UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«توققۇز ئوغۇز»، «ئون ئۇيغۇر» ئەپسانىسى

«توققۇز ئوغۇز»، «ئون ئۇيغۇر» ئەپسانىسى

ئەپسانىلار بۇ ئەپسانە «بۈيۈك تۈرك تارىخى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. ئىستامبۇل 1977 - يىل نەشرى. قەدىمكى ھون ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرىنىڭ بەك چىرايلىق ئىككى قىزى بار ئىكەن. بۇ قىزلار شۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنكى، پەقەت تەڭرىلەر بىلەن جۈپ بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغاندەك ئىكەن. قىزلارنىڭ دادىسى بولغان ھون ھۆكۈمدارى مۇنداق قىپتۇ. قىزلىرىنى ئىنسانلاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن مەملىكىتىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە ناھايىتى ئېگىز بىر راۋاق ياسىتىپتۇ _ دە، قىزلىرىنى بۇ راۋاققا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ھۆكۈمدارنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ چاقىرىلغان تەڭرى ئاخىرىدا بىر كۆك بۆرىنىڭ شەكلىگە كىرىپتۇ. كۆك بۆرە بۇ قىزلارغا ئۆيلىنىپتۇ. بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز، ئان ئۇيغۇر تۇغۇلۇپتۇ. توققۇز ئوغۇز بىلەن ئون ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار