UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«يانلار» ئۇرۇقى ھەققىدە رىۋايەت

«يانلار» ئۇرۇقى ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەتنى لوپنۇر ناھىيىسىدىن غۇپۇراخۇن ئاكا ئېيتىپ بەرگەن. كىرورەن شەھىرى قۇم ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامان قالغان كىشىلەر لوپنۇر ئەتراپىغا كۆچۈپ، كۆلنىڭ غەرىبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنى «يانلا»، «يان يانلىقلار» (يان تەرەپتىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقۇچى) دەپ ئاتاشقان. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئۇرۇق ئەنە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئەۋلادى كۆيۈك، ئىككىنچى ئەۋلادى چاگار، ئۈچىنچى ئەۋلادى بەردى، تۆتىنچى ئەۋلاد قەزى، بەشىنچى ئەۋلادى يانلار.. ئىمىش
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار