UyghurWiki
UyghurWikiئاپسانىلارسەنەمجاننىڭ غېرىپنى ئىزلىشى

سەنەمجاننىڭ غېرىپنى ئىزلىشى

ئەپسانىلار داستانچى روزى مەھەممەت خاتىرىلىگەن «غېرىپ - سەنەم» داستانىغا ئاساسەن رەتلەندى. سەنەمنىڭ ئاتىسى شاھ ئابباسخاننىڭ زۇلىمى تۈپەيلىدىن، غېرىپ يۇرتى دىيار بەكرىنى تاشلاپ ئۇزاق يوللارنى بېسىپ، ئاخىرى بۇغراخاننىڭ پايتەختىگە بېرىپ قاپتۇ ۋە بۇغراخاننىڭ خورلۇقىغا ئېرىشىپتۇ. غېرىپنىڭ ئىشقى - پىراقىدا كۆيۈپ، مۇھەببەت دىشۋارچىلىقىدا ئازاپ چەككەن سەنەم، سۆيگەن ۋاپادارىنى ئىزلەپ پۈتۈن جاھاننى كېزىپ، «ئوردۇ كەنت» كە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، مۇھەببەت يولىدا دادىسىدىن تارتقان ئازاپ _ كۈلپەتلەرنى بايان قىلىپ ئەرز ئېيتىپتۇ. بۇغراخان بۇ ساداقەتمەن ئاشىق - مەشۇقلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، سەنەمجانغا غېرىپنى تېپىپ بېرىپتۇ ھەمدە خانلىق سەلتەنىتى بىلەن ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى شاھى ئابباسخانغا «نامە» يېزىپ، غېرىپ ۋە سەنەمگە زولۇم سالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاپسانىلار