UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارئوغۇزخان ئەپسانىسى

ئوغۇزخان ئەپسانىسى

ئەپسانىلار ئوغۇزخان ئوۋغا چىقىپتۇ. ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆرۈپتۇ. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆك، چېچى سۇ ئېقىندەك، چىشى ئۈنچىدەك ئىكەن. ئۇ شۇنداق ساھىپجامال قىز ئىكەنكى، يەر _ جاھاندىكى. سۈت - قېمىزغا ئايلىنىپتۇ. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كېتىپتۇ. يۈرىكىگە ئوت چۈشۈپتۇ. ئۇنىڭغا ئاشىق بوپتۇ. ئۇنى ئېلىپ، بىللە يېتىپتۇ. تىلىكىگە يېتىپتۇ. ئۇ قىز ئىككى قات بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ يەڭگىپتۇ. ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپتۇ. تۇنجىسىگە كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويۇپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار
ئوغۇزخان ئەپسانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki