UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئىدىقۇت رىۋايىتى

ئىدىقۇت رىۋايىتى

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تۇرپان ئويمانلىقىنى ئاساس قىلىپ، تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىنىمۇ ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ئىدى. ئۇلار جايلاردا مال باقىدىغان گۈزەل يايلاقلانى، ئارام ئالىدىغان پادىشاھلىرىنى تۈركچە «ئارسلانخان» دېگەن نام بىلەن ئاتايتتى. كېيىنچە ئۇلا چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ، پادىشاھلىرىنى «ئىدىقۇت» دەپ ئاتايدىغان بولدى. «ئىدىقۇت» قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى بولۇپ، «ئىدى» سۆزى «مۇقەددەس» دېگەن مەنىنى، «قۇت» سۆزى «بەخت»، «ئالىلىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئىككسى قوشۇلۇپ، «مۇقەددەس پادىشاھ»، «مۇقەددەس بەخت ئىگىسى» دېگەن مەنىدە قوللىنىلاتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۆزىلىرىنىڭ مەركىزىنىمۇ «ئىدىقۇت» دەپ ئاتىدى.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
ئىدىقۇت رىۋايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki