرى بىلەن ئالغان يۈردى ۋە گۆدەرز قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدى، گۆدەرز فېران قوشۇنىغا زەربە بەردى. فېران شۇ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ھەممە بۇرادەرلىرى، ئەپراسىياپنىڭ يېقىنلىرى ھەمدە سىياۋۇشنىڭ قاتىلى گارشيۈزمۇ ئەسىر قىلىندى. گارشىيۈزنىڭ قۇلقىنى كېسىپ، كۆزىنى ئويۇپ ئۆلتۈردى. ئۇ سىياۋۇشقا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ھەم شۇنى قىلدى.
ئەتىسى كەيخىسراۋ تەختكە ئولتۇردى. نەۋرە ئاكىسى نەۋفىرانى ئوڭ قول تەرىپىگە ئولتۇرغۇزدى. ئۇنىڭغا كىرمان ۋە ماكىران ھاكىملىقىنى تاپشۇردى. كېيىن كەيخىسراۋ گۇدەرزگە مىننەتدارلىق ئىزاھار ئەتتى. كۆپ سوغىلار بەردى ۋە ئۇنى ئىسپىھان ھەمدە گوگان ھاكىملىقىغا تەيىن قىلدى. باشقا لەشكەرلەردىنمۇ خەۋەر كەلدى. ئۇلار توران يېرىدە ئەپراسىياپنى ئورىۋالغانىدى. جاھان ئەپراسىياقا تارلىق قىلغانىدى. ئەپراسىياپ ھەم ئۆز لەشكەرلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، فېراننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، گارشىيۈزنىڭ ھەممە ئەزيى بەدىنى پارە - پارە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. ئەپراسىياپنىڭ يەنىلا تېخى كۆپ ئەسكەرى بار ئىدى. ئەپراسىياپ ئوغلى شەيداغا كۆپ قوشۇن بېرىپ، كەيخىسراۋغا قارىشى ئۇرۇشقا ئەۋەتتى، شەيدا جادۇ ھۈنىرىگە ئۇستا ئىدى. كەيخىسراۋ ئۇنىڭ جادۇسىدىن قورقۇپ، قوشۇنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى، مەيداندا پەقەت قورۇق ئىبنى ھەرخان ناملىق قېرى لەشكەر بېشى بىلەن قول ئاستىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرنى قالدۇدى. ئۇ لەشكەر قوشۇنى بىلەن چارشەنبە كۈنى پۈتۈن بىر كۈن جەڭ قىلدى. ئاخىرى تۈرك قوشۇنى چېكىندى ۋە كەيخىسراۋنىڭ لەشكەر باشلىرى ئۇرلانى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى. ئۇلار يېتىپ بېرىپ شەيدانى ئاتتىن غۇلاتتى ۋە ئۆلتۈردى. تۈرك قوشۇنى يېڭىلىپ قاچتى، كەيخىسراۋ لەشكەرلىرى كۆپ ئەسىر ۋە ئولجىلار ئېلىپ قايتتى.
ئەپراسىياپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ لەشكەر باشلىقلىقىنى ئەمدى كىمگە تاپشۇرۇشنى بىلمەي قالدى. ئىنتايىن چوڭ قوشۇن توپلاپ ئۆزى باش بولغان ھالدا جەڭگە ئاتلاندى.
كەيخىسراۋ ھەم قوشۇنىنى يىغدى، ئۈچ لەشكەر بېشى ئالدىغا چىقتى. ھۆكۈمرۈنلار ۋە مەلىكىزاتلار كەيخىسراۋنىڭ ئەتراپىغا جەم بولدى. ئۇرۇش باشلاندى. بۇنداق ئۇرۇشنى ھازىرغىچە جاھاندا ھېچكىم كۆرمىگەن. ئەپراسياپ مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. كەيخىسراۋ ئۇنى قورشاپ شەھەرمۇ شەھەر قوغلىدى، ئەمما ئەپراسىياپ ھىچقانداق يەردە توختىمىدى. ئاخىرى ئۇ توراندىن چىقىپ، رۇمغا ئۆتۈپ كەتتى. ئەپراسىياپنىڭ قېشىدا لەشكەرلىرىدىن ھىچكىم قالمىدى.
ئۇ بىر مىرغىزارغا كېلىپ قالدى. ئۇ يەردە بىر كۆل بار ئىدى. ئەپراسىياپ ئاشۇ كۆلدە سۇ ئىچىگە يوشۇرۇندى. ئۇنى ئاختۇرۇپ تاپتى ۋە تۇتۇپ كەيخىسراۋنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى، كەيخىسراۋ ئۇنى ئەسىر قىلىشنى ۋە ئۈچ كۈن تېچ ھالدا ساقلاشنى بۇيرۇدى. تۆتىنچى كۈنى ئۇ ئەپراسياپنى ئۆز ھوزۇرىغا چاقىردى. ئۇ ئۇنىڭغا : «سىياۋۇشنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ، سەۋەبىنى ماڭا ئېيت» دېدى. ئەپراسىياپ ھىچقانداق سەۋەپ كەلتۈرەلمىدى. كەيخىسراۋ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرىدى. گۆدەرزگە: «بىر تەشت (جادۇ) ئېلىپ كەل» دېدى. ئەپراسىياپنى ياتقۇزدى. پۇتى ۋە قولىنى كەستى، بۇغۇزىنى قوي بوغۇزلىغاندەك جادۇ ئاستىدا توغرىدى. سىياۋۇشنىڭ بىشىنى ھەم ئۇ خۇددى شۇنداق ئۈزگەن ئىدى.
كېيىن كەيخىسراۋ قوشۇننى قايتۇردى ۋە ئۆز يۇرتىغا كەلىدى. ئۇ بارلىق خەلق ۋە ئەسكەرلىرىنى يىغىپ: «مەن جاھاندىن نېمە لازىم بولسا تاپتىم. ئەمدى جاھان ئىشىنى تەرك قىلىمەن. مەملىكەتتىن چىقىپ كېتىمەن. مەملىكەت ۋە ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇشتا كىمنى خالىساڭلار شۇنىڭغا بېرىڭلار» دېدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى غەمكىن بولۇشتى، شۇنچە كۆپ يالۋۇرۇشتى، لېكىن كەيخىسراۋ ئۇنىمىدى. ئۇ يەنە: «ماڭا ئۆلۈم كەلمەكتە، ئۆلگىنىمدىن كېيىن نېمىنى قىلماقچى بولساڭلار، ھازىر شۇنى قىلىڭلار» دېدى. خالايىق بىلدىكى، ئەمدى ھېچقانداق گەپ پايدا بەرمەيدۇ. ھامان ئۇلار بىزگە نامزاتىڭنى تايىن قىل، ھۆكۈمەتنى شۇنىڭغا تاپشۇرايلى، دەيدۇ. ئۇ يەردە لوھرەسىپ ئولتۇرغان ئىدى. ئۇ شاھزادىلەردىن ئىدى. كەيخىسراۋ قولىنى شۇ تەرەپكە ئۇزاتتى ۋە جىم بولدى. شۇ كېچىسى كەيخىسراۋ غايىپ بولدى. كېيىن ئۇنى ھېچكىم كۆرمىدى. دەيدۇلەركى، كەيخىسراۋ تاغلارغا چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان.