UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلار«ئەرگىنە قۇن» رىۋايىتى

«ئەرگىنە قۇن» رىۋايىتى

ئەپسانىلار شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. شەرق تورا قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بىر ئۇرۇشتا ھىيلە ئىشلەتكەن دۈشمەندىن يېڭىلىدۇ. يالغۇز قايان ئاتلىق بىر يىگىت بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى نوكۇز خوتۇن، بالا _ چاقىلىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يول مېڭىپ، بىر تاغ ئارىسىدا پانالىنىدۇ. بۇ خىلۋەت جايدا ئۇلار كۆپىيىپ، بىر قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇپ تۆت يۈز يىل ياشايدۇ، كېيىن بۇ يەر ئۇلارغا تار كېلىپ قالغاچقا باشقا يەرگە كۆچمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ جىرادىن چىقىپ كېتىدىغان يولنى تاپالمايدۇ. ئاخىر بىر تۆمۈرچى: بۇ يەردىكى تاغدا تۆمۈر رۇدىسى بار ئىكەن. بىز شۇ رۇدىنى ئېرىتىپ يول ئاچايلى، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتۇن، كۆمۈر دۆۋىلەپ ئوت يېقىپ، رۇدىلارنى ئېرىتىپ، بىر تۆگە پاتقۇدەك يول ئاچىدۇ. كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياپ _ يېشىل، چۆپلىرى ئىغاڭلاپ تۇرغان پايانسىز بىر مۇنبەت يايلاققا چىقىپ ئورۇنلىشىپ، قايتىدىن ئۇلارنى جىلغىدا قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىدۇ. «ئەرگىنە قۇن» دەپ ئاتالغان مۇشۇ جايدىن چىقىپ كەتكەن كۈننى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى بايرىمى قىلىپ بەلگىلەيدۇ ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قەبىلە «تۆمۈرچى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، داڭقى ھەممە ئەتراپقا يېيىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار