UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارسادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت

سادىر پالۋان ھەققىدە رىۋايەت

ئەپسانىلار سادىر پالۋان دېھقانلارغا باش بولۇپ، مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كۈنلىرىدە يىمەك - ئىچمەكتىن ناھايىتى قىينىلىپتۇ. لېكىن، پۇقرالارنىڭ ھېچنەرسىسىگە تەگمەپتۇ. ئاخىرى ئۇ مەسلىھەت قىلىپ، جاڭجۇڭ يامۇلىدىن «ئولجا» ئېلىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يىمەك _ ئىچمەك جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياراملىق يىگىتلىرىدىن بىر قانچىنى باشلاپ، باياندايدىكى جاڭجۇڭ يامۇلىنىڭ ئېگىز سېپىلى يېنىغا كەپتۇ. سېپىلنىڭ يېنىدىلا ئۇلارنىڭ كالا قوتىنى بار ئىكەن. سادىر ئاغامچىنى بېلىگە چىگىپ سېپىلغا چىقىپتۇ ۋە سېپىلدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، چوڭ بىر ھۆكۈزنىڭ بوينىدىن باغلاپ، ئۆزى يالغۇز سېپىل ئۈستىگە تارتىپ چىقىرىپتۇ ۋە سېپىل يېنىدا ئېھتىيات بىلەن كۈتۈپ تۇرغان بۇرادەرلىرىگە ھۆكۈزنى ئېگىز سېپىل ئۈستىگە تارتىپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەل _ جامائەت سادىرغا بارىكاللا ئېيتىپ، ئۇنىڭغا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «پالۋان» دەپ نام بېرىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار