سامساق ھەققىدە
ئەپسانىلار
يۇقىرىقى ئىزاھاتقا ئوخشاش.
بۇرۇن بىر ئايال بولغان ئىكەن. ئۇ ئايالنىڭ بىر بالىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئايال ئاش ئەتمەكچى بولۇپ، كۆكتاتلىقتىن كۆكتات ئەكىرىپتۇ. كۆكتاتلارنى ئاقلاۋېتىپ ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر خىل ياۋا ئوتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئاشقا سالماقچى بولۇپ ئاقلاپتۇ. ئۇنى ئايالنىڭ بالىسى كۆرۈپ: «ئاپا، بۇ نېمە؟ ئاچچىقمۇ ياكى تاتلىقمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاپىسى. بالا بۇ ئوتنىڭ ئاچچىق ياكى تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ ئازراق يەپ بېقىپتۇ ۋە بالىلارچە تىل بىلەن: «ئاپا بۇ نەرسىنى ئاشقا سامىساق بولغۇدەك، ئاچچىق ئىكەن» دەپتۇ. «ئاچچىق بولسا مەيلى بالام» دەپتۇ ئاپىسى، «سامىساق، جېنىم ئاپا، سامىساق» دەپ ئەكىلەپ يالۋۇرۇپتۇ بالا.
شۇندىن باشلاپ بۇ كۆكاتنىڭ ئىسمى سامساق بولۇپ قاپتۇ. ئەسلى بۇ ئىسىم «سالمىساق» سۆزىنىڭ بالىلارغا خاس بولۇپ ئېتىلىشىدىن پەيدا بولغانىكەن.