UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلاردېڭىز ئىلاھىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىلىرى ھەققىدىكى رىۋيەت

دېڭىز ئىلاھىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىلىرى ھەققىدىكى رىۋيەت

ئەپسانىلار بۇ رىۋايەت «چيۇ ياڭدىكى ھەر خىل ئاچىلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. تۈركلەرنىڭ ئەجدات ئاتىسى شىمۇشىرى دېڭىز ئىلاھىسىنىڭ قىزىنى ئالغان. ئىلاھى قىزنىڭ ماكانى ئاشىد غارىنىڭ غەربىدە بولۇپ، شىمۇشىرى كېچىسى ئۇنىڭ يېنىدا قونۇپ، دېڭىز ياقىسىدىكى ماكانغا قايتىشىدا ھەر قېتىم دېڭىز ئىلاھىنىڭ قىزى ئۇنى ئاق بۇغا بىلەن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بىر قېتىم ئۇنىڭ قەبىلىسىدىكىلەر چوڭ كۆلەملىك ئوۋ قىلماقچى بوپتۇ. ئىلاھى قىز ئېرىگە مۇنداق جىكىلەپتۇ: «ئەتە ئوۋ قىلماقچى قىلغىنىڭلاردا سېنىڭ ئەجدادىڭ تۇغۇلغان غاردىن ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك بىر بۇغا چىقىدۇ. ئەگەر سەن ئاتقان ئوقيا ئوقى ئۇنىڭغا تەگسە بىز مەڭگۈلۈككە بىرگە ئۆتەيلى؛ ئەگەر تەككۈزەلمىسەڭ مۇناسىۋەتنى مەڭگۈلۈككە ئۈزۈۋېتەيلى.» ئەتىسى ئۇلار ئەتراپنى قورشاپ ئوۋ قىلىۋاتقاندا دەرۋەقە ھېلىقى قىز دېگەن بۇغىنى ئۇچرىتىپتۇ. شىمۇشىرى بار ئامال بىلەن ئۇنى قورشىغان بولسىمۇ، ئەمما قورشاۋدىن قوتۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىمۇشىرى، قورشاقتىن بۇغىنى ئۆزى ساقلاۋاتقان مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن چىقىرىۋەتكەن قەبىلە باشلىقى ئاز قاتارلىقلارنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىگە قۇربانلىق قىپتۇ. شىمۇشىرى ئۆزىنىڭ ماكنىغا قايتىپ كەلگەندە، دېڭىز ئىلاھى: «سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپسەن، سېنىڭدىن قان ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ. شۇڭا بىز مەڭگۈلۈككە ئادا _ جۇدا بولۇپ كېتەيلى» دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار