UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلاريارىشىملىق ئىلاھى ھايۋان«سايىبى» ھەققىدىكى ئەپسانە

يارىشىملىق ئىلاھى ھايۋان«سايىبى» ھەققىدىكى ئەپسانە

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «ۋېي يىلنامىسى، پادىشاھلار تەرجىمىھالى كىرىش خاتىرىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. سىپاني خانلىرىدىن توياننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قىپان سىيانىپىلارنى باشلاپ ئېيتقۇسىز مۇشەققەتلىك، ئاجايىپ خەتەرلىك كۆچۈش سەپىرىگە قەدەم قويغاندا، سىپانپىلارغا «قىياپىتى ئاتقا، ئاۋازى كالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سايىبى ناملىق بىر ئىلاھى ھايۋان يول باشلىغان» ئىكەن. ئۇلار مانا شۇ يارىشىملىق ئىلاھى ھايۋاننىڭ كەينىدىن ئىگىز. تاغلار، چوڭقۇر جىلغىلاردىن ئۆتۈپ، قاتمۇ - قات توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىر يىل دېگەندە كۆزلىگە جايىغا يېتىپ كەلگەنىكەن. شۇندىن باشلاپ ئۇلار «سايىبى» ناملىق ئىلاھى ھايۋانغا چوقۇنىدىغان بوپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا«سىپانپى» دېگەن نام ئىلاھى ھايۋان «سايىبى» دېگەن نامدىن كېلىپ چىققانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار