UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«يەكەن» دېگەن نام ھەققىدە رىۋايەت

«يەكەن» دېگەن نام ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى خەلق ئارىسىدىن توپلاپ، رەتلەنگەن. مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام تارقاتقىلى كەلگەندە، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يۇرتتىكىلەر خېلى جاھىللىق قىلىپ، كۆپ قارشىلىق كۆرسىتىپتۇ. يەركەنلىكلەر بولسا ناھايىتى ئاسانلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشپتۇ ھەم ئىسلام تارقاتقىلى كەلگەنلەرنى ناھايىتى چوڭ بىلىپ ئەزىزلىگەنىمىش. شۇ سەۋەپتىن ئىسلام تارقاتقۇچىلار «بۇلار بىزگە ياركەن» دەپ ئاتىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرتنىڭ ئىسمى «ياركەن» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئاستا _ ئاستا بۇ سۆز «يەركەن» دېيىلىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
«يەكەن» دېگەن نام ھەققىدە رىۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki