بەھمان ۋە دارا
ئەپسانىلار
سىياۋۇش ئەپسانىسىدە تەسۋىرلىنىشىچە، كەيخىسراۋ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن لوھرەسىپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەيدۇ. بىرونىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا لوھرەسىپنى غەربتە كىر دەپ ئاتىغان.
لوھرەسىپتىن كېيىن گوشتاسىپ ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مەشرىقتىن مەغرىپكىچە ئابات ئەتتى. ئۇ زەردۇشتلىق تەلىماتىغا ياردەم قىلدى.
گوشتاسىپتىن كېيىن بەھمان تەختكە ئولتۇردى. بەھمان ھەر تەرەپكە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ، ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرنى ئىتائەت قىلدۇردى.
بەھمان ئىسپاندىيارنىڭ ئوغلى بولۇپ، لەقىمى ئەردەشىر ئىدى. ئۇ ئاتەشپەرەستلىك بىلەن دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ساسان ناملىق ئوغلى ۋە ھومان ئاتلىق قىزى بار ئىدى. چىستان ئەمرى رۇستەم ئەردەشىرنىڭ ئاتىسى ئىسپاندىيارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. ئەردەدشىرنىڭ ئانسى ئاستولىيا يەنى ئىسرائىلىيىلىك بولۇپ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك ئايال ئىدى. بەھمان ئەردەشىر تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئانىسى چىستانغا لەشكەر تارتىشقا مەسلىھەت بەردى. ئەردەشىر رۇستەمنىڭ ئوغلى فارامورز بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى، رۇستەم تېخى تىرىك ئىدى. ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى، رۇستەمنىڭ ئىككى بۇرادىرىنىمۇ ئۆلتۈردى. رۇمغا يۈرۈش قىلىپ ئۇ مەملىكەتنى ۋەيران قىلدى. كېيىن بەھمان ئۆز يۇرتىغا قايتتى، ئۆز قىزى ھومايغا ئۆيلەندى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ بىلەن ياشىدى. ئۇلارنىڭ دىنىدا مۇنداق قىلىش مۇمكىن ئىكەن. ھوماي بەھماندىن ھامىلدار بولدى. بەھماننىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشماقتا ئىدى. ئۇ تاجىنى قىزىنىڭ قارنىغا قويدى ۋە بالا تۇغۇلسا ئاشۇ ئورنۇمغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بەھمان ئۆلدى. ھوماينى تاكى بالا تۇغۇلغانغىچە پادىشاھ قىلىپ كۆتەردى. بەھماننىڭ ئوغلى ساسان ئۆزلەتكە چىكىندى، تا ئۆلگىچە چوپانلىق قىلىپ، تائەت _ ئىبادەت بىلەن مەشىغۇل بولدى. ھوماي ئۈچ ئۈيلىق بالا تۇغدى، ئەمما تەختنى بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنى خالايىقتىن يوشۇرۇپ، بالا ئۆلدى دەپ ئېلان قىلدى. ھەممە ئۇنىڭغا ئىشەندى. كېيىن ھوماي ئاتىسىنىڭ دوستلىرىدىن بىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بالىنى تاۋۇتقا سالدى ھەمدە يېنىغا كۆپ گۆھەرلەر قويدى. «كىم بالىنى تېپىۋالسا، ھەممە قىممەتلىك بۇيۇملار ئۇنىڭغا تەئەللۇق» دېدى. ئۇ تاۋۇتنى بەلخكە ئېلىپ بېرىپ تاشلىدى. شۇندا بىر تۈگمەنچىنىڭ خوتۇنى تۇغۇپلا بالىسى ئۆلۈپ قالغان ئىدى. تاۋۇتنى ئاشۇ تۈگۈمەنچى تېپىۋالدى، ئېچىپ كۆرسە ئىچىدە قىممەت باھا تاشلار ۋە چىرايلىق ئوغۇل بالا ياتقان ئىدى. تۈگمەنچى خوتۇنى بىلەن ئاشۇ بالىنى تەربىيىلەشكە ۋەدىلەشتى. ھوماي بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ تۈگمەنچىنى چاقىردى ۋە بالىنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇرۇدى. بالىنى ئىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ تۈگمەنچىگە: «بالىنى ياخشىلاپ ئۆستۈرگىن، بۇ سېنىڭ پەرزەنتىڭ ۋە مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ»، دەپ بالىنى باغرىغا باستى، بالىغا دارا دەپ ئات قويدى. ھوماي ھەر ئايدا بالىنى ئۆز يېنىغا چاقىرتىپ، ئانىلىق مېھرىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ياخشى بىر مۇئەللىمگە ئوقۇشقا بەردى. يىگىرمە ياشقا يەتكەندە دارا ھەممە ئىلىم ۋە ئەدەپتىن خەۋەردار بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھوماي بالىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭ بەھماننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، بۇ بەخت ۋە سەلتەنەت ئۇنىڭكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە خاتالىقىغا ئىقرار بولدى. خالايىققىمۇ شۇنى ئېلان قىلدى. خالايىق ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇلار: سەن ئۇنى ياخشى تەربىيىلىدىڭ، ۋاقتى كەلگەندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى تاپشۇرماقتىسەن، شۇڭا سەندە گۇناھ يوق دېيىشتى. دارانى پادىشاھلىققا كۆتىرىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئانىسى پارىسۋىلايىتىنى ئۆزىگە بېرىشنى دارادىن سورىدى. دارا رۇخسەت بەردى. ئانىسى پارىس ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئوتتۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىن ئاشۇ يەردە ۋاپات بولدى. ئىستەھىر شەھىرىنى ئاشۇ ئايال بىنا قىلغان.
ئىسكەندەر ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسيا ۋە يېقىن شەرقنى بىر ئىمپېرىيەگە بىرلەشتۈرگەن، بارلىق قوشنا مەملىكەتلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرغان ھۆكۈمدار دارا، ئەنە شۇ دارانىڭ ئوغلى دارا Ⅱ ئىدى.