UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارتەڭگە تاغ ھەققىدە ئەپسانە

تەڭگە تاغ ھەققىدە ئەپسانە

ئەپسانىلار يۇقىرىقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش. بۇرۇنقى زاماندا ئاسماندا بىر تەڭرى، يەردە بىر تەڭرى بار ئىكەن. ئاسمەن تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ، كۈن دېسە كۈن خىجىل بولغۇدەك، ئاي دېسە ئاي خىجىل بولغۇدەك گۈزەللىك تەختىنىڭ سۇلتانىكەن. يەر تەڭرىسىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ باتۇرلۇقتا، مەرتلىكتە ۋە قەھرىمانلىقتا دۇنيادا تەڭدىشى يوقىكەن. بىر كۈنى ئاسمان ئىلاھىنىڭ قىزى ساياھەت قىلىپ كائىناتنى ئارىلاپتۇ. بىر يەرگە كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، جەننەتتىنمۇ گۈزەل ئاجايىپ بىر يەر كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ بۇ يەرگە چۈشۈپ شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنى، رەڭمۇرەڭ ئېچىلغان گۈللەرنى، بەس - بەستە سايرىشىۋاتقان قۇشلارنى، توپ - توپى بىلەن يايلاۋاتقان ھايۋانلارنى كۆرۈپتۇ ۋە ئاسمانغا چىقىپ كەتكۈسى كەلمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى شىكارغا چىققان يەر تەڭرىسىنىڭ ئوغلى _تۇپراق، ئاسمان ئىلاھىنىڭ قىزى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. تۇپراقنىڭ باتۇرلىقى بۇ قىزنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى مۇھەببەتلىشىپ قاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇققان ئاسمان ئىلاھى تۇپراق بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئاسمان ئىلاھى تۇپراقنى يېڭەلمەپتۇ. ئۇ دەر غەزەپ بولۇپ، بالىسىنى تەۋرىتىپ ئولتۇرغان قىزىنى تاشقا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ ۋە ئاسمانغا چىقىپ كېتىپتۇ. بۇ ۋەقە ئاتۇشنىڭ تەڭگە تاغ دېگەن يېرىدە بولغانىمىش. ھازىرغىچە تەڭگە تاغدا ئەنە شۇ قىز بىلەن ئۇنىڭ بوۋاق بالىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان جەسىدى بارمىش.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار