UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئادىمىي ئات ئەپسانىسى

ئادىمىي ئات ئەپسانىسى

ئەپسانىلار تولستوينىڭ «ئۆزبىكستاننىڭ قەدىمكى مەدىنىيىتى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى. تاشكەنت 1944 - يىل نەشرى. «ئات» سۆزى پارس _ تاجىك تىلىدا «يوغان ئادەم»، «چوڭ ئادەم»، مەنىسىنى بېرىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا «ئادىمىي ئات» سۇ مۇئەككىلى، قەھرىمان سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا نوھ پەيغەمبەر بويى بولۇتقا يېتىدىغان بىر قاۋۇل ئۇستىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا كېمە ياساپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ئادەمنىڭ نامى« ئادىمىي ئات» ئىكەن. بۇ ناھايىتى ئىگىز بويلۇق، كۈچلۈك ئادەم بولۇپ، دەريا ۋە دېڭىزدىن لەھەڭلەرنى تۇتۇپ، ئۇنى قۇياشقا قاخلاپ، پىشۇرۇپ يەپ جاھانسازلىق قىلىدىكەن، ئادىمىي ئات نوھ پەيغەمبەرنى يەلكىسىگە مىندۈرۈپ تاغقا ئېلىپ چىقىنپتۇ. قەيەردە ئىگىز دەرەخ بولسا، كېمە ئۈچۈن كەسمەكچى بوپتۇ. تاغدا تۆت تۈپلا كاتتا چىنار بار ئىكەن. ئۇ چىنارلارنى يىلتىز _ پىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، يەلكىسىگە ئارتىپ، ئۈستىگە نوھ پەيغەمبەرنى ئولتۇرغۇزۇپ، دېڭىز بويىغا راۋان بوپتۇ. ئادىمىي ئاتنىڭ قورسىقى زادى تويمايدىكەن، ھەتتا ناشتىلىقى ئۈچۈنلا بىر كۆلچەك سۇغا نان چىلاپ ئىچىۋېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئادىمىي ئات كېمىنى پۈتتۈرۈپتۇ. ھەممە ئادەملەرنى كېمىگە سېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپتۇ _ دە، ئۆزى كېمىنى تارتىپ مېڭىپ، ئادەملەرنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزۈۋاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار