«پەرھات ئۆستىڭى» ئەپسانىسى
ئەپسانىلار
بۇ ئەپسانىنى 1978 - يىلى يەركەن ناھىيىسىدىكى يەتمىش نەچچە ياشلىق ھاشىم ئاخۇن ئاكا ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، شۇ ئاساستا رەتلەندى.
چىن شاھزادىسى پەرھات ئۆزىگە يىراق بولمىغان بىر قوشنا ئەلنىڭ گۈزەل مەلىكىسى شېرىنغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق بۇ مەلىكىمۇ پەرھاتنى بىر كۆرۈپ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەتنىڭ شېرىن كۈنلىرى باشلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، شېرىننىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان ئىران شاھى خىسراۋ ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن لەشكەرلىرى بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. كۆڭلىدە پەقەت پەرھاتلا بولغان شېرىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قاپتۇ. ئۇ كۆپ ئويلاپ شۇنداق قارارغا كەپتۇ: «خىسراۋ ئالەمگە ئايان بولغان زالىم ئويلاپ شۇنداق قارارغا كەپتۇ: خىسراۋ ئالەمگە ئايان بولغان زالىم شاھ، ئەگەر ئۇنىڭ تەلىپنى دەرھال رەت قىلسام لەشكەر تارتىپ كېلىپ زورلۇق بىلەن ئەل يۇرتنى ۋەيران قىلىدۇ، پۇقرالىرىمغا ئازاب سالىدۇ، پەرھات بىلەن ئۆمۈرلۈك بىللە بولۇش قارارىم ھەم بەربات بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئورۇنلىيالمايدىغان بىر شەرت قوياي دەپ، ئەلچىلەرگە شۇنداق ئېيتىپتۇ:< مېنىڭ يۇرتۇمنىڭ غەرىبىدىكى تاغلىقتىن باشلاپ شەرقىدىكى چوڭ قۇملۇقنى بېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۆستەڭ قازسۇن. ئۇنىڭ سۈيى زەر (ئالتۇن) بولسۇن، ھەر قانداق چوڭ كالىنمۇ ئېقىتىپ كېتەلەيدىغان بولسۇ. ئەنە شۇ ئۆستەڭنى كىم بۇرۇن قېزىپ چىقسا مەن شۇنىڭغا تېگىمەن.> شېرىننىڭ بۇ تەلىپىنى ئاڭلىغان پەرھات خۇشاللىق بىلەن بىستۇن تاغلىرىنى يېرىپ، ئۆستەڭ قېزىشقا ئاتلىنىپتۇ. خىسراۋ شاھ بولسا غەزەپ بولۇپ لەشكەر تەييارلاپ، قورال كۈچى بىلەن شېرىنىڭ يۇرتىغا بېسىپ بارماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ بىر ئاقىلانە ۋەزىرى: «ئۇنداق نامەرتلىك قىلسىڭىز نامىڭىزغا ئۇيات بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئاقىلانە ۋەزىرى: «ئۇنداق نامەرتلىك قىلسىڭىز نامىڭىزغا ئۇيات بولىدۇ. ئۇنداق قىلماي باشقىچە ئامال تاپايلى» دەپ، خىسراۋغا تەسەللى - خاتىمە بېرىپتۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپتۇ. تاغ يۈرەك پەرھات قورام تاشلارنى يۇنۇپ، جاپا - مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ھەيۋەتلىك بىر ئۆستەڭ قېزىپتۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خىسراۋ سارسىمىگە چۈشۈپ، جادۇگەر كەمپىردىن مەسلىھەت سوراپتۇ. كەمپىر: «بۇنداق چارىسى ئوڭاي، ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇيمىز، خاتىرجەم بولسىلا، مەلىكە شېرىن پەقەت سىلىگىلا تەئەللۇق» دەپ بىر ھىيلە ئويلاپ، دەرھال پەرھاتنىڭ يېنىغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ شېرىننى كۈتۈپ تۇرغان پەرھاتنىڭ قېشىغا كېلىپ راساا كۆز يېشى قىپتۇ. پەرھات ھەيران بولۇپ كەمپىردىن سوراپتۇ: «ئى ئانا، نېمىشقا نالە قىلىپ يىغلايسىز؟» شۇندا جادۇگەر كەمپىر «پۇرسەت كەلدى» دەپ بىلىپ، پەرھاتنىڭ باش _ كۆزلىرىنى سۆيۈپ شۇنداق دەپتۇ: «بۇ جاھاننىڭ مەلىكىلىرى بەكمۇ ۋاپاسىز ئىكەن. مەلىكە شېرىن سەندەك دانا باتۇر يىگىتتىن خىسراۋ شاھنىڭ ئارتۇق بىلىپ، ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. سەن ئۈمىد باغلاپ يۈرگەن ئۇ مەلىكە سېنى ئەسلەپمۇ قويماي، ھازىر شاھ ئوردىسىدا بەھوزۇر ئويناۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، كۆڭلۈم بۇزۇلدى» دەپتۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان پەرھات شىردەك ھۆركىرەپ بېشىنى بىستۇن تېغىغا بىر ئۇرغان ئىكەن، تاغ پارچە - پارچە بولۇپ يېرىلىپ، ئۇ قازغان ئۆستەڭدە سۇ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىپتۇ. پەرھاتنىڭ بېشى نەچچە پارە بولۇپ كېتىپتۇ. شۇ سائەتتە كېنىزەكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ پەرھاتنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن مەلىكە شېرىن بۇ پاجىئەنى كۆرۈپ، دەرھال ھوشىدىن كېتىپتۇ. «پەرھاتسىز ماڭا مۇنداق ھايتنىڭ نېمە كېرىكى!» دەپ يېنىدىن ئالماس خەنجىرىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە سانچىپتۇ. شۇندىن شۇ ھامان پەرھاتنىڭ جەسىدى ئۈستىگە يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. شۇندىن باشلاپ بۇ ئۆستەڭنىڭ نامى «پەرھات ئۆستىڭى» دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا «پەرھات ئۆستىڭى» نىڭ نامى «زەرەپشان» غا ئۆزگەرگەنىكەن.