سىيانپى ئەپسانىلىرى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە «مىراس» ژۇرنىلىرنىڭ 1983 - يىل 1 - سانىدىن ئېلىندى.
مىلادى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تورۇغۇر ئاتلىق بىر سىيانپى ھونلار قوشۇنىدا ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئۇنىڭغا تانشىغۇي دەپ ئات قويغان ئىكەن. تورۇغۇر بۇ ئەھۋالدىن غەزەپلىنىپ، ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىماقچى بوپتۇ. ئېرىنىڭ پەيلىنى سېزىپ قالغان ئايال دەرھال ئەقىل ئىشلىتىپ، بىر ئەپسانە توقۇپ چىقىپتۇ. ئۇ تورۇغارغا: «بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ھاۋا گۈلدۈرلەپ، دەھشەتلىك چاقماقلار چاقتى، مەن قورقۇپ كېتپتىمەن، ئاسمانغا قاراپ ئاغزىم ئېچىلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا ئاسماندىن تولا يېغىپ، ئاغزىمغا بىر دانىسى چۈشتى، ئاغزىمغا چۈشكەن تولىنى يۇتۇۋەتتىم، بولغان ئىش شۇ، شۇندىن باشلاپ قورساق كۆتىرىپ ئوغۇل تۇغدۇم» دەپتۇ. ئايالىنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن توقۇغان ئەپسانىسىگە ئىشەنگەن تورۇغۇر ئاچچىغىدىن يېنىپ، پەسكويغا چۈشۈپتۇ. سىيانپىلار تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، قۇدرەتلىك سىپانپىلار ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان ئىمپېراتور تانشىغۇي ئانىسىدىن ئەن شۇنداق تۇغۇلغانىكەن.