ئۇيغۇر چالغۇ - مۇزىكىلىرى ھەققىدىكى ئەپسانە
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانە موللا ئىسمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تارىخىي مۇسقىيۇن» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
«تارىخىي رەۋزە تۇسسافا» ۋە «تارىخىي رەشىدى» دە ئېيتىلىشىچە، ياپەس بىننى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈرك ناملىق بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا خۇدايىتائالا بىر ئوغۇل كارامەت قىپتۇ. ئىسمىنى خەرز قويۇپتۇ. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا تۈلكە تۇتۇپ پوستىدا ئىگىن كىيمەكنى ، تائامنى تۇز بىلەن يىيىشنى، تەمبۇر، بەربەت، ئۇدلارنى ياساپ چالماقنى كەشىپ قىلىپ، ئالەم خەلقىگە ئۆگىتىپتۇ. ئۇ زاماندا ئاتا - ئانىسى، بالىلىرى ئۆلگەندە مۇسبەت ماتىمىدە تەمبۇر چېلىپ يىغلاپ، ئۆلۈكنى كۆيدۈرۈش رەسىمى بار ئىكەن. خەرز ياپەس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. يەركەند، خوتەن دىيارلىرىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئاۋات قىلغانىكەن، يەركەند، خوتەن ئەھلى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. ئۇ زاماندىن بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۈز ئەللىك يىل ئۆتۈپتۇ. تەمبۇرغا قوي، ئۆچكىنىڭ ئۈچەي، پەيلىرىنى ئېشىپ زەي قىلىپ، تار سالغانىكەن.